barisxan يوللىغان ۋاقتى 2013-6-24 09:17 AM
ئۇيغۇرخىرىستانلىرى قۇرغان ھايات نۇرى دىگەن تورغاكىر ...
ھە، ئەسلى مۇشۇنى دىگەنمىتىڭىز؟ لېكىن سىز شۇنىمۇ بىلىسىزكى، زەبۇر، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ مەنبەسى بىر. يەنى ھەممىسى بىر ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان. لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى ئۇلانىڭ كىتابى قۇرئانغا ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن قۇرئان ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ كىتابىغا ئوخشىمايدۇ.
سىزدىن سوراپ باقاي، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىققان بولسىڭىز، ئاللاھنىڭ تىلغا ئالغان ۋەدىسىنى كۆرمىگەنمۇ؟ ئەگەر كۆرگەن بولسىڭىز نېمىشقا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەي ئۇلارنىڭ توقىغانلىرىغا ئىشىنىسىز؟
سىز بۇ دۇنيادا تامامەن ئوخشاش نۇسخلىق ئىككى ئىنجىلنى مۇمكىن ئەمەس ھەرگىز تاپالمايسىز. چۈنكى خرىستئانلار ھەر قېتىملىق نۇسخسىدا ئۇنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ نېمىشقا ئۇلانى غاپىل قەۋم دەپ ئاتاپ ئاندىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئالەمگە نۇر قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى ئەمدى چۈشەنگەنسىز؟
سىزگە شۇنى دەپ قوياي، ناۋادا قۇرئان كەرىم %100 ئىنجىلغا ئوخشاپ كەتىسمۇ مەن يەنىلا ئىنجىلنى قۇرئان كەرىمگە قاراپ تۇرۇپ ئۆزگەرتكەن دەپ بىلىمەن. چۈنكى ئاللاھ ئۆزنىڭ مۇقەددەس سۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلاپ كەلدى ۋە ئىنشائاللاھ قىيامەتكىچە شۇنداق ساقلايدۇ. چۇنكى بۇ دىگەن قىيامەتكە قەدەر بولغان ئەڭ ئاخىرقى كېتاب، شۇنداقلا بۇ دىگەن ئاللاھنىڭ ۋەدىسى.
مەن دىمىسەممۇ سىز ئۇ توربەتنى ياخشى بىلىدىكەنسىز. كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، ئۇلار ئاللاھ ئادەمنى يارتقاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلدى، پەقەت مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن باشقا.
يەنە شۇنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، ئۇلار ئاللاھ ئادەمنى يارتقاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بولغان بارلىق مۇقەددەس كىتابلارنى ئېتىراپ قىلدى، پەقەت قۇرئان كەرىمدىن باشقا.بۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامغا ھەسەت قىلدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ھەم ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق.
سىز دىگەندەك مەن ئۇ تور بەتكە كىرىپ ئۇلار بىلەن ھەتتا مۇشۇ توغرىسىدا پىكرىلىشىپمۇ باققان. لېكىن ئۇلارنىڭ باشتىن-ئاخىر جىمجىتلىق پوزىتسىيسىنى تۇتتى.
ئەمما مەن سىزنىڭ يۇقىرقى تۆت كىتابقا نىسبەتەن قانداق قارايدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. سۆزلىرىڭىزدىن قارىسام سىز خۇددى قۇرئان كەرىم شۇ كىتابلار ئاساسىدا تۈزۈلگەن دىگەن قاراشقا ئېغىپ كەتكەندەك كۆرۈندىكەنسىز. ئەمما بۇلاردىن ئاللاھ سىزنى، مېنى ۋە سىز بىز ياخشى كۆرگەن بارلىق مۆئمىن-مۇسۇلمانلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. امين~
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا timtas007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-24 09:51 AM