esyankar75 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-4 05:16 PM
مەزمۇنى بولىدىكەن ، مۇشۇنداق خام ماتىرىيال بار ئاپتۇر ...
قارىغاندا سىز تۈرك تىلىنى بەك ياخشى بىلىدىغاندەك قىلىسىز، مەن پەقەت ئەسلى يازمىدا بار بولغان مەزمۇننى تەرجىمە قىلدىم ۋە تۈركچىسى بىلەن بىرلىكتە يوللۇدۇم.
بۇنىڭدىكى مەقسەت: ئەسلى تۈركچە يازما مەيلى كۆپ بولسۇن ۋە ياكى ئاز بولسۇن، شۇنىڭدىكى مەزمۇننى ئۇيغۇرچە ھەم تۈركچە بىرلا ۋاقىتتا چۈشىنەيلى دىگەننى مەقسەت قىلغان،يەنى قازاندا نىمە بولسا چۆمۈچكە شۇنى ئېلىش، بۇ ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك مۇھەممەد باغراش، ياسىنجان سادىق، جالالىدىن بەھرام قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ قەلمىدىن چىققان پاساھەتلىك يازمىلاردەك مول ئەمەس.
ئەسلىدىنلا قىسقىغىنا بولغان ۋەقەلىكنى خالىغانچە كۆپتۈرۈپ، مول قىلىپ، يېنىڭىزغا بىر چېلەك سۇ ئەكىلىپ قويۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇدەك قىلىشقا مىنىڭ ھىچقانداق ئاساسىم يوق.