پادىشاھ يوللىغان ۋاقتى 2013-6-23 09:07 PM
تورداش asma0996يازغان ئىنكاسىڭىزنى كۆردۈم سىز بىر نەچچە ب ...
... مەن مائارىپتىن ۋاز كېچەيلى دىمىدىم! ئۆزىمىزگە خاس بولغان، ئۆزىمىز چۈشۈنۈدىغان ئائارىپتا ئوقۇتساق دىمەكچى! قوش تىل ئوقۇتۇش دەپ، ئۇيغۇر تىلى بويۇن قىسىپ، بالىلار، ئاتالمىش قوش تىلغا ماسلىشالماي،يا ئۈگىنەلمەي، يا ئۇيغۇر تىلىنى راۋان ئېلىپ بارالماي، باشلانغۇچنى ئىسمىنى يازالماي تۇرۇپ پۈتتۈرمەكتە! ھازىرقى مائارىپتا سان بار لېكىن سۈپەت يوق! ئوقۇتقۇچىلار،، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغىلا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئوقۇش نەتىجىسى بىلەن كارى يوق! بىزگە بۇنداق مائارىپنىڭ كېرىگى يوق! بۇ پەقەت ۋاقىت ئىسراپچىلىغى خالاس! سىز، ئۈرۈمچىدە خىزمەتنىڭ كۆپلىگىنى ئېيتىپسىز، بەلكىم ئۈرۈمچى مەركەز شەھەر بولغاچقا، ئادەم كۆپ، خىزمەت تاپماقمۇ ئاسان، لېكىن ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەردە ئۇنداق ئاسان ئەمەستە؟ ئۈرۈمچىدىن باشقا شەھەردە خىزمەت بىزلەرگە ئاشمايدۇ، ئۇرۇمچىگە خىزمەت ئىزدەپ بېرىپ قىلايلى دىسە، ئولتۇراق مەسىلىسى! ئورنى ياخشى يەرلەردە، ئۆي ئىجارىسى بەك قىممەت! يىللىق ئىجارىسى يىگىرمە مىڭدىن ئاشىدىكەن، يەنە تاماق مەسىلىسىمۇ بار. مۇشۇنداق شارائىتتا، «خىزمەتنى ئاسان تاپىدىغان » ئۈرۈمچىگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ مۇشۇنداق شارائىتتا يەنە سىز گۇنانى ئۇيغۇرلارنىڭ«ھورۇن»لىغىغا قويامسىز؟
ئوقۇشتا كەسپ تاللاشنى تىلغا ئېلىپ قاپسىز؟ ھازىر ئۆز كەسپىنى قىلىۋاتقانلار قانچىلىك؟ مەيلى قانداق كەسپنى پۈتتۈرسۇن، مەمۇرىلىققا ئىمتاھان بېرىپ ئۆتسە، ئۇيغۇرلار ، بىرەر يېرىم مىڭ كوينىڭ قۇلى بولۇپ، ياللانما ساقچى بولۇپ روپاش تۇتۇشقا، ساقال قىرىشقا مەسئۇل بولۇپ كوچا چارلايدىكەن، يەنە كەسپنى توغرا تاللىمىدى دەپ ئاغرىنامدۇق؟ ھەتتا، يېزا قىشلاقلارغا، يېزا كادىرى بولۇشقا ئىچكىرىدىن يۆتكەۋاتسا.......
مېنىڭ «ئوقۇسا خاسلىغىنى يوقۇتىدۇ» دىگىنىم يوق! دىمەكچى بولغۇنۇم، ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشكە قادىر بولالمىغان مىللەتنىڭ مائارىپىدىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ دىمەكچى.....
سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىز بەك بىرتەرەپلىمە ئىكەن، يازغان تېمىللىرىڭىزمۇ ھەم شۇنداق! تېما يازغاندا، تەپەككۈرىڭىزنى ئۈرۈمچىگىلا قارىتىۋالماي، تۆۋەنگىمۇ نەزەر سېلىڭ! ئۈرۈمچى بىلەن تۆۋەننىڭ ئاسمان زىمىن پەرقى بار! ساقىلىغا چىققان تۈككە ئىگە بولالمىغان مىللەتنىڭ ، خىزمەت تاللاش، ھوقۇقى بولامدۇ؟
سىز مىللىتىڭىزنىڭ قايسى ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىسىز؟ بىلىپ باقساق بولارمۇ؟؟؟؟؟