مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bax

بارى 25 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەيدىغان بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 1306
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 92303
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:16:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارى ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنۇلغان ياخشى توپچى . بىراق ئۇ ئۈزىنىڭ ئالدىدىكى ئۇزۇن شۇنداقلا مۇشاقەتلىك بۇ  يولنى قانداق بېسىشنى بىلسە ياخشى بۇلاتتى ...
پوتبول تۈرى بولسا ئىزچىل ھالدا دۇنيادا ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشىپ كىلىۋاتقان بىر تۈرلۈك تەنھەركەت تۈرى ، ھازېر خەلىقارادا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر بىرىگە  ئىقدىسادى جەھەتتىكى شۇنداقلا ھەربىي جەھەتتىكى كۈچىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىشتىن باشقا يەنە  پوتبول جەھەتتىكى كۈچىگە قاراپمۇ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ . دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پوتبول مۇسابىقىللىرى شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىس - تۈتەكسىز ئۇرۇشى بۇلۇپ مۇسابىقىدە يىڭىپ چىققان دۆلەت خۇددى ئۇرۇشتا يەڭگنىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلنىۋاتىدۇ ،   يەنە بىرقانچە چوڭ دۆلەت زۇڭتۇڭ باشلىقلىق رىقابىتىگە قاتنىشقۇچىنىڭ چۇقۇم پوتبول بىلىشى  ۋەزىپىگە چىقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بۇلۇپ تۇرىۋاتىدۇ ،

شۇنىڭ ئۈچۈن نۆۋەتتىكى خەلىقارادىكى مەشھۇر كۇلۇپلارنىڭ داڭلىق توپچىللىرى . مەسىلەن : مىسسى . بېكخام . كاكا . دەك نۇرغۇنلىغان مەشھۇر توپچىلار توپ تىپىش ئارقىلىق  نۇرغۇن كىرىمگەئىرىشىدىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇلار   باشقا بىر نەرسىنى ئەڭ مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيىدۇ . ئۇ بولسىمۇ كەسپىي ساپا . ۋەتەنپەرۋەرلىك . ئۈزىنىڭ پۇتبول غايىسى  مانا بۇلار ئەشۇ چولپانلارنىڭ  ئۈزىنىڭ ئىرىشىدىغان غايەت زور كىرىمنىڭ ئالدىغا قويغان ئەڭ مۇھىم نىشانىدۇر .
بېكخامنى ئېلىپ ئېيتساق . ئايالى ۋىكتورىيە بىلەن ئىككىسى نۆۋەتتە مودا ئېقىمنىڭ باشلامچىللىرى  بېكخامنىڭ توپ تىپىش ۋە ئېلان ئارقىلىق قىلغان زور كىرىمىدىن باشقا ئايالى ۋىكتورىيەنىڭ مەخسۇس ماركىدىكى لاھىيەلەنگەن كىيىملىرىدىن قىلغان كىرىملىرى قۇشۇلۇپ بۇلار پۇلغا كۈمۈلۈپ قالغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى . بىراق بېكخامچۇ ؟ شۇنچىۋالا مال دۇنيانىڭ ئىچىدە ئۈزىنى قىلچە يۇقۇتۇپ قويغىنى يوق . بېكخامنىڭ ئىلگىركى چوڭ - كىچىك مۇسابىقىلەردە . مەيلى مۇسابىقىگە قاتناشسۇن ياكى قاتناشمىسۇن ئۆز كۇلۇبىنىڭ يىڭىلىپ قالغان ئەشۇ دەقىقىلىرىدە قانچە قېتىم كۆز يېشى قىلغانلىقىنى . پوتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئەشۇ دەقىقىلەردە قانچىلىك كۆز يېشى قىلىپ ئازاپلانغانلىقىنى ھەرقانداق بىر پوتبول مەستانىسى بىلىدۇ . ئۇ نىمە ئۈچۈن كۆزيېشى قىلىدۇ . ؟ پۇل ئۈچۈنمۇ ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . ئۇ خالىغان بىر ژورنالنىڭ مۇقاۋىسىغا ئۇخلاپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈپ بەرسىمۇ نۇرغۇن ھەققە ئىرىشىدۇ . ئۇنىڭ كۆز يېشى قىلىشىدا بىرلا سەۋەپ بار . ئۇ بولسىمۇ ئۆز كەسپىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق .

شۇلارمۇ بىركىچىدە داڭلىق چولپان بۇلۇپ پۇلغا كۈمۈلۈپ كەتمىگەن . نۇرغۇن داڭلىق توپچىلار نامرات ئائىلىدىن كىلىپ چىققان ۋە ئۆز غايىسى ئۈچۈن نۇرغۇن قۇرغانلىقلارنى بەرگەن . ۋە ھازېرقىدەك كۈنگە كەلگەن شۇنداقتىمۇ نۇرغۇن توپچىلار  ئۈزىگە سەلدەك ئېقىپ كەلگەن مال دۇنيا شۇنداقلا يۇقرى ئىمتىيازلار ئالدىدا ئۈزىنى قىلچىلىك يۇقۇتۇپ قويغىنى يوق .

مىسسىنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇنىڭدەك  ياش توپچىغا نىسپەتەن  نۇرغۇنلىغان  مال دۇنياغا ئىرىشىشى ۋە ئالىي شەرەپلەرگە ئىرىشىشى ئۇنى قىلچىلىك بۇشاشتۇرۇپ قويغىنى يوق . ئۇ ئەتراپىدىكىلەرگە  نىمە دەيدۇ ؟« مەندىن كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازاندىڭىز دەپ سورىدىڭىزما ؟ ياق مەن تېخى ئەمدىلا يولغا چىقتىم » مانا بۇ  پوتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق . مانا بۇ كەسپىي ساپا ....

بىر ئادەمدە ھەرقانچە كۆپ پۇل  ۋە ئمتىياز بولسىمۇ ئۇ ئادەمدە  ئازراق  ئادىمىي ساپا ۋە كەسپىي ساپا بولمىسا ئۇزۇن ئۆتمەيلا خاراپلىشىشقا يۈزلىنىدۇ . مەسىلەن دىگەندە  ئىلگىرى دۇنيادا بىر مەھەل كاتتا دەۋېر سۈرگەن بوكىس شاھى تەيسىنى  ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدۇ . 90 - يىللىرىنىڭ باش ئاخېرلىرىدا تەيسىننىڭ نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن . بىر قېتىملىق مەيدانغا چىقىش ھەققى 21 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى بولغان . شۇنداقلا 6 يۈز مىلىيۇن دوللاردىن يۇقرى مال دۇنياغا ئىگە بولغان بۇ داڭلىق بوكىس شاھى نىمە ئۈچۈن بىر قانچە يىلدىلا غايەت زور مال دۇنياسى پاك پاكىزە تۈگەندىن باشقا يەنە نۇرغۇن قەرىزگە بۇغۇلۇپ قېلىشى نىمىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ .؟  تەيسىن دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان بىر تالانىت ئىگىسى ئۇنىڭ بوكىس تالانتىنى ھازېرقى ھەرقانداق بىر بوكىس شاھلىرىنىڭ ئالدىغا قۇيۇشقا بۇلىدۇ . بىراق شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ نىمە ئۈچۈن بۇنچە تىزلا ۋەيران بۇلۇپ كىتىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى  كۆپ ئىچىدىكى نىگىزلىك سەۋەپ بولسا تەيسىندىكى كەسپىي ساپانىڭ تۈۋەنلىكىدە .........   

بارىنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ توپ تىپىش تالاتنتى بار . مىللىتىمىزمۇ ئۇنى ئاخېرغىچە قوللايدۇ . بىراق بارى شۇنى تۇلۇق ئويلىشى كىرەككى  ئۇ ئەمدىلا يولغا چىقىشقا تەمشىلىۋاتقان يېشىل يۇپۇرماق . ئۇنىڭ ئالدىدا يول ئۇزاق شۇنداقلا باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەت ۋە مىللەتتتىن بولغان توپىچنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش يۇلىدا يوق بولغان بىر خىرىس بارىنىڭ ئالدىدا بار . شۇنىڭ ئۈچۈن بارىنىڭ ھازېرقى ئالتۇن ۋاقتىنى  شۇنداقلا قىل ئۈستىدە تەۋرىنىۋاتقان پۇرسىتىنى  قىزلار بىلەنلا ئەيىش ئىشرەت ئىچىدە  ئۆتكۈزىۋەتمەي ئۆز كەسپىگە كۆپرەك ئاجرىتىشىنى  كەسپىي ساپاسىنى ياخشىلاپ مەسىلىلەرگە سۇغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىنى  ئۆز تالانتىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ  ھەقىقى مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنى  ۋە دۆلەت ھالقىپ خەلىقارا كۇماندىلاردا توپ تىپىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ۋە ئۇنى ئاخېرغىچە قوللايمىز . ئەنە شۇ ۋاقتىدا پۇل ئۇنى ئۆزلىگىدىن ئىزدەپ ئاۋارە قىلىدۇ ....
ئەشۇ ۋاقتىدا بارىنىڭ رەقىپ كومانسىدىغا قىلغان قانداق  گىپى بولسۇن ياكى چىقارغان ئوتتۇرا بارمىقى بولسۇن ھەقىقى ئاخپارات قىممىتىگە ئىگە شۇنداقلا خەلىقارالىق مۇنازىرىگە نىمىسىغا ئىگە بىر ھەركەت بۇلۇپ قالىدۇ . بىراق ھازېر ئۇنداق قىلىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ ... چۈنكى نۇرغۇن يامان كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرىۋاتىدۇ .... بۇ كۆپ سانلىق  يامان كۆزلەر دۆلەت كۇماندىسىنىڭ كەلگۈسى  100 يىلدىمۇ  دۇنيا لۇڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىققا رازىكەنكى ھەرگىزمۇ بىر ئاز سانلىق تالانىت ئىگىسىنىڭ ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇشىنى خالىمايدۇ .  


خۇددى دادام ئېيتقاندەك« ئۇيۇننى ھەرقاچان ئوينىۋالغىلى بۇلىدۇ . چۈنكى ئۇيۇن دىگەن مەڭگۈ قېرىماي قىز پېتى تۇرىدۇ . بىراق ئۇغۇل بالىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بىرلا قېتىم بۇلىدۇ . »

شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەم دىگەندە قانداقلا بولسۇن بىر غايە بۇلۇشى كىرەك . ۋە شۇ غايىسىنى تۇلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشىشى كىرەك . ھەقىقى كەسىپتە نەتىجە قازىنىپ بولغاندا ئوينىسىمۇ كىچىكمەيدۇ . ئۇ ۋاختىدا ئوينىغان ئۇيۇن باشقىچە لەززەتلىك ۋە ئىناۋەتلىك بۇلىدۇ ....

خۇددى قايسىدۇر بىر ماتېريالدا ئۇقۇغىنىمدەك :{ مۇسابىقە كۈرۈپ ئولتۇراتتىم . 4 ياشقا كىرگەن ئوغلۇم مەندىن دادا  پوتبول دىگەن نىمە دەپ سورىدى ؟ مەن قۇلۇمدىكى تاماكىنى كۈچەپ بىر قانچىنى شورىۋەتكەندىن كىيىن ئىچىمگە بىر تىنىۋېتىپ  پوتبول دىگەن " دىياگو مارادونا  "  دەپ جاۋاپ بەردىم ..  } نىمە دىگەن قالتىس ئېيتىلغان سۆز بۇ .....  
   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-30 06:58 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jasuryigit + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

يالغۇز قالغىنىڭدا مەيۈسلەنمە ، چۈنكى بۆرىمۇ يالغۇز قالغاندا ئايغا قاراپ ھۇۋلايدۇكى ھەرگىزمۇ تۈلكە بىلەن دوسىت بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90350
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-9
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 06:30:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاڭ بەسەينىڭ بارىنىڭ ئاتائانىسىنى ھاقارەتلىدى دىگىنىگىمۇ ئېشەنگۈم كەلمىدى نېمىشقا دەمسەن    چۈنكى ھىلقى كۈرنۈشتە بارى ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي يۈگۈرۈپ خىلى بىر يەرگە بارغاندا سەت ھىجىيىپ ئوتتۇر بارمىقىنى چىقىرشى .......ئۇنداق خورلۇققتا قالغان ئۇيغۇر ئوغلانى شۇنىڭدەك ھەزىلكەشتەك ھىجىيامدۇ ........ئۇنىڭ ئۇنداق دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئاقلاش ......ئورنىدا مەن بولسام خۇددى زىدانى دۇنيا لوڭقىسىدا بىر كاللا بىلەن قىزىل كارتا يەپ چىقىپ كەتكەنگە ئوخشاش ئۇ ۋاڭ توڭگۇزنڭ گومشىرنى ئېزېۋىتتەتىم ...ئاندىن مەيداندىن قىزىل كارتا بىلەن چىقىپ كىتەتىم ھىلقى ئەقلاقسىز دىگەن ئاتاققا قالمايتىم ھىچ بولمىسا.......
غۇرۇرلۇق   ۋژدانلىق بول ئابدۇل بارى !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
DUL + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91161
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-2-4
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 07:07:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىنىڭ كىيىنكى نەتىجىلېرى ئۈچۈن تىلەك تىلەيلى . رىپىر ئاۋازنى ئاڭلىماي بارىنىڭ ھەركىتىنى كۆرۈپ قالغان گەپ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1079 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 07:22:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخسالىق قىلسا،يانجۇققا زىيان

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95621
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2013-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 07:27:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahmut0992 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-30 01:05 PM
قىرىنداشلار پوتپولچىمىز بارىغا ياخشى سوزلەر بىلەن تەس ...

    سىزنىڭ قاراشلىرىڭىزغا مەنمۇ قوشۇلىمەن... ، نېمىلا دىگىنىمىز بىلەن قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن بىزنى مۇشۇنچىلىك تونۇتالىغان يىگىت بولماقمۇ ئاسان ئەمەس ، خاتالاشمايدىغان بىر ئاللاھقا خاس ئەمەسمۇ؟؟
    كىچىك خاتالىقلار بۇلۇپ تۇرۇدۇ ئەمەسمۇ، ئاخىردا يەنە ئۆز خاتالىقىنىمۇ ئۈستىگە ئاپتۇ ئەمەسمۇ~
    لېكىن قارشى تەرەپنىمۇ جازالىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن!!!

ھەركەت ئەڭ ياڭراق ئەمەلىي تىلدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19751
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6015
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2014-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 07:28:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇچە مۇنبەرلەرنى كۆرۈپ چىقتىم، 90% كۆپۈرەك ئەزالار بارىنىڭ قىلغىننى قوللاپتۇ، ھەم ۋاڭ چوشقىنى بەك تىللىۋىتپتۇ، بۇ ئادالەتسىزلىكىلەرنى شۇلار ھىس قىلالىغان يەردە يەنە بۇيەردە ئوغلانىمىزنى تىللاپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق بالىلار، گەرچە بارىنىڭ قىلغىنى كەسپى ئەخلاققا يات بولسىمۇ كۆزئالدىدىكى ئادالەتسىزلىككە چىدىمىغان گەپ، ئۇ بىزگە نۇرغۇن خوشاللىقلارنى ئىلىپ كەلگەن چولپان ئازغىنە خاتالىق تۈپەيلى بۇنداق كۆپ گەپ سۆزگە قالغان بولسا بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ ئەلۋەتتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95621
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2013-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 07:33:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
GLADIATOR يوللىغان ۋاقتى  2013-6-30 06:16 PM
بارى ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنۇلغان ياخشى توپ ...

  ئىنكاسىڭىزغا قوشۇلىمەن...
       ھەممە يىگىتلىرىمىز ئالتۇن دەۋرىنى قەدىرلىشى كېرەك!!!
ئاللاھ ھەممەيلەنگە ئاسانلىق بەرسۇن~

ھەركەت ئەڭ ياڭراق ئەمەلىي تىلدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86322
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 696
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 09:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي~~~~~~~  بارى ئۆزىنى تۇتىۋالغان بولسىچۇ.  بۇ خەق بىزدىن قۇسۇر ئىزلەپلام يۈرىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 09:37:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ۋىدىيۇدىن كۆرنۈپ تۇرۇپتىكى ۋاڭ دىگەن ئاداش بارىنى قەستەنلا پۇتلىغان ھەم قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ ھاقارەتلىكەن.قىرىنداشلار ھەممە ئىشقا قارا قويۇق مۇسۇلماندارچىلىقتا ئانداق ، مۇسۇلماندارچىلىقتا مۇنداق دەپ پەتىۋا پىچىۋەمەيلى.
ئاشۇنداق ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئادەم ئۇنچىلىك ھاياجانلىنىشى تەبىي.ئۇنىڭغا قول تەككۈزۈپ ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويدىمۇ دەيلى ئۇ چاغدا بارىنىڭ قايسى قالپاقنى كىيىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالايسىلەنغۇ دەيمەن.ئۇ چاغدا ئۇ ئىش ئۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەي قالاتتى.

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 10:15:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سائەت يوللىغان ۋاقتى  2013-6-30 10:39 AM
خوپ بوپتۇ ئاشۇنداق قىلىقسىزلىق قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى ...

بارىنىڭ شۇ مەيداندىكى مۇسابىقىسىنى كۈرۈپ بېقىڭ . پۇتبولنى چۈشىنىدىغانلا ئادەم بولسا بىلەلەيدۇ . ۋاڭ يۇڭپو نىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى . لىكىن رېپىر .................     بارى ناھەق ئەيىپلەندى !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش