yantak0996 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-15 12:12 PM
https://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=attachment&aid=NTg3OTh8NWE2ODI2ODJhZTc4MDhlZjg2MzhmY2RjNGZjNjc2MjZ8MTM3ODY0MDY0NA%3D%3D&request=yes&_f=.jpg
ئارىمىزدا ئەقىلسىز ئاداملەر بەك كۆپ ئىكەن، بۇ ئومەرجان ئالىم،دىلنار ئابدۇللا دىگەنلەر قانداقمۇ مەشھۇر شەخىسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالايدۇ؟ ئۆمەرجان ئالىم پەقەتلا شۇ دۇتتا چىلىپ ناخشا ئېتالايدۇ شۇ، غولجىدا تانسىخانا ئېچىپ ئۇ يەرنى ئەسكىلىكنىڭ ئۇۋىسى قىلىۋەتتى، ئاندىن غولجىدا سېسىق نامى پۇر كەتتى... ... ئەلنىڭ نەزىرىدىن ئېغىر چۇشۇپ كەتكەن مۇشۇنداق ناخشىچىلارنى مەشھۇر شەخىس دەۋەتامسىلەر؟ دىلنارمۇ شۇ پەقەتلا ئۇسۇل ئوينىيالايدۇ شۇ، ئۇنىڭ نەرى مەشھۇر؟ قىزىنى ھازىرقىدەك تەربىيىلىگەنلىگى ئۇچۇن مەشھۇرمۇ يە؟!!!
مەشھۇر شەخىس دىگەن ئەل ئۇچۇن، خەلقى ۋە مىلللىتى ئۇچۇن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان، ۋەتىنى،خەلىقى ۋەئۆز مىللىتىنىڭ بۇگۇنى،ئەتىسى ۋە كەلگۇسى ئۇچۇن كۇرەش قىلغان، خەلىقنى ئويغىتالايدىغان، ئۆزىنىڭ ئەمەلى ئىش ھەركىتى ئارقىلىق ئۆزمىللىتىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ۋە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان شەخىسلەر...ئۆز مىللىتى، ئۆز يۇرتى ئۇچۇن ئەزىز جىنىدىنمۇ ۋاز كېچەلەيدىغانلار ۋە كەچكەنلەر...ئۆز مىللىتىنىڭ، خەلىقىنىڭ ۋە ئەزىز ئانا يۇرتىنىڭ ئازاتلىغى، ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە نام شەرىپى ئۇچۇن ھەسسە قوشقانلار ۋە قوشىۋاتقانلار... ...
ئۆزەڭلار ياخشى كۆرگەنلىگىڭلار ئۇچۇنلا مەشھۇر قىلىپ قويامسىلەر بەزىلەرنى ؟ سىلەر مەشھۇر دىسەڭلا مەشھۇر بولۇپ قالامدۇ ئۇلار؟ سىز كىم ئىدىڭىز بىر مىللەتنىڭ مەشھۇرلىرىنى باھالاپ چىقىدىغان؟ سىزنىڭ قانچىلىك نوپۇس-ئابرۇيىڭىز ۋە بىلىمىڭىز بار؟ بەزى يازمىلارنى ئاۋال ئەينەككە بىر قارىۋىتىپ ئاندىن يازايلى قېرىنداشلار... ...!!!!