ap~qilam يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 07:32 PM
قېنىدۇ ھۇي دەپ قويسا قاتار تىزىلىشىدىغان تاكسىلارك ...
ھەي ئۇكام ئەپچىلەم ، ھەي ئەپچىلەم ....خېلى تېتېىملىق گەپلەرنى قىلىپ ، تېتېىملىق تېمىلارنى يېزىپ يۈرەتتىڭىز ، بۈگۈن نىمە بولدىڭىز ؟ كەيپىياتىڭىز چۇقۇم باشقىچە ، بولمىسا پۈتۈن دۇنيا ئەھلى ھۆرمەت ساھىبى دەپ بىلىدىغان ، ھىندىستان دۆلەت ئاتىسى مۇھەنداس گەندى نىڭ نامىنى «گەندە » دەپ يىزىپ يۈرمەيتىڭىز ... سىزگە بىر ياخشى مەسلىھەت بىرەي ، مەن ئادەتتە كۆرگەنلا ئادەمگە كىتاپ تەۋسىيە قىلىپ يۈرمەيتتىم ، ئەمما سىزنى ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن ، سىز بارغۇ مۇھەنداس گەندىنىڭ «مەن ھەقىقەتنى قانداق تاپتىم » دىگەن كىتاۋىنى قانداقلا قىلسىڭىز تېپىپ بىر ئۇقۇڭ ،ياق ئىككى قېتىم ئوقۇڭ ، ئاندىن گەندىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى چۈشىنىسىز ۋە «بىزنىڭ ئارىمىزدىن نىمىشقا شۇنداق ئادەم تۆرەلمىگەندۇ ؟....» دەپ ، ئېچىشقان بۇرنىڭىزنىڭ ئۇچىنى چىمدىيسىز .....
تېما كۆرگەندە تېمىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان مەزمۇننى ئىجابى مەنىدىن چۈشىنىشكە ئادەتلەنگەندە ئادەم كۈڭۈلسىز گەپلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىپ قالالايدۇ ...مىنى «يەڭگىلىك قىلىپ كەتتى » دەپ مەندىن ئاغرىنماڭ ئۇكام ، قېرىندىشىم دەپ بىلگەچ شۇنداق دەۋاتىمەن ، كىم بىلىدۇ كەلگۈسىدە تېخى كۆپچىلىك ئالدىڭىزدا چاۋاك چالىدىغان كاتتا ئادەم بۇلۇپ قالامسىز تېخى ؟.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-11 12:15 PM