مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sutuk2012

پەيغەمبەر شەھىرىگە زىيارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 05:10:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماقۇل ئاداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 11:07:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەرەكەتىھۇ! قېرىندىشىم، سىزگە ھەقىقەتەنمۇ  شۇنداق ياخشى  بەخىت نىسىپ بوپتۇ  مۇبارەك بولسۇن! بىزگىمۇ ئىنشائاللاھ  بېرىش نىسىپ بوپقالا، ئۈمۈدسىزلەنمەي ياشايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 02:31:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇەمئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ
.رەھمەت.سىلەرگىمۇ نىسىپ بولغۇسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 07:36:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،كەچۈرۈڭلار ،ساقلىتىپ قويدۇم، تىمىنىڭ جانلىق بولۇشى ئۈچۈن ۋاقتىدا داۋام قىلىپ ،سۈرەتمۇ قوشۇپ داۋام قىلىشقا تىرشىمەن.
باياتىن قەشقەردىكى بىر قېرىنداش ماڭا سىلەر چەتئەلدىكىلەر بىزنى ئۇنتۇپ قىلۋاتىسىلەر،سىلەر ھورۇن،چقىپلا جىمىپ كىتىسىلەر،بىلىدىغانلىرىڭلارنى ،ئۆگەنگەن كۆرگەنلىرىڭلارنى بىزگە يەتكۈزمەيسىلەر دەپتى،مەندە يەتكۈزگۈدەك جىق بىلىممۇ يوق دىسەم،چەتئەل تەسىراتىڭلارنى يەتكۈزسەڭلەرمۇ بولىدۇ دەپ قالدى،مەن چەتئەلگە چىققىلى بىرقانچە يىل بولغان بولسىمۇ سىلەر ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا  بۇلتۇر مىسرنىمغا يوللىغان ‹ئىستانبۇلدىن روزا ھېيتلىق سوۋغا›دىگەن يازمىدىن باشقا نەرسە سۇنالماپتىمەن.كەچۈرۈڭلار،سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ ئاقلاش ۋە ياخشى دۇئا-تىلەكلىرىڭلارغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ نەچچە يىللىق قەرزىمنى چوقۇم قايتۇرىمەن.
بۇ خاتىرىنىڭ بىشى ئۈچۈن سۈرتلەر،ئۇ چاغدا سۈرەتكە تارتمىغانلىقىم ئۈچۈن شۇنىڭغا يىقىن سۈرەتلەرنى توردىن يوللاپ قويدۇم.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا يوللىرى ئايروپىلانى ،ئاللاھ خالىسا سەئۇدىغا سەپەر قىلىپ قالساڭلار مۇشۇ خىل ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قالاسىلەر.




ئىستانبۇلنىڭ ھاۋادىن كۆرۈنۈشلىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sutuk2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-18 12:03 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 09:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەجدادلىرىمىز ياپون دىڭىزىدىن قارا دىڭىزغىچە ئات چاپتۇرغان زامانلارمۇ بولغانىكەن، كىيىن شۇ ئاتلار بىلەن سودىغان باردىغان،يىراق سەپەرلەرگە،ھەجگە بارىدىغان بوپتۇ، دۇنيادىكى مەشھۇر سەيياھلاردىن ئەرەبلەردىن
ئىبىن باتۇتە،






ياۋرۇپادىن ماركوپۇلۇ،
http://upload.wikimedia.org/wiki ... o_Polo_portrait.jpg

http://www.questgarden.com/55/24 ... es/MarcoPoloMap.jpg

ئانادولۇ تۈركلىرىىدن ئەۋلىيا چەلەبىلەر چىقىپتۇ
http://www.tarihtekiler.com/resimler/evliya-celebi-2.jpg

http://www.ahiyan.net/restoratur ... r/evliya-celebi.jpg
بىزدىن بۇرۇن بۇنداق مەشھۇر سەيياھلار چىققانمۇ يوق بىلەلمىدىم،ئەمدى بۇ ئۇچۇر دەۋرىدا بولسىمۇ چىقىشىغا تىلەكداشمەن.
مەن ئەسلىدە ئاللاھ خالىسا 30 ياشقا كىرگۈچە دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىشنى پىلانلىغانىدىم،لىكىن ساياھەت قىلغاندىن كۆرە بىرەر ئىشىم چىقىپ قالغاندا ئاندىن سەپەرگە چىقىشنى توغرا ھىس قىلدىم.
تۈركىيدە ياشاۋاتىمەن.ھازىرغىچە مالايسىيا،ھىندونىزيە ،تايلاند،سۈرىيە،قىبرىس(سىپرۇس)،سىنگاپور،سەئۇدى ئەرەبىستانىلارنىڭ زىيارەت قىلىش نىىسپ بولدى.بۇلار توغۇرلۇق خاتىرىلىرىمنى سىلەرگە يەتكۈزۈشكە نىسىپ بولۇىشىنى تىلەيمەن

2- مالايسىيادا ئۆتكەن كۈنلەر
كەچۈرڭلار مالايسىيادا بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلەرنمۇ قوشۇپ قوياي،ئاندىن پەيغەمبىرىمىز شەھىرىگە زىيارەتنى داۋاملاشتۇراي.
مالايسىيا 1957-يىلى ئەنگلىيەدىن مۇستەقىل بولۇپ ،1965-يىلى ‹سىنگاپورىدىن›ئايرىلىپ قالغان دۆلەت،بۇ دۆلەتنىڭ گۈزەل مەزىرىسى،ھاۋاسى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ،ئامرىكا ياۋرۇپا ،ياپونىيەدىن قالسا مالايسىاغا كىلىپ ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغىچىلار كۆپ ئىكەن،بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ مالايسىيا بىر ياخشى ئوقۇش ماكانى ھەم ئۆتەڭ ئىكەن.
مەن مالايسىيا توغۇرلۇق تۇنجى قىتىم ،2002-يىلىى بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ قىشىدا ‹مالايسىيا ئىسلامى ناخشىلىرى ›پىلاسنتىنكىسىنى كۆرۈپ،گۈزەل مەنزىرىلەر ۋە يىقىملىق مەۋلۇدلارغا ھەيران بولغانىدىم.





تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن كىيىن مالايسىياغا ماڭىدىغان بولدۇم،بىر ئىشنى ئادەم ئارزۇ قىلسا ئاللاھ يەتكۈزىدىكەن،مەقسەد مالايسىياغا بىرىپ ئۇ يەردىن ئاۋۇستىرالىيگە كۆچمەنلىك ۋىزىسى ئىلىش ئىىدى.لىكىن تۇنجى قىتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشۇم ۋە تۇنجى خەلىقارالىق سەپىرىم بولغاچقا تەجىربىسىزلىكتىن ئاۋارچلىققا يولۇقتۇم،ھەم ئايروپىلەن قوزغىلىشقا 1 سائەت قالغاندا ئايرۇدۇرۇمغا يىتىپ بىرىپتىمەن،بىلەت تەكشۈرۈش ئاخىرلىىشپ بوپتۇ،قىشىمدا كۆپ پۇلمۇ يوق ئىدى.ينىمدىكى پۇلنىڭ كۆپ قىسمىغا  بىلىتىمى كىيىنكى قىتىملىق ئايروپىلانغا ئالماشتۇردۇم. ئالدىراپلا ماڭغاچقا ھەم مالايسىيانىڭ جوڭگۇ پۇقرالىرىغا ئايرودۇرۇمدا ۋىزا بىرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىم ئۈچۈن ئالدىن ۋىزا ئالمىغانىدىم،ئەمدى شۇ ئايرودۇرۇم ۋىىزىسىنى ئىلىشقىمۇ پۇل قالمىغانىدى.
مالايسىياغا يىتىپ كىلىپ ئايرودۇرۇمدىكى ۋىزا بىرىدىغان يەرگە قارىسام جوڭگۇ،ھىندىستان،پاكىستان ،بىنگال ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىرىغىلا بۇنداق ۋىزا بىرىدىكەن،ھە،بىز بىللە كەلگەن باشقا چەتئللىكلەر ئالدىن ۋىزا ئالغاندۇ دەپ ئويلاپتىمەن ،لىكىن ئۇلار پاسپورت تەكشۈرىدىغان يەردەن پاسپورتنى كۆرسىتىپ تامغا ئۇرغۇزۇپلا ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ.ئەسلى مالايسىيا كۆپ دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزىنى كەچۈرۈم قىلغانىكەن،بولۇپمۇ غەرب ئەللىرىگە.ئىچىمدە مەنمۇ ئاۋۇستىرالىيەدە ياشاپ كىيىن ئاۋۇستىرالىيەلىك بولۇپ قايتا كەلسەم مەنمۇ تىزلا كىرەلەيدىكەنمەن دەپ ئويلىدىم.
مەن بۇ دۆلەتكە ۋىزا ئالمايلا كەلدىم،قىشمدا پۇلمۇ قالمىدى، ئايرودۇرۇمنى شەھەردىن ئىككىز يۈز كىلومىتىر يىراق دەۋاتقانتى،ئۇ بالىلارغا ئاتا-ئانام پۇل ئەۋەتىپ بولغۇچە،ئۇ بالىلار كىلىپ بولغۇچە قانداق قىلامەن،تەقدىرىم قانداق بولا ،ھەم ئاتا ئانام يۇرتتىن چەتكە پۇل ئەۋەتىشنى قاملاشتۇرالامۇ ،ئايرودۇرۇم مەسجىدىدە نامازنى ئوقۇۋىىتپ دۇئا قىلدىم.مەن بىلەن كەلگەنلەر سىرىتقا چىكىتىپ بوپتۇ،يەنە يىڭىدىن يىتىپ كەلگەنلەر تەكشۈرۈشتىن ئۆتىۋاتىدۇ...ھە راست مىنىڭ چامدىنىم قانداق بولغاندۇ..
مالايسىيا ئايرودۇرمى
http://upload.wikimedia.org/wikipedia/commons/2/2f/KLIA_jets3.jpg



پاسپورت تەكشۈرۈش چىگرىدىن ئۆتۈش ئورنى
[img]http://www.futuretravelexperience.com/wp-content/uploads/2011/10/Air-China-self-
service-600x400.jpg[/img]



كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىشخانىسى
[img]http://www.themalaysiantimes.com.my/wp-content/uploads/2012/10/immigration-
logoa.jpg[/img]


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sutuk2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-18 12:10 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 10:09:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتتى خىجل بولغان ھالدا كۆچمەنلەر ئىشخانىسىغا كىردىم،بىر ئايال ساقچىغا ئەھۋالنى دىدىم،باشلىقىغا ئېيتىشىمنى ئېيتتى،باشلىقى ئۇخلىغاچ ئولتۇرغانىكەن،
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،كەچۈرۈڭ ،مەن بىر مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى بولىمەن،جوڭگۇنىڭ غەربىدىكى مۇسۇلمانلار رايونىدىن كەلدىم،يولدا ئاۋارچلىققا ئۇچراپ ئايرودۇرۇم ۋىزىسىنى ئىلىشقا پۇلۇپ يەتمەي قالدى،كۇئالالۇمپۇردا ئوقۇۋاتقان يۇرتلۇق دوستلىرىم بار،ئۇلار كىلىپ مىنى ئىلىپ كەتمەكچى بولدى،ياردەم قىلامسىز..
ساقچى ،ماقۇل ئۇلار كەلگۈچە ساقلاپ تۇرۇڭ دىدى، شۈكرى دەپ ساقلاپ تۇردۇم،قىشىمدىكى بار پۇلغا بىلەتنى ئالماشتۇرغانتىم ئۇنداق قىلمىسام چەتئەل سەپىرىممۇ بىكار بولاتتى،ئەمدى بىر تىلفۇن كارتىسى ئىلىپ بۇ ئەھۋالنى ئۆيگە دىمىسەم بولمايتى،قىشىمدىكى بىلەتتىن ئاشقان پۇللارغا مالايىسا ئايروپىلانىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆيگە ۋە مالايسىيادىكى دوستلارغا تىلىفۇن ئۇۇرشقا ئىشلەتكەنىدىم، كارىدوردا كارتلىق تىلفۇنلار بارئىدى،ئۆتكەن ھەپتە بىر رەسىم ئاپاراتى ئالغانىدىم، (مىنى ئەينى چاغدا ئىنگلىزچە كۇرسىدىن زىرىككەن چىغىمدا بوپتۇ بالام يەنە بىرمەزگىل ئوقۇپ تۇر كۆنۈپ قالاسەن دەپ ئۇ چاغدا ئايلىقى24 يۈەنلىك ئىنگلىزچە كەچلىك كۇۇرستا ئوقۇتقان ئاتا ئانامغا ئاللاھ چەكسىز رەھمەتلەر قىلسۇن.ئەگەر ئىنگلىزچە بولمىغان بولسام بۇ يەردە قانداق قىلاتىم دەپ شۈكرى قىلىپ كەتتىم.) قارىسام بىر مالاي ئايالنىڭ دۇكىنى باركەن،بىرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ  تىلفۇن كارتىسى ئىلىشم ئۈچۈن پۇل بىرىپ تۇرۇشىنى دوستلىرىم كەلگەندە پۇلىنى بىرىدىغانلىقمنى ،ئاپاراتنى گۆرۈگە ئىلىپ تۇرۇشىنى ئىلتىماس قىلدىم،شۈكرى ئۇمۇ قوشۇلدى،كارتا ئىلىپ ئەھۋالىمنى بىلدۈردۈم،ھەم بەك بىئارام بولدۇم ئۆيدىكلەر قانچلىك ئەسىرەپ كىتەر ئەمدى دەپ.
ئۇ كۈنى ئەتىگەندە چۈشكەنتىم،چۈشمۇ بولدى بالىلاردىن خەۋەر يوق، ئۆيدىن سورىسام دادام ئۇ بالىلارغا پۇل يەتكۈزۈش ئۈچۈن پاسپورتۇمنىڭ نۇسخىسىنى ئۈرۈمچىگە بى دوستىغا  يوللاپتۇ.ئۇ بالىلارغا تىخى ئىمتىھانمۇ باركەن ئۇ كۈنى،كەچمۇ بولدى، ساقچىلار ماڭا،ئەگەر دوستلىرىم كەلمىسە مىنى جوڭگۇغا قايتۇردىغانلىقىنى دىدى.مەن ئۇلارغا ئىمتىھان باركەن  دەپ يەنە بىرئاز ساقىلشىمغا يول قويۇشىنى سورىدىم،ساقچىلاردىن يىراقراق تۇراي دەپ مەسجىددە ئولتۇردۇم،ئىبادەت قىلىپ قۇرئان ئوقۇۇدم ،دۇئا قىلدىم،ئايروردۇرۇم ئىچىدىكى ماگزىنلارنى ئايلاندىم،ئايروپىلان چۈشىدىغان يەردىكى بىنادىمۇ ماگزىنلار بارئىكەن ۋە بۇ يەر  بىلەن تاموجنا،كۆچمەنلەر ئىشخانىسى ئارىسىدا كىچىك پويىز قاتنايدىكەن،كۆپرەك شۇ تەرەپتە ساقلىدىم،بەزى ئايروپىلان ئالمىشىشنى ساقلاۋاتقان يولۇچىلار بىلەن پاراڭلاشتىم،ئۇلار ھىسداشلىق قىلىپ ئۈمىدۋار بولۇڭ،سىزگە دۇئا قىلىمىز دىدى،بەزىلىرى تىلفۇنغا ئىشلىتىڭ دەڭ پۇلمۇ ھەدىيە قىلدى.ئىشقىلىپ قەلبىم بىر تۇرۇپ ئەنسىرەش ئىچىدە تىپىچەكلەيتى بىر تۇرۇپ بۇ يەردىكى خادىملارنىڭ ،يولۇچى قېرىنداشلارنىڭ قېرنداشلىق مۇئامىلسىدىن تەسىرلنىەتتىم،بىر قەغەزگە  چوڭ قىلىپ  ئىسمىمنى يىزىپ بىر يولۇچىغا بەردىم سىرتقا چىقىشڭىزدا بۇنى كۆتۈرۋالسىڭىز دوستلىرىم ئەگەر سىرىتتا مىنى ساقلۋاتقان بولسا كۆرسە ئەجەپ ئەمەس دەپ. زالدا يەنە بىر قانچە  ھەقسىز تورغا كىرىدىغان كومپۇتىرمۇ باركەن ،دوستلرىمغا خەت يازدىم. بىر چاغدا كىچىدە مەسجىددە ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،،مىنى ئويغاتقاندەك بولدى،قارسىام  نامازغا تەييارلىق قىلىپ دوپپا كىيگەن ئىككى ساقچى،سىز كىم نىمىشقا بۇ يەردە ئۇخلىدىڭىز،سىز مۇسۇلمانمۇ دەپ سورىدى.ئۇلارغىمۇ ئەھۋالنى دىدىم گەپ قىلمىدى، ئاخىرى ئەتىسى كەچ ،ھە راست ،پۇلىڭىز بولمىسا نىمە يىدىڭىز دەپ سوراشنى ئويلىشڭلار مۇمكىن،ئەتىگەندە ساقچى ئىشخانىدا  ساقلاپ ئولتۇرغىنىمدا بىر ئايال ساقچى ئۆزلىرىنىڭ ناشتلىقىدىن  ۋە سۇ بەرگەنىدى،ئىچىمدە خەپ ،كەلگۈسىدە چوقۇم مۇشۇ ئىشخانىغا كىلىپ بۇلارغا رەھمىتىنىم بىلدۈرىمەن ،ياخشى ھەدىيەلەرنى تەقدىم قىلىمەن دەپ نىيەت قىلدىم. بۇلتۇر مالايسىيادا ئىشخانىغا كىرىپ مەن كۆرگەن ئۇ ساقچىلارنى كۆرەلمىدىم،تامدىكى رەسىمدىمۇ يوق..
قورسقىممۇ جىق ئاچمىدى،بەزىدە سۇ ئىچتىم ،ئەتىسى كەچقۇرۇن شەھەرىن دوستلرىم ئايدۇرۇمغا يىتىپ كەپتۇ،لىكىن ئىش تىخى تۈگىمىگەنىدى...يەنى ئۇلار ئايدۇرۇمنىڭ ئىچىدە ،مەن بولسا تىخى چىگرا تەكشۈرشىدىن ئۆتمىگەندىم،.

.








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sutuk2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-18 02:47 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 03:24:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز قېرىنداشلىرىم بۇ ئەسلىمىنى ئەسلى تۈركىيدىكى بالىلارنىڭ كۆكلەم مۇنبىرىدە باشلىغانتىم،بۇنى ئانا يۇرتدىكى قېرىنداشلىرىمغا رامىزان ئىيىلىق سوۋغا ھەم  مىنىڭ بىشىمدىن ئۆتكەن ھەرتۈرلۈك ئىشلار ۋە ئۇ ئىشلارنىڭ قانداق ھەل بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە ئۈمىدۋارلىقنى تەكىتلەش مەقسىدىدە سۇنۇش نىيتىم بولغانلىقى مىسرانىم مۇنبىرىمىزدا داۋاملاشتۇرماقچىمەن.

مەن ئۈچۈن بۇ قىتىملىق روزا ھېيت ئايرودۇرۇملاردىلا ئۆتكەن بولدى...   دادامنىڭ تونۇشىنىڭ بالىلىرىدىن بۇ شەھەردە ئوقۇۋاتقان ئىككى ئاكاش ئايدۇرۇمغا كىلىتۇ،ئۇلارغا تىلفۇن ئۇرغىنىمدا ئۆزلىرىنىڭ مىنى يولۇچىلار چىقىش ئىغىزىدا ساقلاپ تۇرغانلىقىنى مىنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ تىخى ۋىزا ۋە چىگرادىن كىرىش رەسمىيىتىنى بىجىرمىگەنلىكىمنى بىلدۈردۈم،بىردەم ھايال بولۇپ ،ئاخىرى ئۇلاردىن  ساقچىلارغا دەپ يۈرۈپ بىرەيلەن ساقچىلارنىڭ خىزمەت كىنىشكىىسنى ئارىيەت ئىلىپ كۆچمەنلەر ئىشخانىسىغا كىردى،ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن ،ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن .بىر ئايلىق ئۇزارتقىلى بولمايدىغان ساياھەت ۋىزسى ئالدۇق،ھىلىقى ياخشى كۆڭۈللۈك مالاي دۇكاندار ئايالغا پۇلىنى قايتۇرۇپ ئاپاراتىنىم ئالدىم.
مالايسىياغا ئاخىرى كىردىم،ئەمدى ئالدىمدىكى ئىش قانداق قىلىپ بۇ ۋىزىنى ئۇزاتىش ۋە بۇ يەردە خاتىرجەم تۇرۇش ئىدى،چۈنكى ئاۋۇستىرالىيدىكى تۇققانلار ماڭا  ئاۋۇستىرالىيە ۋىزىسى ئۈچۈن ھەم رەسمىيەتلەرنىڭ  تامالىنشىنى ساقلىشىم ئۈچۈن مالايسىيادا تۇرۇش رۇخسىتى ئىلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.ئۇ ئىككى ئاكاش مىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر قورۇسىغا ئىلىپ كەلدى.مەن مالايسىياغا ماڭماستىلا ئۆيدىكىلەر ماڭا ئۇ ئاكاشلارنىڭ مىنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئۆيمۇ ئىجارە ئىلىپ قويۇپ قويغانلىقىنى دىگەنىدى،مەن ئۇ چاغدا چەتئەلگە يىڭى چىققان ۋاقتىم ھەم بەك گۆدەك ئويلايدىغان چاغلىرىم،مەن ئۆزۈم يالغۇز باشقا بىر يەردە تۇرامەنمۇ؟ ،يۇرتتىغۇ چوڭ ئادەملەر ،ئائىلىلەر بىر ئۆينى ئىجارە ئىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ،ئۆزۈم مۇستەقىل ياشىيالامەنمۇ،بۇ يەردە قانداقراق بالىلار باردۇ،بۇرۇن ئىچكىرىگە ئوقۇشقا بىرىش ئالدىدا ،مەكتەپلەر ياتاقلىرىدا چوڭ بالىلارنىڭ يىڭى كەلگەن بالىلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم،شۈكرى ماڭىغۇ ئۇنداق ئىشلار ئۇچرىمىدى ،لىكىن مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان ۋاقتىدا شۇنداق ئىشلاردىن قورقۇپ بەزى كۈنلىرى سىرىتتا تۈنىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى،..خەۋەرلەردە موسكىۋادا كونا ئەسكەرلەرنىڭ يىڭى ئەسكەرلەرنى بوزەك قىلىپ خورلىغانلىقىنى بىر يىڭى ئەسكەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى،پۇتىننىڭ بۇ ئەسكەرنىڭ ئائىلىسدىن ھال سوراپ ئۇلارغا موسكىۋادىن ئۆي بەرگەنلىكىنى ئوقۇغانىدىم،ئۇلارغۇ دۇنيادا  چىرىكلەشتى دەپ نامى چىققان بىر ئارمىيە،ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىىشمۇ ئەمەس،لىكىن بىز قەدىمى مەدەنىيەتلىك ،مۇسۇلمان بىر مىللەتنىڭ پەرزنتلىرى تۇرۇپ ياقا يۇرتتا  ئوقۇش ئۈچۈن يىڭى كەلگەن ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا كۆيۈنۈش تۈگۈل بوزەك قىلساق بۇ ئادىمىلىك ئەمەس،بۇنداق قىلغانلار ،قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچكىرىدىكى جەزىخور ،ئاقى-كۆكچىلەردىن نىمە پەرقى بولسۇن دەپ قارايمەن.
ئاكاشلار مىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بىناغا قوشنا بىنادىكى بىر ئۆينىڭ بىر ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويدى ،مۇشۇ سىزگە ئىجارە ئىلىپ قويغان ئۆي دەپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sutuk2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-18 03:24 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 03:25:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىز قېرىنداشلىرىم بۇ ئەسلىمىنى ئەسلى تۈركىيدىكى بالىلارنىڭ كۆكلەم مۇنبىرىدە باشلىغانتىم،بۇنى ئانا يۇرتدىكى قېرىنداشلىرىمغا رامىزان ئىيىلىق سوۋغا ھەم  مىنىڭ بىشىمدىن ئۆتكەن ھەرتۈرلۈك ئىشلار ۋە ئۇ ئىشلارنىڭ قانداق ھەل بولغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە ئۈمىدۋارلىقنى تەكىتلەش مەقسىدىدە سۇنۇش نىيتىم بولغانلىقى مىسرانىم مۇنبىرىمىزدا داۋاملاشتۇرماقچىمەن.

مەن ئۈچۈن بۇ قىتىملىق روزا ھېيت ئايرودۇرۇملاردىلا ئۆتكەن بولدى...   دادامنىڭ تونۇشىنىڭ بالىلىرىدىن بۇ شەھەردە ئوقۇۋاتقان ئىككى ئاكاش ئايدۇرۇمغا كىلىتۇ،ئۇلارغا تىلفۇن ئۇرغىنىمدا ئۆزلىرىنىڭ مىنى يولۇچىلار چىقىش ئىغىزىدا ساقلاپ تۇرغانلىقىنى مىنى تاپالمىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ تىخى ۋىزا ۋە چىگرادىن كىرىش رەسمىيىتىنى بىجىرمىگەنلىكىمنى بىلدۈردۈم،بىردەم ھايال بولۇپ ،ئاخىرى ئۇلاردىن  ساقچىلارغا دەپ يۈرۈپ بىرەيلەن ساقچىلارنىڭ خىزمەت كىنىشكىىسنى ئارىيەت ئىلىپ كۆچمەنلەر ئىشخانىسىغا كىردى،ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن ،ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن .بىر ئايلىق ئۇزارتقىلى بولمايدىغان ساياھەت ۋىزسى ئالدۇق،ھىلىقى ياخشى كۆڭۈللۈك مالاي دۇكاندار ئايالغا پۇلىنى قايتۇرۇپ ئاپاراتىنىم ئالدىم.
مالايسىياغا ئاخىرى كىردىم،ئەمدى ئالدىمدىكى ئىش قانداق قىلىپ بۇ ۋىزىنى ئۇزاتىش ۋە بۇ يەردە خاتىرجەم تۇرۇش ئىدى،چۈنكى ئاۋۇستىرالىيدىكى تۇققانلار ماڭا  ئاۋۇستىرالىيە ۋىزىسى ئۈچۈن ھەم رەسمىيەتلەرنىڭ  تامالىنشىنى ساقلىشىم ئۈچۈن مالايسىيادا تۇرۇش رۇخسىتى ئىلىشىم كىرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.ئۇ ئىككى ئاكاش مىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئاھالىلەر قورۇسىغا ئىلىپ كەلدى.مەن مالايسىياغا ماڭماستىلا ئۆيدىكىلەر ماڭا ئۇ ئاكاشلارنىڭ مىنىڭ تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئۆيمۇ ئىجارە ئىلىپ قويۇپ قويغانلىقىنى دىگەنىدى،مەن ئۇ چاغدا چەتئەلگە يىڭى چىققان ۋاقتىم ھەم بەك گۆدەك ئويلايدىغان چاغلىرىم،مەن ئۆزۈم يالغۇز باشقا بىر يەردە تۇرامەنمۇ؟ ،يۇرتتىغۇ چوڭ ئادەملەر ،ئائىلىلەر بىر ئۆينى ئىجارە ئىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ،ئۆزۈم مۇستەقىل ياشىيالامەنمۇ،بۇ يەردە قانداقراق بالىلار باردۇ،بۇرۇن ئىچكىرىگە ئوقۇشقا بىرىش ئالدىدا ،مەكتەپلەر ياتاقلىرىدا چوڭ بالىلارنىڭ يىڭى كەلگەن بالىلارنى بوزەك قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم،شۈكرى ماڭىغۇ ئۇنداق ئىشلار ئۇچرىمىدى ،لىكىن مىنىڭ ساۋاقداشلىرىم بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان ۋاقتىدا شۇنداق ئىشلاردىن قورقۇپ بەزى كۈنلىرى سىرىتتا تۈنىگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى،..خەۋەرلەردە موسكىۋادا كونا ئەسكەرلەرنىڭ يىڭى ئەسكەرلەرنى بوزەك قىلىپ خورلىغانلىقىنى بىر يىڭى ئەسكەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىقىنى،پۇتىننىڭ بۇ ئەسكەرنىڭ ئائىلىسدىن ھال سوراپ ئۇلارغا موسكىۋادىن ئۆي بەرگەنلىكىنى ئوقۇغانىدىم،ئۇلارغۇ دۇنيادا  چىرىكلەشتى دەپ نامى چىققان بىر ئارمىيە،ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىىشمۇ ئەمەس،لىكىن بىز قەدىمى مەدەنىيەتلىك ،مۇسۇلمان بىر مىللەتنىڭ پەرزنتلىرى تۇرۇپ ياقا يۇرتتا  ئوقۇش ئۈچۈن يىڭى كەلگەن ئىنى-سىڭىللىرىمىزغا كۆيۈنۈش تۈگۈل بوزەك قىلساق بۇ ئادىمىلىك ئەمەس،بۇنداق قىلغانلار ،قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچكىرىدىكى جەزىخور ،ئاقى-كۆكچىلەردىن نىمە پەرقى بولسۇن دەپ قارايمەن.
ئاكاشلار مىنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان بىناغا قوشنا بىنادىكى بىر ئۆينىڭ بىر ھۇجرىسىغا ئەكىرىپ قويدى ،مۇشۇ سىزگە ئىجارە ئىلىپ قويغان ئۆي دەپ خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87363
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 07:07:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ھەقىقىي خاتىرلەر ئارقىلىق بىزگە ئۈمىدلىك بۇلۇشقا دەۋەت قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 10:14:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر ئوقۇرمەنلەرگىمۇ كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم سىرىتتا يالغۇز ياشىشىم شۇنىڭ بىلەن باشلانغان بولدى،ھاۋا ئىسسىق ئىدى،ئۇ ھۇجرامدا بەزىدە كىتاب كۆردۈم،سىرىتقا ئاساسەن مەسجىدكە بىرىش،يىمەكلىك سىتىۋىلىش ياكى تورغا كىرىم بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىم ئۈچۈن ئۈچۈن ئۇچۇر يىغىش ئۈچۈن چىقاتتىم،بۇ رايون كۇئالالۇمپۇرنىڭ شەرقى تەرىپىگە توغرا كىلىدىكەن،شەھەرگە كىرىش ئۈچۈن شەھەر ئىچى ]پويىز بىكىتىگە بىرىپ ،ئاندىن پويىزغا ئولتۇرۇپ 15مىنۇتچە يۈرۈش كىتەتتى،مەن كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسى ئاكاشلاردىن بىرى مىنى شەھەرگە ئىلىپ كىرىپ ھىلىقى مەھشۇر قوشماق مۇنارنى كۆرسىتىپ كەلدى.
پىتروناس مۇنارلىرى

مالايسىانىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ شۇ چاغدا دادامغا يازغان خىتىمدىمۇ دىگەندىم،بۇ يەردىكى تەرەققىياتلار ،سانائەت ۋە ئىگىز بىنا ۋە باشقا نەرسىلەر بىزنىڭ يۇرتلاردىمۇ بولغان بولسا ھە،بۇ تەرەققىيەت ۋە بىنالار بىزنىڭ يۇرتقىمۇ بەكلا يارىشاتتى ،يۇرتىمىزنىڭ ھاۋاسى بۇنداق نەم ئىسسىقمۇ ئەمەس، بىز ئۈچۈن تىخىمۇ قولايلىق بولاتتى دەپ ئويلىغانىدىم.
ماڭا بىرىلگەن ۋىزا ئۇزراتقىلى بولمايدىغان ۋىزا ،ۋاقتىمۇ ئاران بىر ئاي،بۇنىڭغا چارە تاپمىسام بولمايتى،ملايسىيادىن ئايرىلىپ باشقا يەرگە بىرىپ تۇراي دىسەم مالايسىيادا بىر مەزگىللىك تۇرۇش رۇخسىتىم بولمىغاچقا باشقا دۆلەتلەرگە ۋىزا ئالماقمۇ مۈشكۈل بولىدىكەن.مالايسىادا ئۇزۇنراق تۇرۇشۇم ئۈچۈش باشقا دۆلەتكە چقىپ شۇ يەردىكى مالايسىيا ئەلچىخانىسىدىن  ئۇزارتقىلى بولىدىغان نورمال ۋىزا ئىلىپ قايتا كىلىشىم كىرەك بولاتتى.بوش ۋاقىتلرىمدا مەھەللە مەسجىدىدە ئىبادت قىلدىم دەم ئالدىم ،مەسجىد بەكرەك سالقىن ئىدى.
مەھەللە مەسجىدى



مالايسيالىقلار بۇرۇن بىز قوللانغاندەك ئەرەب يىزىقىنى قوللىنىدىكەنتۇق،ھازىر مەكتەپلەردە دىنى دەرسلىرىدە يەنىلا قوللىنىدىكەن،باشقا ئىشلاردا لاتىنچە يىزىقنى قوللىنىدىكەن بۇلارنىڭ تىلىدا ئەرەبچە،تۈركچە،پارسىچە ۋە ئوردۇچە سۆزلەرمۇ بارئىكەن.سۆزلىشى سىپايە بولىدىكەن،يىڭى ئاڭلىغان ئادەمگە خۇددى ئەركىلەپ سۆزلەۋاتقاندەكلا ئاڭلىندىكەن.
بۇلار روزا ھيېتنى بىر ئاي ئۆتكۈزىدىكەن ،بەزىدە نامازدىن كىيىن مەسجىد ھويلىسىدا ياكى بىرەر ئادەمنىڭ ئۆيىدە زىياپەتلار بولۇپ تۇردى،بىر كۈنى ئەسىردىن كىيىن بىر ئۇستاز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم،چىرايى خۇددى يۈسۈف قارداۋىغىلا ئوخشاپ كىتەتتى .مەن ئۇنىڭدىن ۋىزام توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىدىم ،مەن بىر ئۇقۇشۇپ باقاي دەپ ماڭا كۆپ مىھرىبانلىق كۆرسەتتى.
ئۇستاز مۇھەممەد دارۇس

توردىن ئىزدەپ مۇشۇ رەسىمنى تاپتىم
باشقا كۈنى بىز بىللە ساقچى ئىدارىسىغا باردۇق ،ئۇلار بۇنداق ۋىزىنى ئۇزارتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.مەن ھىندونىزىيە ياكى تايلاندقا بىرىپ يىڭىدىن ۋىزا ئىلىپ كىلىشنى ئويلىدىم، ھىندونىزىيەلىكلەر مالايسيا خەلقىگە ئوخشاپ كىتىغانلىقى ئۈچۈن شۇ يەرگە باراي دەپ ھىندونىزيە ئەلچىخانىسىغا بىرىپ ۋىزا ئىلتىماس قىلدىم،پاسپورتقا قاراپ ھە سىلەرنى بىلىمىز سىلەر مۇسۇلمان دىگەنىدى خۇش بولدۇم.1ئايلىق ۋىزا بەردى.ھىندونىزيەنىڭ سۇماترا ئارىلىنىڭ مەركىزى مەدان (مەيدان دەپمۇ ئاتايدىغان ئوخشايدۇ) شەھىرىگە بارىدىغان بولدۇم .ماڭا ئەڭ يىقىن مالايسىيا كونسۇلخانىسى شۇ يەردە بار ئىدى، جاكارتا بەكرەك يىراق ئىدى.2004-يىلى  دىڭىز تاشقىىنى يۈز بەرگەن ئاچى ۋىلايتىمۇشۇ ئارالنىڭ غەربى شىمالى ئۇچ قىسمىدا. ھەم كۇئالالۇمپۇردىن پاراخوت بىلەن سۇماترا ئارىلىىغا بارغىلى بولىدىكەن.
ھىندونىزىيە


سۇماترا ئارىلى

خەرىتنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدىكىسى دىڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەن باندا ئاچى -ئاچى ۋىلايىتى.سەل ئاستىدىكى مەدان شەھىرى
ئەينى چاغدىكى دىڭىز تاشقىنى،سۇنامى
















بەزىلەر بۇ كۆۈرۈنۈشنى ئاللاھ دىگەن خەتكە ئوخشىتىپتۇ










قۇرۇقلۇقتا ئۈزگەن كىمىلەر

ئۆلگەن ساياھەتچىلەر


ھىلقى كىمىنىڭ 2009-يىلىدىكى خاتىرە سۈرىتى


يىتملەر



سۇنامىدا مەسجىدلەرگە زىيان يەتمەپتۇ،خۇددى بۇ قىتى
م خوتەندىكى ئوت ئاپىتىدە قۇرئان كەرىمىڭ ساق قالغىنىدەك...



[img][/img]



ئىبرەت ئىلىشمىز ئۈچۈن كۆپرەك رەسىم يوللىدىم،گەرچە بىز دىڭىزا ئمراق بولساقمۇ دىڭىز بىزدىن يىراق ،ئاللاھ بىزنى غەزىپىدىن ساقلسۇن،ھە رەست دىڭىز بولمىسىمۇ ئەتراپىمىزدا ئۇنىڭدىن قىلىشمىغۇدە كەلكۈن ،يەر تەۋرەشلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈدۇق ،ئۇنۇتمايلى ،ئۇنۇتتۇرمايلى.


بۇ دىڭىز تاشقىنىدا 280مىڭدەك ئادەم ئۆلۈپ كىتىپتۇ...




كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش