مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: پادىشاھ

ئۇيغۇرنىڭ چىقىش يولى نەدە؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95690
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 405
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 09:50:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئائىلە مائارىپىنى گۇللەندۇرۇىشىمىز كىرەك   چۇنكى  باشقا ما ئارىپلىرىمىز ئەخلەتلەرنىڭ ئىچىدە   بىز ھازىرچە ئۇلانى ئىلغاپ چىقىشقا ئاجىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86476
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2013-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-29 11:20:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«...سىزگە دىسەم قېرىندىشىم، ھازىرقى مائارىپتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولامدۇ؟ مائارىپ دىگەن نۇقۇل ئىمتىھان مائارىپىلا ئەمەس. ھازىرقى مائارىپ تۈزۈمى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ،بولۇپمۇ ئەخلاق ...»83-قەۋەتتىكى يۇقارقى سۆزلەر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ.
ھازىرقى مائارىپ كۆپچىلىك ئارزۇ قىلۋاتقان ئۇيغۇر ئىدلوگىيىسىنى،ئىتقادىنى،ئۆزلۈك ئېڭىنى بالىڭىزغا بىرەلمەيدۇ،سىز باللىرىڭىزنىڭ سومكىسىدىكى دەرسلىك كىتابنى ۋاراقلاپ باقسىڭىزلا بۇنى بىلىسىز.مائارىپقا مەيلى ھۆكۈمەت،مەيلى جەمىيەت،ئائىلە ياكى پەرزەنت بولسۇن غايەت زور مەبلەغ سىلىۋاتىدۇ،ئىنتايىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتىدۇ،تۈمەن مىڭ ئەپسۇس، مائارىپ باللىرىمىزغا ئىمتىھاندىن ئۆتۈشتىن باشقا ئىشقا كارغا كەلمەس قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. تىل ئەدەبىيات دەرسىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، سۇتۇق بۇغراخان،ئابدىخالىق،زوردۇن سابىرلار  ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ-سۆز چىقمىسا، تارىخ دەرسىدە ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بىر بەت مەزمۇن بولمىسا، خەنزۇتىلىدا ئۆتۈلۈۋاتقان تەبئى پەن دەرسلىرىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپلىرىدىكى مىللى ئوغۇچىلارنىڭ يىرىمدىن كۆپرەكى چۈشەنمەيلا كىتىۋاتسا، قوش تىل يەسلىلىرىدە بالىلار تەپەككۇر بوغۇق ھالەتتە،تىل ئۈگتىش باھانىسىدە كۈنلەر بىكارغا ئۆتۈۋاتسا، سىز مائارىپتىن يەنە نېمىلەرنى كۈتىۋاتىسىز.ئۇيغۇرنىڭ چىقىش يولى-مائارىپ دېگەەندىن كۆرە،ئۆزلۈكىدىن ئۈگنىش دېسىڭىز مىڭ ھەسسە توغرا بولاتتى، مائارىپنى بىر تامچە دېسەك ئۆزلۈكىدىن ئۈگنىش دەريا سۈيىنى باشلىغانغا باراۋەر، مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قىرىنداشلىرىمنىڭ داپقا ئۇسسۇل ئويناۋەرمەي ئىككى ئىغىز ھەق گەپ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.دۇنيادىكى بۈيۈك پىشۋالاردىن ئىينىشتىيىن، نىيۇتۇن،بىل گايتىسلاردىن ئىمام غازالىي،مەھمۇد قەشقەرى،ھەتتا مەھەلىمىزدىكى كارخانىچىلارغىچە ئۆلۈكىدىن ئۈگنىشنىڭ ھوسۇلىنى كۆرگەن،بالىڭىز مەكتەپتىكى نەرسىلەرگە بەك ئېسىلۋالماي،تاللاپ زۆرۈر نەرسىلەرنى كۈچەپ ئۈگەنسۇن.
گېپىم خاتا بولسا كەچۈرۈڭ، توغرا بولسا ئويلىنىڭ بىقىڭ.

بىز-مىللەت تۇيغۇسى سۇس، يۇرتۋاز خەلق.مانا بۇ- بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش