تېخى ئاشكارىلانمىغان سىھىرلىك تارتىش كۈچى: ئاي شارىنىڭ چۈشەندۇرگىلى بولمايدىغان ھەركىتى
未知的神秘引力:月球仍存在无法解析的运动
1687-يىلدىن نىيۇتۇن ئۆزىنىڭ ئالەملىك تارتىش كۇچى قانۇنىنى 1916-يىلى ئېنىشتېيىن ئۆزىنىڭ كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزەريىسىنى ئېلان قىلغان. بىراق، ئۆتكەن بىر قانچە ئون يىلدا كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە قىلىش ئارقىلىق بەزى قىزىقارلىق يېڭى تارتىش كۈچى ھادىسىلىرى بايقالدى. كۆزىتىلگەن بۇ خىل ‹‹غەلتە ھادىسە››لەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالەملىك تارتىش كۈچى نەزەريىسىگە يەنە بىر قىتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈردەك قىلىدۇ.
ئاي شارىنىڭ غەلىتە ھەركىتى
20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ۋە سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئاينى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئايرىم-ئايرىم ھالدا لازىر رىفلىكتورى (نۇر قايتۇرغۇچى ئەينەك)نى ئايغا ئىلىپ چىقتى. ئاسترۇنوملار بۇ رىفىلىكتورلاردىن پايدىلنىپ ئاينىڭ ئورنىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، توغرىلىق دەرىجىسىنى بىر قانچە مللىمىتىرغا يەتكۈزدى.
ئاسترۇنوملار 38يىللىق تەكشۈرۈش جەريانىدا يىغلغان يەر بىلەن ئاينىڭ ئارلىقىغا ئالاقىدار ئاينى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى ئايلىنىش ئوربىتىسىدا بارغانسىرى ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى، ئاي شارىنىڭ يەر شارىغا يىقىن نوقتسىدىكى ۋە يىراق نوقتسىدىكى ئارىلىق پەرقى مۆلچەردىكىگە زىت ھالدا ھەر يىلى 6 مىللىمىتىر تىزلىكتە ئىشىپ بىرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. بەزىلەر بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى، چۇنكى يەر شارى ۋە ئاي شارىنىڭ ئىچىدىكى نەملىك كۈچ( 潮汐力 ) ئاي ئوربىتىسىغا تەسىر كۆرسۇتۇش مۇمكىنلىگىنى ئوتتورىغا قويوشتى.
ھالبۇكى: نەملىك قارىشلىغى( 潮汐阻尼 )نىڭ تەسىرىنى ئويلاشقاندىن كىيىنمۇ، ئاي شارىدا يەنىلا چۇشەندۇرگىلى بولمايدىغان ھەركەت ساقلىنىپ قالغان.
يەرشارى قوياشتىن يىراقلاشماقتا
ئاسترۇنوميە بىرلىكىدە – قوياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتورىچە ئارلىغى بىر ئاستورونوميىلىك تۇراقلىق مىقدار دەپ قارىلىدۇ. ئالىملار رادار ئارقىلىق ئۆلچەش تىخنىكىسىدىن پايدىلنىپ يەر شارى بىلەن باشقا پىلانتلارنىڭ ئارىلىغىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، ئاستورونوميە بىرلىكلىرىنىڭ سانلىق قىممەتلىرىگە ئىرىشىدۇ. ئاسترۇنوملار ئىرىشكەن سانلىق قىممەتلەر ئاللىقاچان 11خانلىق ئۈنۈملۇك سانلىق قىممەتكە يىتىپ ئەڭ ئىنىق ئۆلچەنگەن ئاسترۇنوميە تۇراقلىقىغا ئايلانغان.
مارىسقا 3دانە ئايرۇپىلانلاردا ئىشلىتىدىغان ئالاقىلىشىش ئۇسكۇنىسىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈسكۈنە (应答器) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئۈسكۈنىلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا «دېڭىز قاراقچىسى1›› «دېڭىز قاراقچىسى2» ناملىق توشۇغۇچى ئۈسكۈنلەر ئارقىلىق «مارىس تەكشۈرگۈچى» ناملىق ئۆلچەش ئەسۋابىغا يەتكۈزۈلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بۇ خىل بوشلۇق تەكشۈرۈش ئۇسكۇنىسى بىلەن يەر شارىنىڭ ئارلىغىنى ئۆلچىگىلى بولىدىكەن.
ئاسترۇنوملار نۇرغۇنلىغان تەكشۈرۈش سانلىق مىقدارلىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، ئاسترونومىيە بىرلىكىنىڭ ھەربىر ئەسىردە 7مىتىر تېزىلىك بىلەن ئىشىپ بىرىۋاتقانلىقىنى بايقىغان. باشقىچە ئىتقاندا يەر شارى دەل يۇقارقى تىزلىك بىلەن قۇياشتىن يىراقلىشىپ كىتىۋىتىپتۇ. نۆۋەتتە بىلىپ بولۇنغان بارلىق ئۆز ئارا تەسىرلەرنى ئويلاشقاندىن كىيىنمۇ ئاسترۇنوملار بۇ خىل ھادىسىنى چۇشەندۈرۈپ بىرەلمىگەن.
«ئاۋانگارىت»دىكى غەيرىلىك
بۇ خىل غەلىتە تارتىش كۇچى تەسىرى ھادىسىى پەقەت قوياش سىستىمىسىدىكى تەبئىي ئاسمان جىسىملىرىدا يۈز بىرىپلا قالماي، قارمۇ – قارشى يۆلىنىشتە قوياش سىستىمىسىدىن ئايرىلغان «ئاۋانگارىت-10»،ۋە«ئاۋانگارىت-11»ناملىق ئالەم تەكشۈرۈش ئەسۋابلىردىمۇ يۈز بەرگەن. ئۇلارنىڭ ئورنى بىلەن نەزەرىيە جەھەتتىكى ھېسابلاش ماس كەلمىگەن.
«ئاۋانگارىت-10» 1972-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۇنى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ھازىر قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى 96 ئاستورومونىيە بىرلىكى بۇلۇپ، ھەر يىلى 2.5ئاسترۇنومىيە تىزلىكىدە قۇياش سىستىمىسنىڭ سىرتىغا قاراپ ئىلگىرلىمەكتە. «ئاۋانگارىت-11» بولسا 1973-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۇنى قويۇپ بېرىلگەن. قۇياش بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 75 ئاسترونومىيە بىرلىگى، ھەر يىلى ئاكۇلا يۇلتۇزلار تۇركۇمىگە قاراپ 2.4 ئاسترومونىيە بىرلىكىدە ئىلگىرىلەۋاتىدۇ.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، ئاسترونومىلار «ئاۋانگارىت-10»نىڭ 11-يىللىق؛ «ئاۋانگارىت – 11»نىڭ 4يىللىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، 1998-يىلى «ئاۋانگارىت-10»نىڭ ئورنى نىيۇتۇن ۋە ئېنىشتېيىننىڭ تارتىش كۈچى نەزەريىلىرىدە ئالدىن پەرەز قىلىنغاندىكىدىن 5.8 تۈمەن مېتىر يىقىن(قىسقا) ئىكەنلىكىنى بايقىغان.«ئاۋانگارىت-11»نىڭ ئەھۋالىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭ ئارلىغى پەرەزدىكىدىن تەخمىنەن 6مىليۇن مېتىردىن قىسقا بولغان. بۇ ھادىسە كىشىنى گويا مەلۇم كۇچ بۇ ئىككى تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا تەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ مۇقۇملاشتۇرۇلغان تېزلىگىنى كىمەيتىۋەتكەندەك قىلىدۇ دىگەن تۇيغۇغا ئىلىپ كېلىدىكەن.
غەلىتە ئوربىتا
يۇقىرقىلاردىن باشقا ئاسترونۇملار يەنە يەر شارى تارتىش كۈچىگە تايىنىپ ئىلگىرلەۋاتقان 6دانە ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئوربىتا ئېنىرگىيىسدە غەلىتە ئۆزگۈرۈش بارلىقىنى، بۇ خىل غەيرى ئۆزگۈرۈشلەرنى نىيۇتۇن تارتىش كۈچى قانۇنلىرى ئارقىلىق چۇشەندۇرۇگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان.
1990-يىلى 12-ئايدا گالىلېي تەكشۈرۈش ئەسۋابى يەر شارىنىڭ يىنىدىن ئۆتكەندە تۈنجى قىتىم بۇخىل ھادىسە بايقالغان. ئۇ ۋاقىتتا «گالىلېي» يەر شارىدىن تەخمىنەن 2مىليۇن مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ھەر سېكۇنۇتتا 8891 مېتىر تىزلىك بىلەن يەر شارىغا يىقىنلىشىۋاتقان ئىكەن. «گالىلىېي»نىڭ يەر شارىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتىكى تېزىلىكىمۇ يۇقارقىدەك ئىدى. ئالدىن پەرەز قىلىنغان تېزلىك ۋە ئورۇنمۇ شۇنداق ئىدى. لېكىن سانلىق قىممەتلەردە ھەر سېكونىتتا بىر مېتىر ئىشىپ كەتكەنلىكى بايقالغان. گەرچە بۇ قىممەت بەك كىچىك بولسىمۇ، ئۇ ھەقىقەتەن «گالىلىېي» نىڭ كۈزۈتۈش سانلىق مىقدارلىرى ئىچىدە مەۋجۇت.
كۈزۈتۈشلەردىن مەلۇم بولىشىچە 1998-يىلى 1-ئايدا شۇمېيكىر( Shoemaker ) غا يېقىن بولغان بىر كىچىك سەييارىنى تەكشۇرۈش ئەسۋابىدىمۇ ئوخشاشلا تىزلىنىش كۆرۇنگەن، ئۇنىڭ تىزلىشىش ئىففىكتى تەخمىنەن «گالىلېي» نىڭ ئۈچ ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىتىمقى ئادەتتىكى ئەھۋاللارغا ماس كەلمەيدىغان تىزلىكى سېكۇنتىغا ئىككى مىللىمىتىر بولغان.
بۇ نەتىجىلەر ئالىملارغا قىيىنچىلىق ئىلىپ كەلدى. قانداق نەرسە تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ماسسىغا قوشۇلۇپ قالدى ۋە ئۇلارنىڭ تېزىلگىنى ئاشۇرۋەتتى؟
يېڭى فىزىكا
ئالىملار قۇياش سىستىمىسىدىكى بۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ ئارقىسىدا مۇئەييەن چۇشەندۈرۈشنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن بولسىمۇ، بىراق ھىچكىم بىرەر ئىنىق سەۋەبىنى كۆرسىتىپ بىرەلمىگەن. بىر خىل قاراش شۇكى، يېڭى بىر تارتىش كۇچى نەزەريىسى كۆزىتىلگەن غەلتە ھادىسىلەرنى چۇشەندۇرۇپ بىرىشى، ئاستورۇنۇمىيە ھازىر يىڭى فىزىكا ۋە ھەتتا يىڭى تارتىش كۈچى نەزەريىسىنىڭ بۇرلۇش نوقتىسىدا تۇرۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئەگەر بىز تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا كۆزۈتۈلگەن مۆلچەردىن ھالقىغان تىزلىنىش ۋە غەيرى ھادىسىلەرنى شۇنداقلا ئاي ئوربىتىسى ۋە قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى قانداق نەرسىنىڭ پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىيالىساق ئۇ ھالدا بىز تارتىش كۈچىنىڭ راسىت ياكى يالغانلىقىنى ئىنىق بىلگەن بولىمىز.
ئەسلى مەنبە: جېجىياڭ گىزىتى.
http://news.163.com/10/0707/09/6AVTM27Q000146BD.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-10 01:22 PM