lawa0998 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-10 07:48 PM
سۈرەتتىن كۆرىۋېلىش تامامەن مۇمكىنكى- ھىندىستان جەميىت ...
بىر مەسىلىنى ئويلىمىغان نۇقتىدىن ، ئويلىمىغان تەرەپلەردىن ئاجايىپ تەھلىل قىلدىكەنسىز جۇمۇڭ .
بۇ ئىنكاسىڭىزنى بىر قارىسا يۇمۇر بىر قارىسا سىياسى ، يەنە بىر قارىسا ئىلمىي نەتىجە ........
بۇلارغا قارىتا مىنىڭ پىكىرىم .........ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن شۇلارنىڭ ئىشقىلىپ ئاسان ئىش ئەمەس ھاماللىق قىلىش . نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ دىيارىمزىدىمۇ ئادەم كۈچى بىلەن سۆرەيدىغان ئۈچ چاقلىق ۋەلىسپىت كىراكەشلەر تولا ئىدى تىخى كىرا باھاسىنىڭ ئەزەنلىقىچۇ بەش موچەن ئىدى . شۇ چاغلاردا تومۇز ئىسىقتا مەن بىلەن تەڭتۇش بىر ئاداشقا كىرا قىلدۇرغۇزۇپ مىڭىۋىتىپ ھىلىقى ئاداشنىڭ پىز-پىز ئىسىقتا ۋەلىسپىتنىڭ پىدالىنى تىپىپ بولالماي مۇنچاق-مۇنچاق تەرگە چۆمۇپ كەتكىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاغىرىپ . بولدى ئاداش مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالدىغان بىر ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ كىرا ھەققىنى بىرىۋىتىپ چۈشۈپ قىلىپ شۇندىن كىيىن بىر قىتىممۇ شۇنداق ئادەم كۈچىنى ئېنىرگىيە قىلىپ كىرا قىلدىغان ئۈچ چاقىلق كىراكەشلەرنىڭ ۋەلىسپىتىگە ئولتۇرمىغانتىم . بىراق مۇشۇلاردىن باشقا كالتا يوللارغا كىرا قىلدىغان ھازىرقىدەك توك ياكى ماتۇر بىلەن ھەركەتلىنىدىغان كىركەشلەر يوق دىيەرلىك بولغاچقا نۇرغۇن يوللارنى پىيادە بىسىپ كەتكەن ئىدىم پۇتلىرىرم دىگەن ئۆزۈمنىڭ ئەمەس ئىدىغۇ شۇ ۋاقتلاردا .
مۇشۇ ۋاقىتتا بەزى ئىلمىي ‹‹
زامانىۋى تەھلىچىلار ›› سىللىنىڭ بۇ قىلمىشىڭلار ئۇلارغا قارىتا ئىچ ئاغىرتىش بولسىمۇ بىراق سىللىەرنىڭ ئۇلارنىڭ ھارۋىسىغا ئولتۇرمىغىىنڭلار ئۇلارنى قوللىمىغىنىڭلار، ئۇلارنىڭ كىرا ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداشتىن ئىبارەت بۇ كەسپىگە نان تاشلىمىغنىڭلار دەپ ۋەزخانلىق ئىيتىپ كەتكەن ئىدى . مىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىم مەنمۇ ،سەنمۇ ئولتۇرمسىاق ئۇلار بۇ جاپالىق ئىغىر كەسىپتىن باشقا ئاسانراق بىر كەسىپ ئارقىلىق نان تىپىپ يىيىشنى ئۈگىنىدۇ دەيىتتىم .
...............شۇ ۋاقىىتتا نۇرغۇللىغان تونۇشلىرىمنىڭ مۇشۇ كەسىپ بىلەن بىر نەچچە يىل شۇغۇللىنىپ بۆرەك ياللۇغى .بۆرەك زەيىپلىشىش، ئۆت ياللۇغلىنىش ..................قاتارلىق كىسەل بولۇپ بەش مو-بەش مودىن تىرىشپ تاپقان پۇلى داۋالىنىشقا يەتمەي تەڭلىكتە قالغىننى ئاڭلىغان ئىدىم .
ھەممىسى شۇ يوقسۇزلۇقتە يوقسۇزلۇق كىشىنى نىمە كۈنگە سالمايدۇ .