مەن سەت كومىدىيەلىك قىلىپ راۋاجلاندۈراتتىكەنمەن ، لېكىن بۇ ئەسەر قولىڭىزدا روياپقا چىقىپ قاپتۇ ئەمەسمۇ
قىسقىچە بايانىمنى دەپ باقاي ، كېيىنچە ئۆزگەرتىپ يازسىڭىز ، خېمىتۇرۇچ بولۇپ قالار،
خۇتۇنى كېلىپ 600سومغا سورايدۇ ، سىز بەرمەيسىز ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭماقچى بولىدۇ ،سىز تۇنجى خېرىدارنى قاچۇرۇشنى خوپ كۆرمەي ماقۇل بولىسىز ، دەل شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بالىسى كېلىپ قالىدۇ ۋە سىزدىن يەنە باھا تالىشىدۇ، 500كوي دەپ باھا قۇيىدۇ سىز ئۇنىمايسىز، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر دوستىنىڭ 500كويغا ئالغانلىقىنى شۇ پۇلغا بەرسە ئالىدىغانلىقىنى بولمىسا ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ سىز ئۇنىمايسىز ، لېكىن ئۇلار نەچچە قەدەم ماڭا ماڭمايلا سىز يەنىلا تۇنجى خېرىدار ھۆرمىتى دەپ ماقۇل بولىسىز، لېكىن دەل شۇ چاغدا يەنە بىر ئىش يۈز بېرىدۇ يەنى ئۇلارنىڭ بىر تۇغقىنى كېلىپ قالىدۇ ،ۋە ئۇلارنىڭ سائەتنى 400گە سېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ سىزدىن ئەرزانراق بېرىشنى بولمىسا ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ، لېكىن سىز بۇ چاغدا قىزىپ قالغان ياقا يىرتىپلا ئۇلار بىلەن جىدەللىشىپ قالىسىز ، ماجىرا چوڭىيىدۇ ، ساقچىلار كېلىپ دۇكىنىڭىزغا جەرىمانە قۇيىدۇ ، ئۇلار بولسا خاتىرجەم كېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن سىز كەچتە تاماكا چىكىپ(چەكمىسىڭىز كەچۈرۈڭ)ئۆزىڭىزنىڭ سودا قىلىشقا ئېپىڭىزنىڭ يوقلىقىنى بايقايسىز ۋە سودا ئېڭىڭىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئاتلىنىسىز
شۇنىڭ بىلەن ھېكايە مۇكەممەللىشىدۇ ، ئىپادىلىمەكچى بولغان مەركىزى ئىدىيەمۇ ئىنىق گەۋدىلىنىدۇ. مەن مۇنداقلا تەسەۋۇر قىلىپ باقتىم خالاس