مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yantak0996

ئۇيغۇرمەشھۇرلىرى ۋەئۇيغۇرلارنىڭ رەسىم توپلاملىرى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25741
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6371
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3283 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2013-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 11:36:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yantak0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-16 04:26 PM
بۇرادەر مەن بۇلارنىڭ ھەممىسى مەشھۇر دىمىدىمغۇيوللىغ ...

ئۇيغۇرلار 10مىليۇندىن ئاشىدۇ،قويۇپ بەرسە ھەممىسىنى يوللامتىڭىز؟ بەكلا بىكار بولۇپ قالغان بولسىڭىز مىللىتىمىزگە ئاز-تولا پايدىسى تېگىدىغان تېمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز... ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95019
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2013-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 11:57:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت، كۆپ ئەجىرلەر قىلىپسىز .  تېمىغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئىنكاسلار يېزىلىپتۇ، جاھاندا  نەدىمۇ ئۇنداق مۇكەممەل ئىش بولسۇن، شۇنچە رەسىملەرنى توپلاشقىمۇ نۇرغۇن ئەقىر قىلغانسىز ھەقاچان. مەشھۇرلىرىمىزدىن چۈشۈپ قالغانلىرىنى تورداشلار يوللىغاچ تۇرسىلا بولاتتى دەيمەندە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazakat07 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-17 12:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91357
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 12:22:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
farabi126 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-17 11:36 AM
ئۇيغۇرلار 10مىليۇندىن ئاشىدۇ،قويۇپ بەرسە ھەممىسىنى ي ...

يوللاشقا ئەرزىيدۇ بۇرادەر سىزمۇ رەسىمىڭىزنى يوللاپ قۇيىڭا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91357
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 12:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
psb(140).jpg
psb(139).jpg
psb(52).jpg
psb(49).jpg
psb(48).jpg
psb(47).jpg
psb(46).jpg
psb(44).jpg
psb(41).jpg
psb(39).jpg
psb(37).jpg
psb(36).jpg
psb(35).jpg
psb(34).jpg
psb(33).jpg
psb(9).jpg
psb(7).jpg

سابىت داموللا

سابىت داموللا
psb(5).jpg
psb(3).jpg
psb(2).jpg
psb.png
psb.jpg
psb(55).jpg
psb(54).jpg
psb(53).jpg
psb(56).jpg
psb(38).jpg
psb(4).jpg


psb(31).jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91357
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 01:10:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار   بىر كۇنلۈك ماتىرىيال يوللاشنىڭ چىكى باركەن يەنى 30دىن ئاشمايدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86415
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 309
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 01:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەخىرلىك كىشىللىرىمىز مەڭگۇ ئۇنتۇلمايدۇ.

ئادەم ھاياتىنى شۇنداق ئۆتكۇزۇشى كىرەككى:ئۆتۇپ كەتكەن كۈنلىرىنى ئەسلىگىندە،‹‹ ئەجەپمۇبىر چاكىنا ئېشلارنى  قىلىپ قويۇپتىمەن.›› دەپ يۈرىكى ئۆرتەنمەيدىغان بولسۇن.
                           ئابدۇراخمان روزى(توغراق شاھزادە)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 02:44:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇكىرەم ئابباسوف ،ئەلقەم ئەختەم ،بىلال ئەزىزى (ئۆزبىك ) قاتارلىقلار نىمىسگە مەشھۇر بولىدىكەن. ئەگەر ئۇلارنى مەشھۇر دىيىشكە توغرا كەلسە  20-ئەسىردىكى ئۇيغۇرنىڭ مەشھۇر كىشىللىرىنىڭ  قاتارىغا  ،سابىت داموللام ،  خوجىنىياز ھاجى ،سەيپىدىن ئەزىزى ، رابىيە قادىر ، ئەخمەتجان ئوسمان  ،ئۆركەش  قاتارلىق ئاتالمىش بۆلگۈنچى ، ئونسۇرلار ئىنقىلاپچى پالۋانلار مۇ شۇ تىزىملىككە كىرىشى كېرەك ،بولۇپمۇ  ‹‹شەرقى turk›› ھاكىمىيىتىنىڭ بايرىقىنى تۇنجى بولۇپ قەشقەر ئاسمىنىدا لەپىلدەتكەن مىللىي بۆلگۈنچى سابىت داموللام چوقۇم چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91357
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2013-2-8
ئاخىرقى: 2013-7-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 03:03:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
akilsiz يوللىغان ۋاقتى  2013-7-17 02:44 PM
ئابدۇكىرەم ئابباسوف ،ئەلقەم ئەختەم ،بىلال ئەزىزى (ئۆز ...

بۇرادەر ئۇيغۇرمەشھۇرلىرى ۋەئۇيغۇرلارنىڭ رەسىم توپلاملىرى دىگەن گەپنى چۇشىنەمسىز يا مەن ئۇلارنىڭ ھەمىمسىنى مەشھۇر دىمىدىم  ئۇزىڭىز مەشھۇرلار بىلەن مەشھۇر ئەمەسلەرنى سەلبىلەر بىلەن ئىجابىلارنى ئايرىۋېلىڭ سىزگە ياخشىلارنىلا تەۋسىيە قىلمىدىم مەن بۇنىڭ ئىچىدە سەلبىلەرمۇ بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 03:06:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yantak0996 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-17 03:03 PM
بۇرادەر ئۇيغۇرمەشھۇرلىرى ۋەئۇيغۇرلارنىڭ رەسىم توپلا ...

بۇرادەر  سىز تەۋسىيە قىلغانلارنىڭ ئىچىدە مەن تىلغا  ئىلىپ ئۆتكەن  ئابباسۇف ، ئەلقەم  ئەختەم ، بىلال ئەزىزى  قاتارلىقلار نىمىسگە  مەشھۇر بولىدىكەن ‹‹ مەشھۇر ›› دېگەن بۇ سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنى  ئاختۇرۇپ كۆرۈڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 398
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1658
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 03:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


1991- يىلى 1 - ئاي . مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى . ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر رەئىس جۇمھۇرى مۇھەممەد ھۈسنى نۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قويۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم - پەن ئوردېنى بىلەن مۇكاپاتلاندى .
  دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى بەس - بەستە خەۋەر قىلىشتى . بۇ 10 ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن ، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا ، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر ، گېزىت - ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبىيېكتى بولۇپ قالدى .

  ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنىشۇناس ، قۇرئانشۇناس ، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللا ئىدى.

  1992-يىلى رامىزان ئېيى . ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى . كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھانە تۆشەك ئۈستىدە ، ماراكەش پادىشاھى ھەسەن ئىى ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى ، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي ، مۈلكى ئەمەلدارلىرى ، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەت ئەللىك نوپۇزلۇق دىنىي ئالىملار ئولتۇراتتى . پادىشاھنىڭ ئاتا - بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا پادىشاھ ھەسەن ئىى شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى . بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگودىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى . مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان ‹��?شىنجاڭدىكى مەسچىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى ›��?دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى . بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى . ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى ، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن ، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھلىدى . يىغىندىن كېيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن ئىى قوبۇل قىلدى . مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە ‹��?قۇرئان كەرىم ›��?بىلەن ‹��?سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى ›��?نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى .

  شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگو - ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيىلەپ ئەرەپ تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى . كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيىتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى . تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان ، يەنە كېلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى ... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن ئىى بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋېتىپ : ‹��?قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز ، خۇددى ئىبنى زەيدۇن ( ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى) نىڭ شېئىرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم ›��?دېدى .

  ماراكەشنىڭ دىنىي ئىشلار ۋەزىرى ، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى ‹��?پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى ، ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئىرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس ›��?دېدى .

  شۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى . ھەر يىلى ئۇنىڭ يىغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.

  1998-يىل، مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا : ‹��?سىزگە خۇشخەۋەر ، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان سلىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھوزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق . بۇ چوڭ شەرەپ ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان . غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز ›��?دېدى . شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى . پادىشاھ ھەسەن ئىى مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن ، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى .

  ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ 1936- يىلى ئاتۇشتىكى فازىل ، تونۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب ، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب ، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما ، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى . پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنىي تەلىم ئېلىشقا باشلىدى . 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كېيىن ئەرەب ، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى ، كېيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى . ئاتىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلۈنۈش بويىچە ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى .

  ئاتىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ ،كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ ، جۇڭگو ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا بىر يىل ئوقۇدى . ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى ، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە ، تەپسىر ، ھەدىس ، فىقھى ، ئەقىدە ، ئىسلام پەلسەپىسى ، ئىسلام تارىخى ، ئىلمىي بالاغەت ، ئىلمىي كالام ، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىمىلىق ئۆگەندى . 1960 - يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى .

  » قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شاراىتتا ، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى . ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاسىتە چۈشىنىش ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي ، بەلكى ئىلىم - پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى . ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ ‹��?قۇرئان كەرىم ›��?نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نوپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى .

  » قۇرئان كەرىم» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى . مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نوپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت - قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى . ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى . ‹��?قۇرئان كەرىم ›��?نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى . كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ، زۆرۈر تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى . بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇران تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى .

  ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە ، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان - تەر تۆكۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ . مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولغان ‹��?قۇرئان كەرىم ›��?نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى . قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى . ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن - ئاخىر مۇتالئىە قىلىپ چىقىپ ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ ، تەقرىز يېزىپ بەردى . بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى . شۇنداقلا ‹��?قۇرئان كەرىم ›��?نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەئەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى . سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگو ئىسلام جەمىئىىتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى .ئالىم ئىشلىگەن ‹��?قۇرئان كەرىم ›��?ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى موسكۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى .

  مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچلىك ، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان ‹��?سەھىھۇلبۇخارى ›��?نى ۋە ‹��?مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى ›��?قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى .

  مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن ، ئالاھىدە ئىجتىمائي مۇھىتتا ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەپ بەدئىي تىلىنى ئاساس قىلغان ، پاساھەت - بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان ، ئۇنى چۈشىنىش ، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى . ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش ، نۇرغۇن زېھىن - قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى . ئۇلاردىن باشقا ، ئۇ يازغان ‹��?‹قۇرئا�?كەرىم›��?نىڭ 29 - ۋە 30 - پارىلىرىنىڭ تەپسىرى ، ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹��?‹قۇرئا�?كەرىم ›��?ۋە ‹��?ھەدىسلەردىن تاللانما ›��?ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك ‹��?ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت ›��?نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . بولۇپمۇ ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مىۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى ‹��?ئەرەبچە - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت ›��?2002 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى . يەنە ‹��?دۇانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇالار ›��?ناملىق كىتابىمۇ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى .

  مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن ، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ، تارىخ ، تىل ، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ .

  مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ‹��?جامىۇتتەۋارىخ›��?،‹��?تەۋارىخ خەمسە›��?، ‹��?غازات دەر مۈلكى چىن›��?، ‹��?ئىھيا ئۇلۇمىددىن›��?، ‹��?مەكتۇبات ››�?‹��?تەزكىرەئى ئەزىزان ›��?، ‹��?سىررۇلمۇخلىس ›��?، ‹��?زەپەرنامە ›��?، ‹��?تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە ›��?، ‹��?تەۋارىخ جەدىدە ›��?، ‹��?جەھدۇلمۇقىل ›��?قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ ، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى . مۇھەممەد سالىھ 1961 - يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ ‹��?دىۋان لۇغەت تۈرك ›��?كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى .4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا ‹��?مەدەنىيەت ئىنقىلابى ›��?باشلىنىپ شۇ ‹��?ئىنقىلاب ›��?قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان - تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى .

  ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىماىي ، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا قاتناشتى . جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن ، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار ، يادىكارلىقلار ، مازار - ماشايىخلار ، مەسچىت - مەدرىسلەر قالمىدى . ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار ، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى .

  ئۇ يەنە ‹��?تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ›��?، ‹��?ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا ›��?، ‹‹رۇقەات�?نەۋائىي ھەققىدە ›��?، ‹��?ئاپاق خوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا ›��?، ‹��?مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى ›��?، ‹��?قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا ›��?، ‹��?شىنجاڭنىڭ دىنى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى ›��?، ‹��?ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇرۇھى ›��?، ‹��?شىئە ئىسىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىد ا›��?، ‹��?شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا ›��?، ‹��?مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى ›��?، ‹��?ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم - پەن ›��?، ‹��?دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇالار ›��?، ‹��?ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى ›��?قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى . بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان ‹��?دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى ›��?، ‹��?جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ›��?، ‹��?شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى ›��?، ‹��?شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى ›��?قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى .

  مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى . « تەجدىد » ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى ، ‹��?تۇتنامە ›��?، چوڭ ھەجىملىك داستان ‹��?مۇھەببەتنامە ›��?، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى ۋە ‹��?بۇلاق ›��?ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى .

  مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا ، يەنە بىر تەرەپتىن 1987 - يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى . ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم - تالدىم دېمەي تەر تۆكتى . ئىنىستىتۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ - ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس ، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىدى ، دەرسلىكلەرنى تۈزدى ، دەرسخانىغا كىرىپ بىۋاسىتە دەرس ئۆتتى. (جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2003 - يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى)

  مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش