مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: lawa0998

مېنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرىم...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 03:16:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
fathullah يوللىغان ۋاقتى  2013-7-9 12:00 AM
مەن قەشقەردە.ئانا تىل شىركىتى توغرىلىق كۆپرەك بىلسەم د ...


قەشقەر شەھرىدىكى قۇتادقۇ بىلىگ كىتاپخانىسىغا كىرىڭ.
ياكى ئۈندىدارغا kanoniyolنى قېتىڭ كىييىنكى تەپسىلاتىنى بىلەلىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-9 03:18 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8030
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8283
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 3348 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2013-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-9 06:36:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahatmakan يوللىغان ۋاقتى  2013-7-8 11:43 PM
يەنە بىر ئەسىرىڭىز بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىمدىن خۇشالمەن. ئ ...

توۋا قىلدىم،نىمىلەرنى دەپ يۈرىدىغانسىز؟سىز ماۋزۇغا قاراپ ئىنكاس يېزىۋاتامسىز؟تېمىنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ ئىنكاس يېزىڭ قېرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71638
يازما سانى: 1038
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1036 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 03:08:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇرسەن بولدۇق ؛ بۇ ئىشنىڭ ئاخىرغىچە ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

توختىخاچام بۇرۇتلۇق ، قاق جىگدىسى قۇرۇتلۇق. تور ئىسمىم بەك مەتو .

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2856
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20791
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2083 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 12:23:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ ئاشۇنداق  ئانا تىل تەتقىقات يىغىنىغا بىر پۇرسەت بولسا قاتناشقۇم بار ئىدى.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 12:55:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم -!
قەشقەردە بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئىلمى يىغىنلىرى بولغاندا سىز خەۋەردار بولىسىز ئاللاھ خالىسا

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-16 12:56:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداشلارنىڭ ئانا تىل شىركىتى تۇنجى قېتىملىق يىغىن پائالىيىتىنى كۆرۈش ئارزۇسى بار ئىدى....
شىركەت سىن لېنتىسىنى ئېلان قىپتۇ......
مەرھەممەت-http://www.izdinix.com/showpost. ... hreadID=54039#Inkas

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 11:34:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل شىركىتى -ۋە كەلگۈسى بايانى



بايان بەرگۈچى-قانۇنى يول(دىليار ئوبۇل)



ئانا تىل ھەر قايسى ئىرىق ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگىلا ئورتاق بايلىق بولۇپ ئۇ ھاۋا، قۇياش نۇرى ۋە سۇغا ئوخشاش مەۋجۇتلىقى كۆزلەرگە ئالاھىيىدە تاشلانمىسىمۇ، ئانا تىل دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەر مەۋجۇتلىقلىقىنىڭ ئاساسى ۋە مىللى كىملىكىدىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ زامانىۋى مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىنىڭ زۆرۆر شەرتى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى رايون دۆلەتلىرىدە ياشىغۇچى ئىنسانلارنىڭ ھەرساھادىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بارلىققا كىلىش ،تەرەققى قىلىش ۋە يۈكسىلىشدىكى ھاياتلىق ئاتموسفېراسى ھىساپلىنىدۇ ، بۇ ئارقا كۆرۈنىشتە ئانا تىل شىركىتى ئانا تىلىنى سۈپەتلىك مائارىپنىڭ بەرپا قىلىشىنىڭ ئۇل ئاساسى دەپ تونۇپ‹ پۇتۇن دۇنيادىكى سەبىيلەرگە ئانا تىلدا مائارىپ›-!!!

شۇئارى بىلەن مەكتەپ قۇرۇش ئىشلىرىنىڭ زۆرىيىتىدە 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 18 –كۈنى قۇرۇلدى ۋە مەكتەپ قۇرۇش ئىشلىرىمىزىنىڭ ماددى كاپالىتى ئۈچۈن ئانا تىلدىن ئىبارەت ئاڭنىڭ ۋە ئانا تىلدا مائارىپ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ تاۋارلىشىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادى ۋە ئىجدىمايى ئۈنۈمدىن ئانا تىل ئىگىلىكىنى مەيدانغا كەلتۇردى . ئانا تىل شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇپ ئانا تىل ئىگىلىكىنى تىكلىنىشى مەكتەپ قۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئىھتىياجى بولغانلىقى سەۋەب شىركەت ئالدى بىلەن ئامىرىكا كانزاس ئۈنىۋىستىتىنى ئۇقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن مۇستەقىل مائارىپچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى باشچىلىقدىكى مائارىپ تەتقىيقاتچىلىرى تەشەببۇس قىلىۋاتقان مائارىپ تىمىسىدىكى لىكسىيلىرىلىرىنى ئۇيۇشتۇرماقتا ۋە ئالاقىدار مائارىپ تەتقىيقات ماقاللىرى ۋە ئىلغار مائارىپقا ئائىد كىتاپلارنى نەشىرگە تەشكىلىمەكتە ۋە بۇ پائالىيەتلىرىنى ئۈن-سىن پىلاستىنكىسىنى قىلىپ نەشىرگە سۇنۇپ باسقان قەدەملىرى بىلەن دىيارىمىزنىڭ مائارىپ ئىڭىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا . شىركەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكلىپى، ماسىلىشى ۋە قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن ئاتۇش ،قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇيۇشتۇرغان ئانا تىل كۈننى خاتىرلەش زىياپىتى ، ئۈستۈن ئاتۇش 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە سۆزلەنگەن باراۋەرلىك تەربىيىسى ،خوتەن مەپتۇن رىستۇرانىدا تەشكىللەنگەن ‹يەسلى مائارىپىدا بىز قىلالمىغان ئىشلار› ناملىق لىكسىيە يەنە قەشقەردە تەشكىللەنگەن ‹ئانىلارغا قەرىزىدار دۇنيا› تىمىلىرىدىكى پائالىيەتلەر بۇ خىل ئاكتىپ تەسىرنى ئەمىلى جانلاندۇردى ھەم كىينكى پائالىيەتلىرى تىخمۇ شۇنداق رول ئوينايدۇ.
ئەلىۋەتتە بۇ ئانا تىل شىركىتىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىشى ، شىركەت ئانا تىل مەكتەپلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك قۇرۇلغاندىن كىيىن جەمىيەتنىڭ مائارىپ ئىڭىنى ئۆستۈرۈپ ئانا-ئانىلارغا ئەمىلى مەنپەئەت بىرىدىغان پائالىيەتلەردىن ھالقىپ بالىلارنىڭ ئۆزىلىرىنى مەنپەئەتدار قىلىدىغان يىڭى ئۇقۇتۇش مىتوتلىرىنى ،20 يىللىق مائارىپ تەتقىيقاتىنىڭ مىيىۋىسى بولغان دۇنيا بويىچە ئىلغار دىيارىمىز مائارىپقا ئۈلگە بولغۇسى مائارىپ ئەندىسىنى بارلىققا كەلتۇرۇپلا قلماي بۇ يېڭىچە ئوقۇش ئوقۇتۇش ئەمىلىيىتى ۋە تەتقىيقات نەتىيجىلىرىدىن بالىلارنى ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىگە تۈرۈتكە بولىدىغان مەھسولاتلارنى تەتقىق قىلىش ، ئىچىش بازارلىتىش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ . يەنى شىركەت قۇرغان مەكتەپلار بالىلار مەركەز قىلىغان مۇلازىمەت ۋە مەھسولاتلارنىڭ بازىسىنى ئەنە شۇ قۇرلۇش ئالدىدىكى قۇرۇلغۇسى بالىلار باغچسىدا، ئانا تىل ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بولىدۇ ۋە قۇرۇپ چىقىپ ئوقۇقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرىشتىكى تەتقىيقات مىيۋىلىرىدىن سەبى بالىلارغا داۋاملىق ئەمىلى سىناقتىن ئۆتكەن مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتلىرىنى كىتاپ ،پىلاستىنكا ۋە ماددى مەھسولات سۈپىتىدە كەڭ خەلىققە سۇنىدۇ .بۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇتۇش تەجىربىسدىن ئۆتكەن مۇلازىمەت ۋە مەھسولاتلار ئۇيغۇر قازاق قاتارلىق مىللى بالىلارنىڭ ئۆزگىچە پىسخىك ئالاھىيدىلىگى ۋە مەدىنى خاسىلىقىغا باپ كىلىپلا قالماي ئىلمىلىكى ،قوللىنىشچانلىقى كەسپى مائارىپچىلار تەرپىدىن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولغاچقا كەڭ بازار تاپقۇسى .
شىركەت كۆپىرەك ئىقتىساد جۇغلاپ مەكتەپ قۇرۇش ئىشلىرىمىزدىن ئەڭ كەڭ دائىرىدە سەبىيلەرنى بىۋاستە مەنپەئەتدار قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئانا تىل ئىگىلىكىنى ئانا تىلدا مائارىپ پائالىيەتلىرىمىزنىڭ تاۋارلىشىشى بىلەن چەكىلەپ قويمىدى ۋە ئانا تىل ئىڭىنىڭ تاۋارلىشى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، ئانا تىل ماركىسىدىكى ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىق مائارىپقا ،مائارىپىمىزغا ئالاقىدار تاۋارلار ، ئانا تىل ئىڭىنى ئويغۇتىدىغان چوڭلار ياكى بالىلار كىيىملىرى ،خاتىرە بويۇملىرى تىپىدىكى بويۇنلار يەنە ئانا تىل تەلىپى بولغان سۆزلەيدىغان ئويۇنچۇق،ئىلىكتىرونلۇق بويۇملار قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى چىقىرىشنى پىلان قىلىدى.

بۇ ئانا تىل ئېڭىنىڭ تاۋارلىشىشدىن مەيدانغا كەلگەن مەھسولاتلار ئىچىدە ئانا تىل شىركىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىشلەپ چىققىنى ئانا تىل ئەرەنچە كىيىملىرى بولۇپ بۇكىيىم 2013-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ بازاغا سىلىنىپ -ئانا تىل پىدائىلىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپلا قالماي كىيگۈچىلەرگە سالاپەت بىرىپ ھەتتا بەزى ياشلارنىڭ تويلۇق كىيمى بولۇش شەرىپىگە نائىل بولدى .
ئۇندىن باشقا بىزنىڭ پائالىيەتلىرىمىز،خىزمەتلىرىمىزنىڭ كىڭىيىشىگە ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە بولىشى بىلەن ئانا تىل ئىگىلىكىمىز سىپىگە ھالال ،پاكىز ،ئىشەنچلىك ئادەم ئەنسىرمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەيدىغان كارخانىچى دوسلار ئۆزلىرىنىڭ شەك يوق يىمەكلىكىلىرى ئارقىلىق قۇشۇلۇپ كىردى . ئانا تىل شىركىتى ئىشلىگەن كۆكتاغ ماركىلىق ساپ ھەسەلمۇشۇنداق يول بىلەن مەيدانغا كەلگەن مەھسولاتتۇر .
ئاناتىل شىركىتى بۇنداق شەك يوق تاۋارلىرى بىلەن سىپىمىزگە قوشۇلۇپ كىرىشنى خالايدىغان دوسلارنىڭ كۈچ قوشىشى بىلەن يەنە لىغىرداق،پىنتوزا ،توخۇ قۇردىقى خۇرۇچى ،بوۋاقلار شىكىرى قاتارلىق مەھسولاتلىرىنى توقسۇن ناھىيە شۈكۈر يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپ 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 18كۈنىدىن باشلاپ بازارغا سالدى،ئانا تىل شىركىتى بۇنداق خەلىق خاتىرجەم بولىدىغان دوسلار تەمىنلىگەن ياكى ھاۋالە بىلەن ئىشلەپ بەرگەن تاۋارلىرى بىلەن شەك يوق ،ئىشەنچىلىك ماللار جەمگاھى زەنجىرسىمان ئانا تىل تاللا بازارلىرى شەكلىدە تەرەققى قىلىش ئاساسىنى سىلىش ئويىدا . بۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئۈچۈن ئانا تىل شىركىتى ئالاقىدار زاۋۇت كانكارخانىلار ۋە ھەمكارلاشقۇچى دوسلارنى داۋاملىق تۇردە ھەمكارلىشىش ھالىتىدە تۇرماقتا .
ئانا تىل شىركىتى بۇ تەرەقىيات يول ئىگىلىكى بۈگۈنكى ۋەكەلگۈسىدىكى تەرەقىياتلارنىڭ قانونلۇق ۋە دۆلەت سودا سانائەت تارمقلىرىنىڭ قوغدىشىدا قانات يىيىشى ئۈچۈن ئانا تاۋار ماركىسىنى مائارىپ پائالىيەتلىرى ، ئۇقۇش قوراللىرى ، بالىلار كىيىم كىچەكلىرى ، بالىلار ئويۇنچۇق زىھىن سىناش بويۇملىرى ،كۈندىلىك چەرچىن ماللار قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈرلەر بويىچە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركا ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىدى.
ئانا تىل شىركىتىنىڭ مائارىپ خىزمەتلىرىنىڭ ئۆزى بولسۇن ، بۇ خىزمەتلەرنىڭ ۋە ئانا تىل ئېڭىنىڭ تاۋارلىشىشى بولسۇن ھەتتا ئىشەنچىلىك شەك يوق تاۋارلار جەمگاھى بولغان ئانا تىل ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك تاۋارلار بىر تۈرلۇك مەدىنىيەت تەگىلىكىگە ئىگە بولغاچقا، شىركەت مەدىنى كىملىكى بىلەن ئاۋامغا خىزمەت سۇنۇپ بالىلىرىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسىسنى ياراتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا كىرگەن سودا ساھىلىرىدە قارا ئات بولۇپ ئىلگىرلىگۇسى.

............

ئەمىلى قەدەملىرىمىز جەريانىدا-،بىز- بىزنى ئاۋارە قىلغان ھەتتا مەسئولىيەتسىزلىكى ساپاسىزلىقى بىلەن ئىشلىرىمىزغا قاتتىق توسقۇن بولغان ،قىسمەن كادىر ۋە ساقچى دوسلارغا ئىيىتقان -‹بىزنىڭ دۈشمىنىمىز كونكىرىت مىللەت دىن ياكى بىر خىل كەسىپ ،مەلۇم خىل كىيىنگەن ئادەم، ئىسمى پوكونى بولغان بىركىشى ئەمەس بەلكى -مەسئولىيەتسىزلىك ،ئەخلاقسىزلىق ،چاكىنىلىق ،قانونسىزلىق ،،،قاتارلىقلاردۇر › .

شۇڭا دۈشمەنلىرىمىز بولغان بۇنداق قارا داغلار بىزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ئادەمدە كۆرىلىدۇ دەپ ئويلاپ بۇ دوسلارنى دۈشمەن دىمىدۇق ۋە بۇ دوسلارنىڭ خاتا ياكى توغرا ئىنكاسلىرى ئارقىلىق بىزلەر ئۆزىمىنى سىرىتتىن كۆزىتىش ئىمكانىيىغا ئىرىشىۋاتىمىز ۋە بۇ ئىمكان بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلىشىمىز كىرەكلىكىنى بىلىۋاتىمىز....
ئالدىمىزدا دوسلارنىڭ بۇنداق سۇئاللىرىغا جاۋاپ بولالايدىغان پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىمىز بىز ئۈچۈن قىلىنغان شۇ دۇئالارنىڭ بەركىتىدە ئاللاھ رازى بولىدىغان خىزمەتلىرىمىز بىلەن بىز تەرەپتە تۇرغان دوسلارغا سۈپەتلىك خىزمەت سۇنىمىز.

سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم-  باشقۇرغۇچىلىرى ئىنكاسلارنى تازلىغاندا كىشى شەخسىيىتىگە تىگىدىغان گەپ بولمىسىلا ئۈچۈرمىسە ، بولۇپمۇ ئانا تىل شىركىتىنى تەنقىد قىلغان ، ئىشلىرىنى ھەققىدە قاتتىق گۈماندا بولىدىغان ئىنكاسلار ساقلانسا يوقىتىۋىتىلمىسە.بۇنداق ئىنكاسلاردىن تىپىكلىرىنى مەن ئۈندىدارغا ئۆزۈم كۆچۈرۈپ يولىۋاتىمەن . چۈنكى بىز قارشى پىكىر قىلىدىغانلار ئۇجۇقتۇرۇلدىغان، چەتكە قىقىلىپ ھەتتا ئىنسانلىقىغىمۇ ھۆرمەت قىلىنمايدىغان ئىجدىمايى مۇھىتقا قاتتىىق نەپىرەتلىنىمىز ۋە بۇنداق ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە قارشى قىلىمىشنىڭ پاتىراق يوقىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز ...


ھۆرمەت بىلەن -قانۇنى يول.

2013.7.18

كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى:لاۋا0998



قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96096
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-7-19
ئاخىرقى: 2013-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-23 05:48:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 06:36:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىل شىركىتى ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا داۋام ئېتىۋاتقان سەپەرلىرىدە، ئۇيغۇرچە ئىلتىماسنىڭ قۇبۇل قىلىنىشنىڭ رەت قىلىنىشىنىڭ كەينىدىكى قوللىغۇچى تورداشلانىڭ مائارىپ ئىدارىسىغا ئۇرغان نارازىلىق تىلفۇنلىرىنىڭ تۈرۈتكىسىدە يۇقۇرىدىن قۇبۇل قىلىش قىلماسلىق ھەققىدە داۋاملىق ساقلاشنى تەكىتلىگەندىن كىيىن، ئانا تىل شىركىتى ئەسلىدىكى ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدىللى ئۇيغۇرچە ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلدۇرۇش دەۋاسىدا قەتئى چىڭ تۇرۇش بىلەن ، ئانا تىل مائارىپىنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئۆرىپ ئادىتىدە ئادەم تەربىيلەش تۇنجى سىناق مەيدانى ئۈچۈن خەن يولداشتىن 250ئوقۇغۇچىسى بار رەسمىيەتلىرى تولۇق يەسلى-ئۇرۇمچى شەھەرلىك نوبىل 3-بالىلار باغچىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆتكۈزىۋېلىش تەرەددۇتىنى باشلىدى.
ئانا تىل شىركىتى ئەسكەرتىش بېرىپ-بىز ئىمكانىەت يار بەرگن دائىرىدە ئىلگىرى مېڭىۋاتقان 10ئايلىق دەۋايىمىزدا چىڭ تۇرۇپ ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىش بىلەن بۇ يەسلىنى شىركىتىمىزگە پاي  قوشۇش شەكلىدە كىرگۈسى قارىنىداشلىرىمىزنىڭ ئەمىلى ھەركىتىنىڭ تۈرۈتكىسىدە سېتىۋېلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ پائالىيەتچانلىغىمىزنى ئاشۇرىمىز-دىدى

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 940
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 06:38:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇندىن بىۋاستە خەۋەردار بولۇشنى خالىسىڭىز kanoniyolنى ئۇندىدارىڭىزغا قوشىۋېلىڭ.

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش