katran يوللىغان ۋاقتى 2013-6-28 12:17 AM
ئۆزى سەتنىڭ سۆزى سەت دەپ بىكار ئېيتمىغان كونىلار، ...
تۈنۈگۈن قەشقەردە يەرمەنكىدە مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگەن ئىش ،خوتەنلىك كارخانىچىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكە ئەھلىگە ئەتراپلىق چۈشەندۈرىشى ۋە كۆرگىلى كىرگەنلەرگە مەھسۇلاتلىرىدىن سوۋغات قىلىشى(بىكارغا جۇمۇ) بولدى .دىيارىمىزدىكى باشقا كارخانىلارنىڭ قىلغان چوڭ ئىشى بىر ۋاراقتىن تەشۋىقات قەغىزى بولدى خالاس،ئۇتەشۋىقات قەغىزىنىڭ كۆپلىكىدىن سىرىتقا چىقىپلا ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىۋەتتىم ،بىراق خوتەنلىك كارخانىچىلارنىڭ سوۋغات قىلغان مەھسۇلاتلىرىنى ئۆيگە كېلىپ قايتىدىن تېتىپ كۆرۈپ چۈشەندۈرۈشلىرىنى قايتىدىن ئوقۇپ شۇ مەھسۇلاتلارغا نىسپەتەن چۈشەنچەم ۋە تونۇشۇم چوڭقۇرلاشتى .ياشاپ كەت بىرنى بىر دەيدىغان ،ۋۇجۇدىغا ساختىپەزلىك يات بولغان خوتەن ئۇيغۇرلىرى