پۇتبول مەيدانىدا يارىلىنىش، قەستەن يىقىتىۋېتىش ئىشلىرى دېگەن نورمال ئىش. بىراق، ھەر كەسپنىڭ ئۆزىگە خاس ئەخلاق ئۆلچىمىنى شۇنداقلا تۈزۈملىرى بار.
رايونىمىزدا ئۇيغۇرلار ئىچىدە بارىدىنمۇ ياخشى توپ تېپىدىغانلار ئاز ئەمەس، بۇنىڭغا مەن تولۇق ئىشىنىمەن. سەۋەبى: رايونىمىزنىڭ كىلىماتى ئىسسىق، قۇرغاق، يىمەك ئىچمەك جەھەتتە قۇۋەتلىك يىمەكلىكلەرنى ئاساس قىلىمىز. بەدەن ساپاسى جەھەتتە ئۇزاق مۇددەتلىك قاتتىق ھەرىكەتكە چىدامچانلىقىمىز يوقۇرى. شۇڭا دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە 100 ياشتىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدىغانلار كۆپ. دېمەك بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا پۇتبۇل ۋە شۇنىڭدا ئوخشاش ئېغىر تەنھەرىكەتكە ماس كىېلىدىغانلار ھەقىقەتەن كۆپ چىقىدۇ. بىراق پۇرسەت كەمچىل ياكى پۇرسەت بىرىلمەيدۇ. مەسىلەن: بوكس، ۋاسكىتبول، چېلىشىش تۈرلىرىدە دۇنياغا تونۇلغان تەنھەرىكەتچىلىرىمىز كۆپقۇ. مەسىلەن مەن بىرنەچچىنىلا كۆرسىتەي: ئابدۇراخمان (بوكسچى) قانات (قازاق، بوكسچى) شىرئەلىجان (ۋاسكىتبولچى) ...... شان شەرەپ ئالدىدا ئۆزىنى يوقۇتىپ قويماسلىق، كەمتەرلىك بىلەن ئەتىسىنى كۈتۈۋېلىش، كېيىنكى نەتىجىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئاساس سالغانلىق، يوقارقى مەن تىلغان ئالغان چولپانلار ھەقىقەتەن كەمتەر. ئەخلاق جەھەتتە مىللىي خاسلىققا ئىگە.
دۇنياغا تونۇلغان پۇتبول چولپىنى
كاكا نىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە، ناھەقچىلىققە ئۇچرىغاندىكى بىرقانچە رەسىملىرىنى يوللىدىم، بۇ رەسىملەردىىكى چىراي ئىپادىسىدىن قانداق ھېسياتتا ئىكەنلىكىنى چۈشۈنىش تەس ئەمەس.
كاكا قارشى تەرەپنىڭ توپىنى تارتىۋالغاندا قارشى تەرەپ ئەزاسى قەستەنلىك بىلەن يېتىۋالغانچە سېرىق نومۇر بىرىلگەن
سېرىق كەرتا بىرىلگەندىكى كاكانىڭ چىرايى