مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilgejan

نوبېل مۇكاپاتى ۋە ئۇنڭىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نۇرۇمسە ن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29573
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5745
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 12:10:12 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر سەنئەت تۈرىدىن مۇكاپات تەسىس قىلىنىپ قالسا ، مۇشۇ<<ناخشا ئۇسسۇل مىللىتى >> دىگەن چىرايلىق نامىمىز بىلەن مۇشۇ مۇكاپاتقا نائىل بولالايدىغانلار چىقارمىدى -ھە!? مېنىڭچە  يوق ، چۈنكى نوبىل مۇكاپاتى خەلققە بېرىلمەيدۇ ، ئەمەسمۇ ، << ئون ئىككى مۇقام>> نى دېمەكچىمەن … نوبىل مۇكاپاتىنىڭ سەنئەت تۈرىنىڭ تەسىس قىلىنماسلىقى شۇنى چۈشەندۈرىدىكى: سەنئەت جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95509
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 12:33:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتىماتكا تەببى پەننىڭ ئاتىسى بوپ قالدى؟(ماتىماتكىدا دۇنيانى ھەيراى قالدۇرغان جوڭگۇ دىن  ئالىم  چىقمىغانغا قاراپ ماۋۇ گەپكە يەكپەي قايلاپ قالمەن دىسە ) ، ئۇ چاغدا  نوبىلنىڭ ماتىماتكا سەۋيىسى بىلەن خىمىيە تازا ماس كىلەتتى -دە  ، دىمىسىمۇ ھازىرقى ھەتتا تۇللۇق ئوتترا خىمىيىسىنى باشلانغۇچ ماتىماتكا  سەۋيىسى بولسا ئىشلەپ  كىتەلەيمىز ... ئەمما ئۇنۋېرستىتا ئوخشىمايدىكەن ئالى ماتمىتاكىنى بىلمىسە تەببى پەندە ئاقساپ قالدىغان ئىشكەن، ( ئەمما مەن بەزىدە بەزى قىسمەن  ئالى ماتماتىكا بىلىملىرىنى ئالىم تەتقىقاچىلارغا ماس كېلدىغاندەك ، بىزنىڭ ئۈگۈنۋاتقان مەزمۇندىن ھالقىپ كەتكەندەك ھېس قىلمەن ) ... مەن ئويلايمەن ئەينى چاغدا نىيوتۇنمۇ فىزىكىدا  ماتىماتكىلىق مەسىلگە يۇلۇققاندا قۇلغا ماتىماكىنى ئېلىپ ، فىزىكىنى بىر مەھەل تاشلاپ قۇيغان ، ئاندىن ئالى ماتىماتكىنى كەشىپ قىلىپ ئۇل ساپتىكەن ،ئاشۇنى فىزىكىغا قۇرال قىپتىكەن ... يەنە نۇرغۇن ئالىمىمىز ئۈگەننى ئىشلىتىدىكەن، مۇناسىۋەتسىز نەرسىنى ئۈگۈنۈپ يۈرمەيدىكەن  ، چەتئەلدە ئۇنۋېرسىتتا  ئۈگۈنۋاتقىنى باشقا  قايسى پەننىڭ قايسى يېرىگە ئېھتىياجلىق  بولسا كۈتۈبخانىغا كىرىپ ئۈزى ئۈگۈنۋالدىكەن ، ئالىم جېق چىقىدىكەن .ئەمما جوڭگۇغا ھەيرانمەن ، ئاللى ماتىماتكىنىڭ بىر قىسمىنى تۇللۇق ئوتتۇردىلا ئۈتىۋىتىدۇ ، بۇ بىلىمنىڭ ئاخىرى زادى  نىمىگە ئىشلىتىدىغاننى بىلمەي ئۈگۈنۈپ كىتىدىكەن .... بۇ جوڭگۇدا ئالىم چىقماسلىقىنىڭ سەۋەبىمىكى دەيمەن، مەسلەن ، فىزىكا تەجىربە دەرسىدە ھەممە بۇ تەجىربىنى نىمنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكىنى بىلمەي مۇئەللىم نىمە دىسە شۇنى قىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىدۇ ، ھەيرانمەن  .... نوبىلمۇ ئەينى چاغدا ئايغى چىقماس ،  پارتىلتىش دورىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ماتىماتكا بىلمىنى ئۈگۈنۈپ ئىسراپ قىلۋەتسە بەلكىم 147 خىل پاتنىت بوش قالار بولغۇيدى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1705
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1444
تۆھپە نۇمۇرى: 564
توردا: 434 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 08:36:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-3 12:33 AM
ماتىماتكا تەببى پەننىڭ ئاتىسى بوپ قالدى؟(ماتىماتكىدا  ...

توغرا دەيسىز قېرىندىشىم . ماتىماتىكا ئىلىم-پەنگە بولۇپمۇ فىزىكىغا نىسبەتەن مۇھىملىقىنى ھەرقانچە تەكىتلىسىەمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ . ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىنى ماتىماتىكىدىن پايدىلىنىپ ئىسپاتلىغىلى بولمىسا ئۇنى ھەقىقى پەن دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ ، ھەم ماتىماتىكا ئارقىلىق ئىپادىلىگىلى بولمىسا ئىلىم-پەن ئۇنداق ئىدىيەنى ئىشەنچىسىز دەپ قارايدۇ . ماتىماتىكا بولمىسا فىزىكا ئاددىي بىر مىخانىكىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەس ئىدى .

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9148
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 4856 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 09:36:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat110 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 03:23 PM
نېمە ئۈچۈن ماتىماتىكىغا مۇكاپات يوق ،كىمدە بۇ توغۇرلۇ ...

مەن قىزقارلىق بىر گەپ ئاڭلىغان خالىسىڭىز دەپ بېرەي قانداق .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 11:54:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
@Azizim، تۆۋەندىكى مەزمۇننى باش تىمىغا قوشۇپ قويسىڭىز سىزدىن مىننەتدار بولاتتىم.

نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر تىزىملىكىنىڭ داۋامى:
1969
Max Delbrück (ماكىس دېلبرۈك، ئامرىكا)، Alfred D. Hershey (ئەلفىرەد ھېرشىي، ئامرىكا) ۋە Salvador E. Luria (سالۋادور لۇرىيا، ئامرىكا): ۋىرۇس گېنلىرىنىڭ كۆپيىىش مىخانىزىمى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1968
Robert W. Holley (روبېرت ھوللىي، ئامرىكا)، Har Gobind Khorana (ھار گوبىند كورانا، ھىندىستان) ۋە Marshall W. Nirenberg (ماشال نىرېنبېرگ، ئامرىكا): گېن سىغىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقسىل سېنتىزلەشتىكى رولىنى چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن.

1967
Ragnar Granit (راگنار گرانىت، فىنلاندىيە ۋە شىۋىتسىيە)، Haldan Keffer Hartline (ھالدان كەففېر ھارتلىن، ئامرىكا)، George Wald (جورج ۋالد، ئامرىكا): كۆزنىڭ فىزىئولوگىيلىك ۋە خېمىيىلىك سېزىش جەريانلىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1966
Peyton Rous (پەيتون رائۇس، ئامرىكا): ئۆسمە پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇسلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Charles Brenton Huggins (چارلىز برەنتون ھاگگىنىز، ئامرىكا): مەزى بېزى راكىنى ھورمۇنلۇق داۋالاش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1965
François Jacob (فرانچويس جەيكوب، فرانسىيە)، André Lwoff (ئاندېرەي لۋوف، فرانسىيە) ۋە Jacques Monod (جەكىيىز مونود، فرانسىيە): ئېنزىملار ۋە ۋىرۇس سېنتىزلىنىشىنىڭ گېنتىكىلىق كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1964
Konrad Bloch (كونرەد بلوك، ئامرىكا) ۋە Feodor Lynen (فىئودور لېنىن، گېرمانىيە): خولېستىرول ۋە ماي كېسلاتاسى مىتابولىزىمىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1963
Sir John Carew Eccles (جون كارىۋ ئىكلىس، ئاۋىستىرالىيە)، Alan Lloyd Hodgkin (ئالەن لويد ھاجكېن، ئەنگىلىيە) ۋە Andrew Fielding Huxley (ئانجىرۇ فىيلدىڭ ھاكىسلى، ئەنگىلىيە): نېرۋا ھۆجەيرىلىرنىڭ ئوتتۇر ۋە يان قىسىملىرىنىڭ ئىئونلۇق قوزغىلىشى ۋە بېسىقىشىنىڭ مىخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1962
Francis Harry Compton Crick (فرانسېس ھەررى كومپتون كرىك، ئەنگىلىيە)، James Dewey Watson (جەيمىس دېۋى ۋاتسون، ئامرىكا) ۋە Maurice Hugh Frederick Wilkins (ماۋرېس ھاف فرەدرېك ۋېلكىنز، يېڭى زېللاندىيە ۋە ئەنگىلىيە): يادرو كېسلاتاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ ھايات جانلىقلارنىڭ ئۇچۇرنى ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتىكى مۇھىملىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1961
Georg von Békésy (گىئورگ ۋون بېكېسىي، ئامرىكا): قۇلاقنىڭ ئاڭلاش سېزىمى غىدىقلىنىشىنىڭ فىزىكىلىق مىخانىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1960
Sir Frank Macfarlane Burnet (فرانك مافارلەين بېرنېت، ئاۋىستىرالىيە)، Peter Brian Medawar (پىتىر برايېن مېدېۋار، بىرازىلىيە ۋە ئەنگىلىيە): ئېرىشىلگەن ئىممۇنىت قارشىلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.  

1959
Severo Ochoa (سىۋىرو ئوكوئا، ئىسپانىيە ۋە ئامرىكا) ۋە Arthur Kornberg (ئارتۇر كورنبېرگ، ئامرىكا): رىبوكسى نۇكلىئىك كېسلاتاسى (RNA) ۋە دىئوكسى رىبوكسى نۇكلىئىك كېسلاتاسى (DNA) نىڭ بىئولوگىيلىك سېنتىزلىنىش مىخانىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1958
George Wells Beadle (جورج ۋېللز بىيدېل، ئامرىكا) ۋە Edward Lawrie Tatum (ئېدۋارد لاۋرىي تاتۇم، ئامرىكا): گېنلارنىڭ بەلگىلىك خېمىيلىك جەريانلىرىنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق رو ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Joshua Lederberg (جوشۇئا لېدېربېرگ، ئامرىكا): گېنتىكىلىق قايتا گۇرۇپپىلىشىش ۋە باكتېرىيەنىڭ گېن ماتىرىياللىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1957
Daniel Bovet (دانىيال بوۋېت، ئىتالىيە): بەدەندىكى مەلۇم بىئولوگىيىلىك ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغان سېنتىزلانغان خېمىيىلىك ماددىلار، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ تومۇر سىستىمىسى ۋە سۆڭەك مۇسكۇللىرىدىكى ھەرىكىتى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1956
André Frédéric Cournand (ئاندېرىي فرىيدرىك كوۋرناند، ئامرىكا)، Werner Forssmann (ۋېرنېر فورسمەن، گېرمانىيە) ۋە Dickinson W. Richards (دېكىنسون رىچارد، ئامرىكا): ئۇلارنىڭ يۈرەككە نەيچە كىرگۈزۈش تېخنىكىسى ۋە قان ئايلىنىش سىستىمىسىدىكى پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1955
Axel Hugo Theodor Theorell (ئاكسېل ھىيۇگو تىئودور تىئورېل، شىۋىتسىيە): ئوكسېدلىغۇچى ئېنزىملارنىڭ ھەرىكەت مېخانىزىمى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1954
John Franklin Enders (جون فرانكىلىن ئەندېرىز، ئامرىكا)، Frederick Chapman Robbins (فرەدرىك چامپان روبېنز، ئامرىكا) ۋە Thomas Huckle Weller (توماس ھاكېل ۋېللېر، ئامرىكا): پولىيو ۋىرۇسىنىڭ ئوخشىمىغان يىتلىدۈرۈلگەن توقۇلما مىدىيالىرىدا ئۆسەلەيدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1953
Hans Adolf Krebs (ھانز ئادولف كرەب، ئەنگىلىيە): لېمون كېسلاتاسى دەۋرىيلىكى (قەنتىلەرنىڭ پارچىلىنىش مىتابولىزىمى، كرەب دەۋرىيلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Fritz Albert Lipmann (فرىتز ئالبېرت لىپمەن، ئامرىكا): ئارىلىق مىتابولىزىمىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان قوشۇمچە-ئېنزىم A نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
1952
Selman Abraham Waksman (سېلمان ئېبراھام ۋاكسمەن، ئامرىكا): تۇنجى تۇبىركوليۇزغا قارشى ئانتىبىئوتىك - تىرىپتومىسىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1951
Max Theiler (ماكىس تېيلېر، جەنۇبىي ئافرىقا): سېرىق قىزىتما (پاشا چاققاندا بەدەنگە ۋىرۇسنى يۇقتۇرىدىغان كېسەل) ۋە ئۇنى يىڭىش ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1950

Edward Calvin Kendall (ئېدۋارد كالۋىن كېندال، ئامرىكا)، Tadeus Reichstein(تادىئۇس رېىيشتىيىن، شىۋىتسارىيە ۋە پولشا) ۋە Philip Showalter Hench (فىلىپ شوۋالتېر ھېنچ، ئامرىكا): بۆرەك ئۈستى بېزى قاسرىقىدىكى ھورمۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشى، بىئولوگىيلىك فۇنكىسىيسى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1949
Walter Rudolf Hess (ۋولتېر رۇدولف ھېس، شىۋىتسارىيە): ئىچكى ئەزالارنىڭ پائالىيىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان ئوتتۇرا مېڭە فۇنكىسىيىلىك تۈزۈلۈشلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Antonio Caetano de Abreu Freire Egas Moniz (ئانتونىيو كاتانو دى ئابرىيۇ فرېيرى ئىگاس مونىز، پورتۇگالىيە): ئالدى مېڭىنى كېسىۋىتىش ئوپراتسىيسىنىڭ مەلۇم پىسخىكىلىق كېسەللەرنى داۋالاشتىكى قىممىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1948
Paul Hermann Müller (پول ھېرمان مۈللېر، شىۋىتسارىيە): DDT نىڭ بىر نەچچە خىل بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار (قۇرت-قوڭغۇزلار) غا ئۇچرىشىش خارەكترلىك يۇقىرى ئۈنۈملۈك زەھەر رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1947
Carl Ferdinand Cori (كارل فېردىناند كورى،ئامرىكا)، Gerty Theresa Cori, née Radnitz (گېرتىي تېرىسا كورى - كارل كورىنىڭ ئايالى، ئامرىكا): گلۇكوگېننىڭ كاتالىزلىنىپ پارچىلىنىش مىتابولىزىمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Bernardo Alberto Houssay (بېرناردو ئالبېرتو ھوززەي، ئارگېنتىنا): ھىپوفىز بېزى ئالدى بۆلۈمچىسىدىكى ھورمۇنلارنىڭ قەنىت مىتابولىزىمىدا بىر ئۆلۈش رول ئوينايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1946
Hermann Joseph Muller (ھېرمان جوسېف مۇللېر، ئامرىكا): X-رېنتىگېن نۇرىدا بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق توساتتىن ئۆزگەرگەن گېنلارنى ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1945
Sir Alexander Fleming (ئالىكساندىر فلەمىڭ، ئەنگىلىيە)، Ernst Boris Chain (ئىرنىست بورىس چەيىن، ئەنگىلىيە) ۋە Sir Howard Walter Florey (ھوۋارد ۋولتېر فلورىي، ئاۋىستىرالىيە): پېننىسېلىن ۋە ئۇنىڭ ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاشتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1944
Joseph Erlanger(جوسېف ئېرلانگېر، ئامرىكا) ۋە Herbert Spencer Gasser (ھېربېرت سپەنسېر گاسسېر، ئامرىكا): يەككە نېرۋا تالالىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىندۇكسىيەلەنگەن فۇنكىسىيەلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1943
Henrik Carl Peter Dam (ھېنرىك كارل پىتىر دەم، دانىيە): ۋىتامېن K نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Edward Adelbert Doisy (ئېدۋارد ئادېلبېرت دويسى، ئامرىكا): ۋىتامېن K نىڭ خېمىيلىك خۇسۇسىيىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1940-1942
نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتى تارقىتىلىمىغان.

1939
Gerhard Domagk (گېرھارد دوماك، گېرمانىيە): پروتوسېلىنڭ باكتېرىيەگە قارشى ئۈنۈمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1938
Corneille Jean François Heymans (كورنىيل جىيىن فرانچويىس ھېيمەنز، بىلگىيە): نەپەسلىنىشنىڭ كونتىرول قىلىنىشىدىكى سىنۇسلۇق ۋە ئائورتا (غول تومۇر) لىق مېخانىزىملارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1937
Albert von Szent-Györgyi Nagyrápolt (ئالبېرت ۋون سېنت-گيۆرگىي ناگىيراپولت، ۋېنگىرىيە): بىئولوگىيلىك نەپەسلىنىش ۋە ۋىتامىن C بىلەن فۇمىرىك كېسلاتاسىنىڭ رولى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1936
Sir Henry Hallett Dale (ھېنىرى ھاللېت دەيل، ئەنگىلىيە) ۋە Otto Loewi (ئوتتو لىئوۋى، ئاۋستىرىيە): نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ خېمىيلىك تارقىلىشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1935
Hans Spemann (ھانز سپېمەن، گېرمانىيە): تۆرەلمە يىتىلىشىنىڭ «تەشكىللىگۈچى ئېففىكىتى»نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1934
George Hoyt Whipple (جورج ھويت ۋىپپل، ئامرىكا)، George Richards Minot (جورج رىچارد مىنوت، ئامرىكا) ۋە William Parry Murphy (ۋىللىيام پېررى مېرفىي، ئامرىكا): بىر قىشىم قان ئازلىق كېسىلەللىرىنى جىگەرنى داۋالاش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1933
Thomas Hunt Morgan (توماس ھانت مورگان، ئامرىكا): خىروموسومنىڭ ئېرسىيەتتىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1932
Sir Charles Scott Sherrington (چارلىز سكوت شېررىڭتون، ئەنگىلىيە) ۋە Edgar Douglas Adrian (ئېدگار دوگلاس ئادرىيان، ئەنگىلىيە): نىۋرونلارنىڭ رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1931
Otto Heinrich Warburg (ئوتتو ھېينرىچ ۋوربارگ، گېرمانىيە): نەپەسلىنىش ئېنزىملىرىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزىمى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1930
Karl Landsteiner (كارل لەندستەينېر، ئاۋستىرىيە): ئىنسان قان گۇرۇپپىلىرىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1929
Christiaan Eijkman (كرىستىيان ئىجكمان، گوللاندىيە): مېڭە ياللۇغىغا قارشى ۋىتامىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
Sir Frederick Gowland Hopkins (فرەدرىك گوۋلەند خوپكىنز، ئەنگىلىيە): ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ۋىتامىنلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1928
Charles Jules Henri Nicolle (چارلىز جۇلىز ھېنرى نىكول، فرانسىيە): قارا كېزىك ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1927
Julius Wagner-Jauregg (جۇلىيۇس ۋاگنېر-جاۋرېگ، ئاۋستىرىيە): بەزگەك ۋىرۇسى چېكىشنىڭ پالەچلىكتىن بولىدىغان گومۇشلۇقنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1926
Johannes Andreas Grib Fibiger (جوھاننىس ئاندرىيىس گرىب فىبىگېر، دانىيە): يىپچىسىمان قۇرتلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆسمىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1925
نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلىمىغان.

1924
Willem Einthoven (ۋىللېم ئىنتخوۋىن، گوللاندىيە): ئېلېكترو كاردىئوگرامما (يۈرەك سوقۇشنى تەكشۈرىدىغان) نى مېخانىزىمنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1923
Frederick Grant Banting (فرەدرىك گرانت بانتىڭ، كانادا) ۋە  John James Rickard Macleod ( جون جەيمىس رىكارد مەكلىئود، كانادا): ئىنسۇلىننى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1922
Archibald Vivian Hill (ئاركىبالد ۋىۋىيىن ھىل، ئەنگىلىيە): مۇسكۇلدا ئىسسىقلىق ھاسىل بولۇشقا ئائىت بايقاشلىرى ئۈچۈن.
Otto Fritz Meyerhof (ئوتتو فرىتز مېيېرخوف، گېرمانىيە): ئوكسىگېن سەرپىياتى بىلەن سۈت كېسلاتاسى مىتابولىزىمىنىڭ تۇراقلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1921
نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان.

1920
Schack August Steenberg Krogh (شەك ئاۋگۇست ستىينبېرگ كروف، دانىيە): قىل تومۇرلار ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىدىغان مېخانىزىمنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1919
Jules Bordet (جۇلىز بوردېت، بىلگىيە): ئىممۇنىتقا ئائىت بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1915 - 1918
نوبېل مۇكاپاتى تارقىتىلمىغان.  

1914
Robert Bárány (روبېرت بارانىي، ئاۋسىتىرىيە): دالانچە ئەزاسى فىزىئولوگىيسى ۋە پاتولوگىيسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1913
Charles Robert Richet (چارلىز روبېرت رىچېت، فرانسىيە): ئانافىلاكسىيە (ھەددىدىن زىيادە سەزگۈلۈكى ئىشىپ كىتىش) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1912
Alexis Carrel (ئالېكسىس كاررېل، فرانسىيە): ئوپراتسىيە يىپى، تومۇر ۋە ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئۈستىدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن.

1911
Allvar Gullstrand (ئالۋار گۇلسترەند، شىۋىتسىيە): كۆز دىئوپترىكىسى (نۇر سۇندۇرۇشى) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1910
Albrecht Kossel (ئالبرىچ كوسسېل، گېرمانىيە): ئۇنىڭ يادرو ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاقسىل ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ بىزنىڭ ھۆجەيرە خېمىيەسى ئۈستىدىكى بىلىشلەرگە قوشقا تۆھپىسىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزسىدىن.

1909
Emil Theodor Kocher (ئىمىل تىئودور كوچىر، شىۋىتسارىيە): قالقەنبەز فىزىئولوگىيسى، پاتولوگىيىسى ۋە ئوپراتسىيىسى ئۈستىدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن.

1908
Ilya Ilyich Mechnikov (ئىليا ئىليىچ مېچنىكوۋ، روسىيە) ۋە Paul Ehrlich (پول ئېرلىچ، گېرمانىيە): ئىممۇنىت ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش يۈزسىدىن.

1907
Charles Louis Alphonse Laveran (چارلىز لۇيىس ئالفونس لاۋېران، فرانسىيە): پروتوزوئا (يەككە ھۆجەيرىلىك مىكرو جانلىقلار) نىڭ كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىشتا ئوينايدىغان رولى ئۈستىدىكى خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن.

1906
Camillo Golgi (كامىللو گولگى، ئىتالىيە)، Santiago Ramón y Cajal (سانتىياگو رامون كاجال، ئىسپانىيە): نېرۋا سىستىمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1905
Robert Koch (روبېرت كوك، گېرمانىيە): ئۇنىڭ تۇبىركۇليوز ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1904
Ivan Petrovich Pavlov (ئىۋان پتروۋىچ پاۋلوۋ، روسىيە): ھەزىم قىلىش فىزىئولوگىيىسى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ۋە بۇ بىلىملەر ئارقىلىق مەزكۇر ساھەنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدا دەۋىر بۆلگۈچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلگەنلىكى ئۈچۈن.

1903
Niels Ryberg Finsen (نىيىلز رىبېرگ فىنسىېن، دانىيە): كېسەل داۋالاشتا، بولۇپمۇ نۇر رادىئاتسىيسىنى ئاساس قىلىپ بۆرىسىمان تېرە تەمرەتكىسىنى داۋالاپ، مىدىتسىنا ئىلىمىدە يىڭى سەھىپىلەرنى ئاچقانلىقى ئۈچۈن.

1902
Ronald Ross (رونالد روس، ئەنگىلىيە): بەزگەك كېسىلى (مالارىيا) ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق، بەزگەك كېسلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى پروتىستا مىكروبلىرىنىڭ بەدەنگە قانداق كىرىدىغانلىغىنى كۆرسىتىپ بىرىپ بەزگەك ئۈستىدە ئۈنۈملۈك تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا ئاساس سالغانلىقى ئۈچۈن.

1901
Emil Adolf von Behring (ئىمىل ئادولف ۋون بېرىڭ، گېرمانىيە): ئاق قان ئارقىلىق كېسەل داۋالاش، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بوغما كېسىلىنى داۋالاشتىكى رولىنى بايقاش ئارقىلىق مىدىتسىنا ساھەسىدە يىڭى يوللارنى ئىچىپ دوختۇرلارنىڭ قولىغا كېسەل ۋە ئۆلۈمگە قارشى تۇرىدىغان غالىبىيەت قورالىنى تۇتقۇزغانلىغى ئۈچۈن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-3 11:56 AM  


ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5777
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 12:43:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mamatsale يوللىغان ۋاقتى  2013-7-2 07:23 PM
ماتىماتىكا نوبىل مۇكاپاتى تەسىسى قىلىنماسلىقىدىكى ت ...

بۇ گەپنىڭ خىلى ئاساسى بار

بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

ھېكمەت ئىلى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5777
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 12:45:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tatinqak يوللىغان ۋاقتى  2013-7-3 09:36 AM
مەن قىزقارلىق بىر گەپ ئاڭلىغان خالىسىڭىز دەپ بېرەي قا ...

نوبىلنىڭ خانىمىنى ماتىماتكا ئالىمى ئىلىپ قىچىپتىكەن دىگەن گەپنىمۇ ،بۇ گەپ ئاساسسز بەك بىمەنە تۇيۇلدى ماڭا

بۇيەرنى بىسىڭ!ئەرەپ تىلى ،ئىنگىلىز تىلى ،فىرانسۇز تىلى ،گىرمان تىلى ،قاتارلىق كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 01:05:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4. نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرى تىزىملىكى

بىئولوگىيەنىڭ خېمىيە بىلەن يىقىن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى، بولۇپمۇ بىئوخېمىيلىك بايقاشلار ھەر ئىككىلى پەنگە ئورتاق تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈنگەن بىئولوگىيە ئالىملىرى ئاساسلىقى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى مىدىتسىنا مۇكاپاتىغا لايىق بولۇشتىن باشقا يەنە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. تۆۋەندە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تىزىملىكى بىرىلىدى:

2012
Robert J. Lefkowitz (روبېرت لېفكوۋىز، ئامرىكا) ۋە Brian K. Kobilka (برايېن كوبېلكا، ئامرىكا): G-ئاقسىلىغا ئۇلانغان رىتسېپتور (قوبۇللىغۇچ) (G-protein-coupled receptors) ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

2009
Venkatraman Ramakrishnan (ۋىنكاترامان راماكرىشنان، ئامرىكا)، Thomas A. Steitz (توماس ستېيتىز، ئامرىكا) ۋە Ada E. Yonath (ئادا يوناس، ئىسرائىلىيە): رىبوسومنىڭ فۇنكىسىيىسى ۋە تۈزۈلۇشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

2008
Osamu Shimomura (ئوسامۇ شىمومارۇ، ياپونىيە)، Martin Chalfie (مارتىن چالفىي، ئامرىكا) ۋە Roger Y. Tsien (روجېر تىيىن، ئامرىكا): يېشىل نۇر چاچىدىغان ئاقسىل (green fluorescent protein, GFP) نى بايقىغانلىقى ۋە بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن.

2006
Roger D. Kornberg (روجېر كورنبېرگ، ئامرىكا): يادرولۇق جانلىقلار گېن كۆچۈرۈشىنىڭ مولىكۇلالىق ئاساسلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

2003
Roderick MacKinnon (رودېرىك مېككىنون، ئامرىكا): ھۆجەيرە پەردىسىدىكى ئىئونلۇق قاناللارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە مېخانىزىملىرى ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1997
Paul D. Boyer (پول بويىر، ئامرىكا) ۋە John E. Walker (جون ۋوكېر، ئەنگىليە): ئادىنوزىن ترى فوسفاتنىڭ سېنتىزلىنىش مېخانىزىمىنىڭ ئېنزىملىق ئاساسلىرىنى تىىپىپ چىققانلىقى ئۈچۈن.
Jens C. Skou (جېنز سكوۋ، دانىيە): ئىئون توشۇغۇچى ئېنزىم  Na+, K+ -ATPase نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1993
Kary B. Mullis (كاررىي مۇللىس، ئامرىكا): پولىمىرىس زەنجىرسىمان رىئاكسىيسى (PCR) نى ئىجاد قىلغانلىقى ئۈچۈن.
Michael Smith (مايكول سىمىس، كانادا): ئولىگونۇكلىئوتىدنى ئاساس قىلغان، ئېنىق ئورۇنلۇق گېننى توساتتىن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى ۋە ئۇنىڭ ئاقسىل تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن.

1989
Sidney Altman (سيندى ئالتمەن، كانادا ۋە ئامرىكا) ۋە Thomas R. Cech (توماس كېك، ئامرىكا): RNA نىڭ ئېنزىملىق (كاتالىزاتورلۇق) خۇسۇسىيىتىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1980
Paul Berg (پول بېرگ، ئامرىكا): قايتا-بىرىككەن DNA نى مەركەز قىلغان يادرو كېسلاتاسى بىئو-خېمىيەسى ئۈستدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.
Walter Gilbert (ۋولتېر گىلبېرت، ئامرىكا) ۋە Frederick Sanger (فرەدرىك سانگېر، ئەنگىلىيە): يادرو كېسلاتاسىنىڭ ئىشقار تەرتىپىنى ئېنىقلاشقا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن.

1970
Luis F. Leloir (لۇيىس لېلويىر، ئارگېنتىنا): قەنىت نۇكىلىئوتىدلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كاربوھېدرىد (قەنت-سۇ بىرىكمىلىرى) بىئو-سىېنتىزلىنىشىدىكى رولىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1962
Max Ferdinand Perutz (ماكىس فېردىناندا پېرۇتز، ئەنگىلىيە) ۋە John Cowdery Kendrew (جون كوۋدېرى كېندرۇ، ئەنگىلىيە): شارچىسىمان ئاقسىلنىڭ تۈزۈلۈشىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.

1961
Melvin Calvin (مېلۋىن كالۋىن، ئامرىكا): ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كاربون IV-ئوكسىدنى ئاسسىمىلاتسىيەلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى ئۈچۈن.

1958
Frederick Sanger (فرەدرىك سانگېر، ئەنگىليە): ئاقسىللار، بولۇپمۇ ئىنسۇلىننىڭ تۈزۈلۈشىنى ئېىنقلىغانلىقى ئۈچۈن.

1957
Lord (Alexander R.) Todd (لورد تود، ئەنگىلىيە): نۇكلىئوتىدلار ۋە نۇكىلىئوتىد قوشۇمچە ئېنزىمى ئۈستىدىكى تەتقىقاتىلىرى ئۈچۈن.

1955
Vincent du Vigneaud (ۋىنسېنت دۇ ۋىگنىيئۇد، ئامرىكا): بىئوخېمىيىلىك جەھەتتىن مۇھىم بولغان سۇلفات بىرىكمىلىرىنى، بولۇپمۇ پولىي پىپتىد ھورمۇنلىرىنى تۇنجى بولۇپ سېنتىزلىگەنلىكى ئۈچۈن.

1954
Linus Carl Pauling (لىنۇس كارل پولىڭ، ئامرىكا): خېمىيىلىك باغنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئاقسىلنىڭ تۈزۈلۈشنى ئېنىقلاشتا قوللىنىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1946
James Batcheller Sumner (جەيمىس باتچىللېر سامنېر، ئامرىكا): ئېنزىملارنىڭ كرىستاللىنالايدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن.
John Howard Northrop (جون ھوۋارد نورتروپ، ئامرىكا) ۋە Wendell Meredith Stanley (ۋېندېل مىرىدىس ستەنلى، ئامرىكا): ئېنزىم ۋە ۋىرۇس ئاقسىللىرىنى ساپ شەكىلدە تەييارلىغانلىقى ئۈچۈن.

1939
Adolf Friedrich Johann Butenandt (ئادولف فرىيىدرىك جوھان بۇتېناند، گېرمانىيە): جېنىسىي ھورمۇنلار ئۈستىدىكى بايقاشلىرى ئۈچۈن.

1938
Richard Kuhn (رىچارد كۇن، گېرمانىيە): كاروتىنوئىدلار ۋە ۋىتامىنلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1937
Walter Norman Haworth (ۋولتىر نورمان ھاۋورز، ئەنگىلىيە): ۋىتامىن C ۋە قەنتىلەر ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئۈچۈن.
Paul Karrer (پول كارېر، گوللاندىيە): كاروتىنوئىدىلار، فىلاۋىنلار، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B2 ئۈسـتىدىكى تەتقىقاتىلىرى ئۈچۈن.

1930
Hans Fischer (ھانز فىشېر، گېرمانىيە): ھامىن ۋە خلورپىلنىڭ تەركىبى، بولۇپمۇ ھامىننىڭ سېنتىزلىنىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن.

1915
Richard Martin Willstätter (رىچارد مارتىن ۋىلستاتىر، گېرمانىيە): خلوروپىل ۋە باشقا ئۆسۈملۈك پېگمىنتىلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-3 01:06 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4821
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8897
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2013-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-3 01:14:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4634
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 02:53:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5. بىر نوبېل مۇكاپاتى ئىگىسىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئىككى كەلىمە ھېكايە

2009-يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىسرائىليەلىك بىئولوگىيە ئالىمى ئادا يوناس (Ada Yonath) بىزگە ئۆزىنىڭ ناھايتى تەسىرلىك ھېكايسىنى سۆزلەپ بىرىدۇ. قېنى قۇلاق سالايكى، ئۇ نىمە دەيدىكىن.

مەن 1939-يىلى ئېرۇسالىمدا ناھايتى نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلدۇم. ئائىلىمىز نامرات بولغاچقا بىر تۆت ئېغىزلىق بىنا ئۆيدە باشقا ئىككى ئائىلە ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرى بىلەن بىللە ئىجارە ئىلىپ تۇراتتۇق. مېنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىم دادامنىڭ كېسىلى ۋە مېنىڭ ئەتراپىمدىكى تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى چۈشىنىشكە بولغان ئىشتىياققا مەركەزلىشىدۇ. ناچار شارائىت مېنىڭ غايەت زور قىزىقىشلىرىمنى ئاجىزلاشتۇرالمىغان ئىدى. بەش يېشىمدىلا، مەن دۇنيانى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان ئىدىم. بىر قېتىملىق سىناقتا مەن بىزنىڭ كىچىككىنە بالكونىمىزنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆي ئىچىدىكى جاھازلار ئارقىلىق ئۆلىچىمەكچى بولدۇم. مەن بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر ئۈستەلنى قويدۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يۆلەنچۈكلۈك ۋە يۆلەنچۈكسىز ئورۇندۇقنى قويدۇم، شۇنداقتىمىۇ يەنىلا ئۆگزىگە تاقاشمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۈستىگە يامىشىپ چىقتىم ۋە يەر ئاستى قەۋەت بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان ئارقا ھولىغا يىقىلپ چۈشۈپ بېلىكىمنى سۇندۇرۋالدىم...قېرىشقاندەك، ھازىر بۇ ئۆيدە تۇرۋاتقانلار ئۆينىڭ ئۆگزىسىنى قايتىدىن ياسىغان بولغاچقا، بۇ سىناقنىڭ نەتىجىسى تا ھازىرغىچە نامەلۇم پېتى قالدى.

مېىنىڭ ئاتا-ئانام دىننىي ئائىلىلەردە ئۆسكەن ئىدى، دادام ئاساسلىقى جۇدىزىمدا، ئانام بولسا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتا تەربىيەلەنگەن. مەھەللىمىزنىڭ يىقىن ئەتراپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى ئاتا-ئانام تەربىيەلەنگەندىكىگە ئوخشاش پىرىنسپنى ئاساس قىلاتتى. بىراق، ئائىلىمىزنىڭ نامراتلىقى ۋە ئاتا-ئانامنىڭ رەسمىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگىنىگە قارىماي، ئۇلار مېنى ناھايتى داڭلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن بۇرۇنقى مەھەللىمىزدىن كۆچۈپ كەتكەن ئىدۇق.

دادام دائىملا ئاغرىپ قالاتتى ۋە كۆپ قېىتم ئوپراتسىيە قىلىنغان ئىدى. ئاخىرى مەن 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ تۈگەپ كەتتى. ئانام ئارانلا قالغاچقا مەن شۇ يېشىمدىن باشلاپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تۇرمۇشىمىزنى قامدىدۇق. مەن ئۆي تازىلاش، بالا بېقىش دەمىسز ياكى مەندىن كىچىك بالىلارغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش دەمسىز، ئشىقىلىپ ھەممىنى قىلىپ باققان. ئىككىمىز شۇنچە ئىشلەپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئائىلىمىزنى قامدىغۇدەك پۇل تاپالمىغاچقا بىر يىلدىن كىين بىزئانامنىڭ ئاچا-سڭىللىرىغا يىقىنراق تۇرۇش ئۈچۈن تىل ئاۋىۋ شەھرىگە كۆچۈپ كەتتۇق.  ئۇ يەردە ئانامنىڭ ئېغىر كۈنلەردە قىلىشى بىلەن كارى بولماي مېنى قوللىشى بىلەن مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تاماملىدىم.

مەن مەجبۇرى ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىمنى بىر ھەربىي دوختۇرخانىنىڭ «ئەڭ مەخپىي ئىشخانا» سىدا ئۆتكۈزدۈم،  تەليىمگە يارىشا، ئۇ يەردە مەن ھەرخىل كىلىنىكىلىق ۋە مىدىتسىنا مەسلىلىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدىم. شۇنداق بولغاچقا كىيىنچە مەن ئېرۇسالىم ئىبراي ئۇنىۋىرستىتىغا قوبۇل قىلىندىم. مەن شۇ مەكتەپتە خېمىيە، بىئوخېمىيە ۋە بىئوفىزىكا كەسىپلىرىدە تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىق ئوقۇشلىرىنى تاماملىدىم. مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشۇمنى ۋېيىزمان ئېنىستىتۇتىدا پۈتتۈردۈم. مەن كوللاگېننىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلاشقا تېرىشتىم.  مەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىمنىڭ بىرىنچى يىلىدا پېنسىلۋانىيە شىتاتى (ئامرىكا) پىتىسبۇرگ شەھرىدىكى مېللون ئىنىستىتۇتىدا مۇسكۇلدىكى تالالىق ئاقسىللار ئۈستىدە تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇردۇم. ئۇنىڭىدىن كىين ماسساچۇسېتىس تېخنىكا ئۇنىۋىرستىتىغا كۆچۈپ بىرىپ شارچىسىمان ئاقسىل ستافىلوكوكوس يادرو ئېنزىمى ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ باردىم. مەن پوستدوكتۇرلۇق تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كىيىن 1970-يىلى ۋېيىزمان ئېنىستىتۇتىغا قايتتىم. شۇ جايدا مەن ئىسرائىليەدىكى تۇنجى بىئولوگىيلىك كراستاللوگرافىيە تەجىرىبىخانىسىنى قۇردۇم ۋە تەجىرىبخانام ئۇدا ئون يىلغىچە بىردىبىر شۇ تۈردىكى تەجرىبىخانا بولۇپ قالدى.
1970-يىللارنىڭ ئاخىرىدا، مەن ۋېيىزمان ئىنىستىتۇتىدىكى ھايات ھۆجەيرىلەر ئۈستىدىكى بىر مۇھىم مەسلىنى يىشىپ چىقىمەن دىگەن غايىدىكى بىر ياش تەتقىقاتچى ئىدىم، بۇ سۇئالا بولسا: ھۆجەيرىلەردە ئاقسىلنىڭ قانداق بىئو-سېنتىزلىنىشى ئىدى. بۇ مەقسىتىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەن رىبوسوم - يەنى ھۆجەيرىنىڭ گېنتىكىلىق سېفىرلارغا يىزىلغان ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئاقسىل ياسايدىغان زاۋۇت، نىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشىنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولدۇم. شۇنداق قىلسام بۇ جەريانغا يىتەكچىلىك قىلىۋاتقان مېخانىزىمنى تىپىپ چىقالايتتىم. بۇ بىر 20 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق يىللىق كۆرەشنىڭ ئەمدىلا باشلىنىشى ئىدى. مەن بۇ جەرياندا خەلىقئارا ئېلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىشەنمەسلىكى، ھەتتا مېنى ساراڭ دەپ ئويلىشىدەك قيىنچىلىقلارغىمۇ يۈزلەندىم. مەن بۇ مۇساپىنى چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ ئۇچىغا چىققاندا، يەنە بىر چومۇلاڭما چوققىسىنىڭ قەد كۆتىرىپ تۇرغىنىنى كۆرگەنگە ئوخشىتىمەن.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-4 02:59 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش