ھورمەتلىك قاسىم سىدىق ئەپەندىم،
مەن سىزنىڭ چۈشەندۈرىشىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. سىز ئوتتۇرىغا قويغان ئۇ تىئورمىنىڭ مۇنداق 2 خاتالىقى بار:
(1) تېزلىك كۈچكە ئايلىنالمايدۇ. شۇڭا ئۇ بىر ھەرىكەت ياكى تۇراقلىققا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. نيۇتوننىڭ 2-قانۇنى مۇنداق:
كۈچ = (ماسسا) x (تېزلىنىش)
x = كۆپەيتىش بەلگىسى
بۇ يەردە «تېزلىنىش» كە ئىنتايىن قاتتىق دىققەت قىلىش كېرەك. تېزلىنىش كۈچنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما تېزلىك ئۇنداق ئەمەس.
(2) تۆۋەندىكى رەسىمدە بىر سائەت ئىستىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ئايلىنىپ، ھەمدە پەستىن يۇقىرىغا مېڭىۋاتقان شار كۆرسىتىلگەن. مەزكۇر رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، شارنىڭ سول تەرىپىدىكى ھەر بىر نۇقتىغا، ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىر نۇقتا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى نۇقتىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈز سىزىق شارنىڭ مەركىزىدىن ئۆتىدۇ. ھەر بىر «كۆك تېزلىك» نى ئۆز-ئارا تىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدىغان ئىككى تارماق تېزلىككە بۆلۈش مۇمكىن. شۇنداق قىلساق، ئىككى «يېشىل تېزلىك» ئۆز-ئارا يىيىشىپ كېتىدۇ. ئىككى «قىزىل تېزلىك» مۇ ئۆز-ئارا يىيىشىپ كېتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ شار ھەرگىزمۇ بىر تەرەپكە ئاغمايدۇ.
بۇنداق فىزىكىلىق ھادىسىنى بىر توپنى بىر توپ مەيدانىدا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئىسپاتلاش مۇمكىن ئەمەس. سەۋەبى، بىر توپ ھەرگىزمۇ بىر مۇكەممەل شارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇنداق تەجرىبىدە، ئەگەر ھېچ قانداق شامال يوق، دەپ پەرەز قىلساق، توپنىڭ بىر تەرەپكە ئېغىشى ئىككى تەرەپتىكى سۈركۈلۈش كۈچىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىز ئوپمۇ-ئوخشاش تەجرىبىنى 1000 قېتىم تەكرارلىيالىسىڭىز (بۇمۇ بىر توپ مەيدانىدا قەتئىي مۇمكىن ئەمەس)، ئۇ توپ تەخمىنەن 500 قېتىم ئوڭغا، تەخمىنەن 500 قېتىم سولغا ئاغىدۇ.
مېنىڭ بارلىق تورداشلارغا تەكلىپىم، يۇقىرىقىدەك پەرەزلەرنى ھەرگىزمۇ باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقماڭلار. ئۇنداق قىلىش ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان بىر نادانلىقتىن باشقا نەرسە بولالمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-26 10:24 AM