ھە،راسىت،ئەسكەرتىپ قوياي:29-تىئورما نىيوتۇندىن كۆچۆرىۋىلىنغان ئەمەس.ئۇ ،نىيوتۇن ئىدىيىسىنىڭ ئىجادى كېڭەيتىلىشى ۋە رىۋاجى،تورداشلار ئۆزەڭلار ياخشى مۇھاكىمە قىلىپ كۆرۆڭلار،مەن بۇ نۇقتىنى تىخى تۆنۆگۆنلا ھېس قىلدىم.قايىل بولمايدىغانلار بولسا ھەرقانداق مۇنازىرىگە تەييارمەن!
كېلىشە "ئاق پىشماق"لار!.
_"ياۋا غاز پىدائىلار ئەتىرىتى"فىلىمىدىن ئارىيە
دەسلەپكى دەلىللىرىم:
پىقىرىغۇچ(نۇر)نىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىكى يىغىندى كۈچ ئۈزلۆكسىز ھالدا تۇز سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدۇ.
_____ نىيوتۇن.
زەررىچە ۋە جىسىملار سىزىقلىق ھەركەت جەريانىدا ئۇز ئوقىدا يۆنىلىشى تەرەپكە قاراپ ئاغىدۇ(29-تىئورما).
_ قاسىم سىدىق
29-تىئورما نىيوتۇننىڭ يۇقۇرقى بايانىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ئىكەن،لىكىن بۇ تىئورما ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن، نىيوتۇن بايان قىلغان مەزمۇندىن كەڭ ئىكەن.
مۇتەخەسىس ،ئالىملار،كەسىپ ئېگىلىرى 29-تىئورما نىسبى مۇستەقىل ئىدىيە بولالامدۇ ياكى نىيوتۇن بايانىنىڭ كونكىرتلاشتۇرۇلىشى،شەرھى،كېڭەيتىلىشى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟،مۇزاكىرە قىلىپ باقسا بولغىدەك.
1.نىيوتۇننىڭ بايانىدا نەزەردە تۇتۇلغىنى نۇردىكى يىغىندى كۈچلەرنىڭ سىزىقلىق ھەركەتتىن يىراقلىشىپ ئېغىشىدىغانلىغى.
2. بۇنداق ئېغىش 29-تىئورمىدا يالغۇز نۇرغا ئەمەس،بەلكى ئۆزئوقىدا ئايلىنىپ سىزىقلىق ھەركەت قىلىۋاتقان بارلىق زەررىچە ۋە جىسىملارغا تەدبىقلانغان.("ئېن"مۇ شۇنىڭ ئىچىدە).
3.نىيوتۇندا ئېغىشنىڭ يۆنىلىشى ئىنىق كۆرسىتىلمىگەن.
4.ئېغىش يۆنىلىشىنى ئىنىق كۆرسىتىلگىنى 29-تىئورما.
5.نىيوتۇن ئېغىشنى نۇقۇل كۈچ نۇقتىسىدا تۆرۆپ بايان قىلغان.
6.كونكىرىت ھەركەت شەكلى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى نۇقتىسىدا تۆرۆپ بايان قىلىنغىنى 29-تىئورما.
بۇ نۇقتىدا ياخشى تەھلىل ئېلىپ بېرىش كىرەكتەك قىلىدۇ.
ئېغىشنىڭ تىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېكەنلىگىنىڭ ئۇتتۇرىغا قويۇلىشى.41-تىئورمىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى.29-تىئۇرمىنىڭ"غەيرى نۇقتا"دىن كەلتۆرۆپ چىقىرىلىشى.....قاتارلىقلارئارقىلىقمۇ 29-تىئورمىنىڭ مۇئەييەن خاسلىققا ئېگەتەپەككۆرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىگىنى كۆرسۆتۆپ بەرگىلى بولىدۇ....بۇ بىر ئىجادى ۋارىسلىق مەسىلىسى....
مىنىڭ نىيوتۇننىڭ 1-قانونىنىڭ بايانىنىڭ ئۇقۇم دائىرىسىنى كىڭەيتىپ ،ئۇنى ھەممە ھەركەت شەكىللىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان قىلىش لازىملىغى ھەققىدىكى تەشەببۇسۆمنىڭ ئەھمىيىتى ئەمدى تېخىمۇ رۇشەن بولغىنى تۇردى.
بۇنداق قىلىنغان ئەھۋالدا:
1.فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرگىلى بولىدۇ.
2.بارلىق كۈچلەرنى ئىنىرىتسيەلىك كۈچنىڭ ئوخشىمىغان شەرىتلەر ئاستىدىكى كونكىرىت شەكلى سۆپىتىدە بىرلىككە كەلتۆرگىلى ،ھەممىسىنى ئىنىرىتسىيىلىك كۈچكە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ.
3.ئېينىشتېيىن ماكان ئەگرىلىگى ھەركەت ئەگرىلىگىگە ئورۇن بوشىتىدۇ.
4.مىكرۇ ۋە ماكرۇ دۇنيا ئورتاق قانۆنىيەتلەرگە بوي سۇنىدىغانلىغى ئىنىق بولىدۇ.ھەركەت شەكلى نۇقتىسىدىن بۇ ئىدىيەنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىگى تېخمۇ رۇشەن ئەكىس ئىتىدۇ.
5.يورۇقلۇقنىڭ ماھىيىتى زەررىچە،دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەت زەررىچىنىڭ ھەركەت شەكلى ئىكەنلىگى ئايدىڭلىشىدۇ.
6.ئالەمنىڭ دەۋرىلىگى ئايدىڭلىشىدۇ.
7.ئالەملىك ھەركەت مىقدارىنىڭ ئومۇمى جەھەتتىن تۇراقلىق مىقدار ئىكەنلىگى ،ئۇنىڭ ئىككى تەركىپلىگۆچىسى -سىزىقلىق ۋە بۇلۇڭلۇق ھەركەت مىقدارلىرىنىڭ تەتۆر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتكە ئىگىلىگى رۇشەنلىشىدۇ.سىممىتىرىكلىكنىڭ بۇزۇلىشى دەۋرى ئالەمنىڭ ئالدىنقى شەرىتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىگى،لىكىن بىر پۆتۆنلۆكتە سىممىرىتىرىكلىكنىڭ بوزۇلمايدىغانلىغى ئايدىڭلىشىدۇ.
____ قاسىم سىدىق
2013.7.11
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-12 07:24 AM