مەن تۈنۈگۈن تۆۋەندىكى ئىنكاسنى بىر تېمىنىڭ ئاستىغا يېزىپ، ئۆزەمنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىنى تورغا چىقىرىمەن، دېگەن ئىدىم. ئۈستىنكى ئىنكاستا مەن ئۇنى بىر چاپلانما ھۆججەت قىلىپ يوللاپ باقسام، بولمىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا قويۇپ قويدۇم. بولسا ئۇنى بىر ئېچىپ كۆرۈپ باقساڭلار. ئېچىلسا ماڭا خەۋەر قىلىپ قويساڭلار. رەخمەت.
http://www.meripet.com/Papers/AO_07b_6423.pdf
تۈنۈگۈنكى ئىنكاسىم:
مەن 1997-يىلى ئۆزۈم دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان ئالىي مەكتەپتە يېرىم كۈن دەرس ئۆتۈپ، يېرىم كۈن دوكتۇر-ئاشتى بولۇپ ئىشلىگەن ۋاقتىمدا، لاسېر نۇرىنى دىيامېتىرى بىر قانچە مىكرو-مېتىر كېلىدىغان زەررىچىلەرگە قارىتىپ ئاتقاندا، ئۇ نۇرنىڭ زەررىچىلەرگە يۈرگۈزىدىغان كۈچلىرىنى ھېسابلاپ چىقتىم. تۆت تال لاسېر نۇرىنى 90 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ياسىغان شەكىلدە بىر دانە زەررىچىگە قارىتىپ ئاتقاندا، ئۇ زەررىچىنى ئىنتايىن مۇكەممەل تۇتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئىستاپلىدىم. بۇنى شۇ يىلى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «Applied Optics» دەپ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلدىم. ئۇ كۈچلەرنى ھېسابلاپ چىقىشقا 3-4 ئاي ۋاقىت كەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مەكتىۋىمدىكى باشقا ئىككى پروفېسسورنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىنگلىزچە «Laser trap» دەپ ئاتىلىدىغان، ئۇيغۇرچە مەنىسى «لاسېر نۇرى قاپقىنى» غا يېقىن كېلىدىغان بىر لاسېر ئەسۋاپىنى ياساپ چىقتىم. ھەمدە ئۇنىڭدا مىكرو-مېتىرلىق زەررىچىلەرنى تۇتۇپ، لاسېر نۇرىنىڭ 4 تال نۇرلۇق تالادىكى نۇر كۈچىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق زەررىچىنى بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە يۆتكەپ، بۇ جەرياننى فىلمغا ئېلىۋالدىم. بۇ تەجرىبىنى تاماملاشقا 6 ئايدەك ۋاقىت كەتتى. ھەمدە ئاشۇ ئاساستا بىر خەلقئارالىق ئىلمىي ژورنالدا يەنە بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇق. مەن ئەتە ئاشۇ ماقالىلارنى مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويۇشقا تىرىشىپ باقاي. ئەگەر قىزىقسىڭىز كۆرۈپ بېقىڭ.