مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: lawa0998

مېنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرىم...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 08:44:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن ئانا تىل شىركىتى مودىريىتى ئىقتىسادى ئىشلار مەسۇلى مۇھەممەدسىدىق.
تۈنۈگۈنكى سۆھبەت ياخشى ئېلىپ بېرىلدى. ئەمما، ئۇلار يەسلىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش باھاسىنى بىر مىليۇن ئالتە يۈز مىڭ يۈەندىن پەقەتلا چۈشۈرمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆتكۈزۈۋالىدىغىنىمىز يېرىم يىللىق ئىجارە پۇلى، 1892 كۋادىرات مېتىرلىق قۇرۇلۇشنىڭ زىننەتلىرى، ئالتە سىنىپ، ئۈچ زال، بىر قانچە ئىشخانىدىكى جابدۇق-بويۇملار، ئىككى يىللىق ئىجارە توختامى، 250 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى، ئەڭ ئاساسلىقى پۈتۈنلەي تولۇق بولغان يەسلى رەسمىيىتى. بالىلارنى دەپ يول ئالغانلىقىمىز ئۈچۈن، يۇقىرى بولغان باھاغا چىداپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئويلاشتۇق. ئەسلى دېيىشكىنىمىز بويىچە بۈگۈن توختامنى تۈزۈۋەتمەكچىتۇق. بىراق، مەبلەغ كەم بولىدىكەن. شىركەتنىڭ باشقا ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قانچە تۈرلىرىنى ئويلاشقاندا، ھازىر شىركەت ئۈچۈن ئىككى مىليۇنچە مەبلەغ كەم بولىدىكەن. ئەگەر كېچىككەندىمۇ 20 كۈن ئىچىدە مۇشۇ مەبلەغنى توپلىيالىساق، ئاندىن بۇ يەسلى توختامىنى تەۋەككۈل قىلىپ تۈزسەك بولغۇدەك. يېڭى پايچىك قوبۇل قىلىشنى جىددىي قارار قىلدۇق. بۇ قېتىم يىغىدىغان بىرلىك پاي سوممىسىنى 50000 يۈەن دەپ بېكىتتۇق. كونا پايچىكلىرىمىز 10000 يۈەن بىرلىك بويىچە داۋاملىق پاي قاتسا بولىدۇ. ئەگەر يىتەرلىك مەبلەغ جۇغلاشقا كۆزىمىز يەتمىسە، ئۆتكۈزۈۋالىدىغان بۇ يەسلىدىن ۋاز كەچمەي ئىلاج يوق.
شۇڭا، پاي قوشۇشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ مەن بىلەن ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قەلەم، دەپتەر ئالدىمدا. تېلىفۇنىڭلارنى ساقلايمەن.
ئالاقىلاشقۇچى: مۇھەممەدسىدىق ئابدۇرشىت
يانفون:13579988844

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-27 08:44 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 08:49:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنى يول ئەپەندى بۈگۈن يېڭى ئۈچۈر بېرىپ مۇنداق دىدى-

  
ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا نەق مەيداندىن ئۈندىداردا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى نوبىل 3-بالىلار باغچىسىنى ئۆزگەرتىپ ئانا تىل بالىلار باغىچسى قىلىپ تەشكىللەش كىلىشىمى ئىمزالانغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرنى تاقاتتىم ، بۇ ئۇچۇرغا قىسقا ۋاقىت ئۇندىداردىكى دوسلاردىن 200گە يىقىن ئالقىشلاش ۋە باھا سۆزى كەلدى .شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەزى بىزنىڭ تېلېفون نومۇرىمىزنى بىلىدىغان ۋە ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىۋاتقان دوسلار ئىشىنىڭ تەپسىلاتىنى سورىدى . بىز ئاخپىرات ۋاستىلىرى ھەتتە مەشھور قىلىنغان يازغۇچى شائىرلارنى ئىشقا سىلىپ بىرنى دەپ يەنە بىر ئىشلارنى غەرەزلىك يوشۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى ،ئىش ھەركىتىنى كونتىرول قىلىپ ئادەملەرنىڭ ھاياتى بەدىلىگە دىرامما ئوينايدىغان ئادەملەر ئەمەس بولغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ دوسلارغا بەرگەن جاۋابلارنىمۇ بۇ ئىنكاس ئارقىىق مۇنبەرگە يىزىۋاتىمەن ، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى نوبىل 3-بالىلار باغچىسى بىلەن بولغان كىلىشمىزدا ئەسلى مۇھەممەت سىدىقنىڭ ئالدىنقى ئىنكاسىدا ئىيىتىلغاندەك 1 ئاي مۇددەت ئچىدە بىر مىليون ئالتە يۈز مىڭ نى تاپشۇرۇشنى باشلاش بار ئىدى . مۇھەممەت سىدىقننىڭ دەسلەپكى چىقارغان پاي قوبۇل قىلىش ئىلانىنىڭ نەتىيجىسىگە قارغاندا ھەرسەۋەپلەردىن پايچەك بولغۇچىلار كۆپ ئەمەس ، ھەتتا بەزى كىشىلەر ئانا تىل شىركىتى ئالىبۇرۇن بۇ پۇلنى يىغىپ بولدى دەپ ئويلىۋالىدىكەن ، بۇنىڭغا زىيادەئۈمۈتۋارلىق ، ئارتۇقچە سىياسى سەزگۈرلۈك ،يىققىندا توردا كۆرۈلگەن قارشى پىكىردىكى دوسلارنىڭ پاسسىپ پىكرى ،باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرىشى يەنە ئۆزىمىزدىكى بەزى نۇقسانلار قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار سەۋەپ بولىۋاتقان بولىشى مۇمكۈن . ھازىرقى كىلىشىم بويىچە بىز بۇۋاقىتىنى ئىككى ئايغا ئۇزارىتتۇق ،بىراق قارشى تەرەپ بىزنى يەسلىگە نەق پۇلنى تولۇق تاپشۇرالايدىغان خىرىدار چىقىپ قالسىلا شۇنىڭغا بىرىش ھالىتىدە ،بىز بۈگۈن 300مىڭ نەق پۇل تاپشۇرۇپ باشقىلارغا بىزدىن ئۆتۈپ ئاندىن بىرىش ھوقوقىنى ئالدۇق ، كىلىشىم بويىچە يەسلىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بۇ پۇلنىڭ %80تىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆزگەرتىشىنى باشلايدىغان بولدۇق ، ئەگەر بۇ پۇلنى تولۇق تاپشۇرامىساق ،تاپشۇرۇپ بولغان پۇلىمىزنى تولۇق قايتۇردىغان بولۇپ يازمىچە كىلىشتۇق ، بۇيەسلى بىزنىڭ نامىمىزغا ئۆتكىچە ئارلىقتا ئۆزىنىڭ يولىدا ،اڭىدۇ ،بىز پەقەتلا يەسلىنىڭ پۇلنى تاپقانچە تاپشۇرۇپ ماڭىمىز ۋە رەسمىيەتلەرنى بىر بىردىن ئۆتكۈزىۋالىمىز . ئەلىۋەتتە ،بىريەسلىنىڭ ئىچلىشى بىلەن كۆپ ئىش ھەل بولمايدۇ بىراق كىشىلەرنىڭ مىللى مەدىنىيەت چەتكە قىقىلمايدىغان ،بالىلار راھەت تەپەككۈر قىلىپ ئىلمى يىتەكلىنىدىغان مائارىپقا تەققازاسىغا جاۋاپ بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىپ ئانا تىل شىركىتى يەسلى قۇرۇلغاندىن كىيىن مەۋجۇت يەسلىلەر يەنە ئانا تىل مائارىپىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۇردىغان ئىلمى پائالىيەتلەرنى داۋاملىق تەشكىلەيدۇ ، ئاناتىلدىكى مائارىپنى قايتا يورۇتۇدىغان ئۈنسىن بويۇملىرى ۋەكىتاپلارنى خەلىقمىزغا سۇنىدۇ.
تىل ھەممىمىزنىڭ تىلى ، بىزمەكتەپ قۇرۇش داۋامىدا قومۇل،يەكەن قاتارلىق شەھەر، ناھىيەلەردە ئانا تىل نامى ئىلىنغان يەسلىلەرنىڭ قۇرۇلغانلىق خەۋرى كەلدى ،بىز بۇدوسلاردىن سۆيۈندۇق ۋە بۇروھ بىلەن مەكتەپلەردىمۇ ئانا تىل سىنىپلىرىنىڭ قۇرۇلىشنى ئۈمۈد قىلماقتىمىز ...  

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 09:32:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇنى يول ئەپەندى -
ئانا تىل مۇنازىرە مۇنبىرى بولغان ، ئانا تىل شىركىتىنىڭ بۇ مۇنبىرىنىڭ رەسمىيەتلىرى پۇتۇپ دەسلەپكى تولۇقسىز  ھالەتتە جەميەتتىكى ھەر بىر ئانا تىل ساھىبىغا ئېچىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى.--------

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17027
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1279 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-27 09:33:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇتاتقۇبىلىك مۈنبىرىدىكى ‹ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ گىپى ›دىگەن تىمىدا ئانا تىل مەكتەپلىرىنى قۇرۇش قەدەملىرىمىز ئەسلىگە كەلگەندە بىز شىركەت مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلىۋاتقانلىقىنى يازغان ئىدۇق ،كىيىن مۇنبەر سىناق تەرىقىسىدە ئىچىلغاندا زىيارەت قىلغۇچىلار كۆپىيىپ كىتىپ رەسمىيەت چىققىچە تاقاپ تۇرغان . بۈگۈندىن باشلاپ بىز مۇنبىرىنى جەمىيەتكە ئىچىۋەتتۇق تور ئادىرسى

:www.anatil.net

تور بىكەت تېخى خام ھالەتتە ،زىيارەتچىلەر بىكىتىمىزدە تىخى جەمىيەتكە ئىلان قىلىنمغان ئۇچۇرلارنى يەنە خام ھالەتتىكى پىلانلىرىمىزنى ھەم كۆرىدۇ.تورداشلارنىڭ زىيارىتىنى قارشى ئالىمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-27 09:33 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش