arean418 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-11 06:08 PM
ئاجايىپ قۇسۇرچى قىزكەنسىز ، سىياسىي ئوبزورچى بولسىڭز ...
توغرا گەپ قىلغان ئادەم بىلەن قۇسۇرچىنى ئايرىيالماي قاپسىز،
مېنىڭ تاپقان قۇسۇرىم نىمىكەن بىلگەن بولسىڭىز كۆرسۈتۈپ بەرمەمسىز، ئەگەر مېنىڭ خاتا بولسا تۈزۈتىمەن.
لېكىن بۇ 29-تېئورىما دىگەن تېما ئۇزۇن بولدى ئايىغى ئۈزۈلمىدى، شۇ تېمىدىكى ئىنكاسلارنىمۇ كۆردۇق.
ئۇ تېمىدىكى گەپلەرنى يەنە سۆرەپ چىقىپتۇ.
راس ئۇقۇشماسلىق بولغان تەغدىردىمۇ ئۇ ئۇقۇشماسلىقنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاش ھاجەتسىز ئىدى، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، بىر ئادەمنىڭ 10 نەچچە يىللىق ئەمگىگىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتسە، بۇ شۇ ئادەمگە شېكەر يالىتىپ زەربە بېرىش بولمامدۇ.
گەپنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە تۈگىگەن بولغاندىكىن، يەنە ئايرىم تېما قىلىپ، كۆتۈرۈپ چىقمىسا نىم بوپتۇ. بۇنداق قىلىش يەنە داۋاملىق ئىزدىنىشىگە توسقۇنلۇق بولمامدىكەن. بۇلارنىمۇ ئويلاشساق بولاتتىغۇ.
ئۆز ئىچىمىزدىن چىقىۋاتقان ئىزدەنگۈچى تىرىشچان ئادەملەرگە بۇنداق قىلماي، ئىلھام بېرىدىغان يەردە ئەسلى.
ئۇخىل روھنى ئۈگۈنۈشكە چاقىرىدىغان يەردە ئەسلى.
بىر شاپىلاق سېلىۋېلىپ، بىز سىزدىن ئۈگۈنۈمىز دىسە كىم قوبۇل قىلىدۇ، قىزىق گەپتە بۇ.بىلسىڭىز مېنىڭ گېپىم قۇسۇر تېپىش ئەمەس، تېمىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى توغرۇلۇق بولىۋاتىدۇ.
قۇسۇرنىڭ نىمىلىكىنىمۇ پەرىق ئېتەلمىگەن ئادەم گېپىڭىز بولسا ماڭا ئەمەس، تېمىغا يېزىڭ.
مېنىڭ بۇنداق تېمىلارنى سىزدەك ئاۋۇتقۇم يوق. ئەگەر بۇ تېمىنى ئۆچۈرگۈسى كەلمىسە، نەزىرىڭىز تېمىدا بولسۇن!
بىرسىگە نەقىل ئېلىپ قالپاق كەيدۈرۈشتىن بۇرۇن، ما مۇنازىرە بىلەن بىر ئادەمگە باھا بېرىش بۇ ئىككىسىنى پەرىقلەندۈرىۋالايلى.
چۈنكى مۇنازىرە بىلەن تۆھمەت قىلىپ سۆزلەش ئىككىسى ئىككى ئىش.
ئېنىقى مۇنازىرە دەپ قويۇپ، يوق قالپاق كەيدۈرۈشتىن چۈشمەيلى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-11 07:45 PM