Bilik_yar يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 04:55 PM
بۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ. رەھمەت.
ئ ...
بىلىك-يار ئەپەندى، سىزنىڭ بۇ يازمىنىڭ قىممىتىگە بەرگەن باھالىرىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر. ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇنداق ئۇزۇن ھەم قول تۇتىدىغان تىمىنى يىزىشتىكى مەقستىممۇ دەل سىز دىگەندەك تەبئىي پەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى قوزغاش ۋە كىشىلەرنى دۇنياۋى نەزەردە تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش يوللىرىغا يىتەكلەش ئىدى. بۇ ماقالىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، سىزگە كۆپ رەھمەت!
سىزنىڭ بۇ ماقالىنى ژورنالغا بىرىش تەشەببۇسىڭىزغا قوشۇلىمەن. ئاخىرىنى ئالدىمىزدىكى شەنبە-يەكشەنبە تاماملاشقا ۋاقتىم چىقىدۇ، تولۇق پۈتكەندىن كىيىن سىزنىڭ بۇ ماقالىنى سىز دىگەن ئىككى ژورنالنىڭ قايسىسىغا بولسۇن ئەۋەتىپ ئېلان قىلدۇرۇشىڭىزنى ئېلتىماس قىلىمەن. بۇ ماقالە مىنىڭ ئۆز ئەمگىكىم، لىكىن مەن ۋەتەندە بولمىغاچقا بۇ ماقالىنى ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى سىزگە بەردىم. زۆرۈر تىپىلسا مەن شۇ توغرىسىدا بىر پارچە ھۆججەت تەييارلاپ ئىمزايىمنى قويۇپ سىزگە ئەۋەتسەم بولىدۇ. بۇ ماقالىنى يىزىشتىن مۇددىئايىم كىملىكىمنى بىلدۈرۈش ئەمەس بەلكى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بولغاچقا، ھەتتا نامسىز ئېلان قىلىنسىمۇ مەيلى. بۇ ئۆتۈنۈشۈمنى ئويلىشىپ بىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.