مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: sutuk2012

پەيغەمبەر شەھىرىگە زىيارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-18 10:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىمىنىڭ بۆلەكلىرىنى مۇنداق ئايرىشنى ئويلىدىم،
3- ھىندونىزيەدە 4كۈن.
4-تايلاندىكى قۇربان ھېيت كۈنلىرى
5-مالايسىيادىكى ئوقۇتقۇچلىق تۇرمۇشى
6-شام شەرىفدە بىر ھەپتە
7-تۈركىيەدىكى ھاياتىم
8...
9...

شۇنىڭ بىلەن ھىندونۇزىيگە سەپەر تەييارلىقىغا جابدۇندۇم، بۇ ئۇستاز بىر خەير -ئېھسان جەمئيتىدە ۋەزىپىسى بار ئىكەن يەنە <ئىبنى خەلدۇن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىۋى>دە دەرسمۇ بىرىدىكەن ،بىر كۈنى مىنى شۇ يەرگە ئىلىپ باردى.مەكتەپنى كۆرۈپ ئۆزۈم بۇرۇن ئوقۇغان قەشقەر پىداگوگىكا ئۇنىۋىرىستىتى پەرزەنتلەر ئوتتۇرا مەكتىۋنى ئەسلەپ كەتتىم،ئۇ مەكتەپنىڭ ھاياتىمدىكى تەسىرى بەك چوڭقۇر ئىدى.بولۇپمۇ  مىنىڭ كىيىنكى كۈنلەر بىر كۈتۈلمىگەن ئىشقا مۇپتىلا بولۇپ قىلىشىممۇ ئاشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ قىلىىشم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.راست مەن مالايسىيادىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بىرىپ شۇ يەردە ئوقۇشنىمۇ ئويلاندىم،لىكىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ۋىزا ئىشلىرى مۇرەككەپ بولغاچقا ئامالسىز قالدىم.شۇنداقتىمۇ ئۇرۇنۇپ باققان ياخشى دەپ ئەلچىخانىغا خەت يازدىم ئۈنۈمى بولمىدى.


ئبنى خەلدۇن مەكتىۋى

(توردىن ئوخشايدىغان سۈرەتنى تىپىپ يوللاپ قويدۇم،سولدىكىسى مالايسىيا فىدىرال دۆلەت بايرىقى،ئوتتۇرىسىدكى شىتات بايرىغى.ئوڭدىكى مەكتەپنىڭ ئۆزىنىڭ بايرىغى)
يەنە بىر خاتىرلەشكە تىگىشلىك مۇھىم ئىش،روزا ھېيت يىڭى تۈگىگەن ۋاقىت بولغاچ ئۇستاز مىنى يىتىم بالىلارنىڭ ھېيتنى مۇبارەكلەش پائالىيتىگە بىللە ئاپاردى،بىر تىلۋىزىيە ئىستانسىغا باردۇق ،ئاندىن ھويلىسىدا زىياپەت ۋە سۇئالغا جاۋاب بىرىش پائالىيىى بولدى.بۇ پائالىيەتكە شىتات باشلىغى يەنى يەرلىك سۇلتانمۇ كەلدى،10 نەچچە يىتىم بالىنىڭ ھېيتىنى تەبرىكلەشكە سۇلتانمۇ كىلىپ قاتنىشىدىكەن دەپ بەك ھەيران قالدىم ھەم بۇ مالايسىيا مۇسۇلمانلىرىدىن بەك سۆيۈندۈم،بۇنى ئۇيغۇر ئاكاشلارغا دەپ بەرسەم،مالايسىيغا كىلىپلا پىشانىڭىز ئىچلىپ كىتىپتۇ ،سۇلتان بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغان بولسىڭىز دىيىشتى. ئۇ چاغدا چۈشكەن سۈرەتلەرنى يوللاپ قويماقچىدىم ئەپسۇس سۈرەتلەر ھازىر يوق بوپ كەتتى.ئۇستاز توغۇرلۇق ئۆيدىكىلەرگە دەپ بەرسەم ئۆيدىكىلەر ئۇستازغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ قويۇشۇمنى يۇرتقا تەكلىپ قىلدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇستاز ماڭا ھىندونىزىيەنىڭ مالايسىغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى قاتتىق پەخەس بولۇشۇم كىرەكلىكىنى جېكىلىدى.مەدان شەھىردىكى بىر دوستىغا تىلفۇن ئۇرۇم منىڭ بارىغانلىقىمنى تاپىلاپ قويدى.ئەتىسى كۇئالالۇمپۇرنىڭ كىلاڭ دىگەن يىرىدىكى پورتدىن مىنى ھىندونىزيگە ئۇزىتىپ قويدى،بۇمۇ تۇنجى قىتىم پاراخوتتا سەپەر قىلىشىم ئىدى،سۇماترا ئارىلىغا 4 سائەتتە باردىكەنمىز.يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھىندونىزىيلىكلەركەن،ئىنگىلىزچە بىلىدىغانلار ئۇچرىمىدى،مەن ئارالغا بارغاندىن كىيىن  ئالمىشىپ ماشىنىدا يەنە  بىرقانچە سائەت يۈرسەم ئۇ مەدان دىگەن مەركىزى شەھەرگە بارالايدىكەنمەن،ئاللاھغا تەۋەككۈل قىلىپ يولغا چىقتىم.قىشىمدا ئولتۇرغانلارمۇ ياخشى مۇئامىلىدە بولدى،ئالدىدىكى بىر ئۈستەلدە ئىككى پەتنۇس باركەن،بىرسىگە مالايسىا پۇقرالىرى پاسپورتىنى قويۇپ قويىدىكەن،يەنە بىرسىگە ھىندونۇزىيە پۇقرالىرى،مىنىڭ پاسپورتۇمنى نەگە قويامەن ئەمدى دەپ بىر قۇتدىكى پاسپورتلارنىڭ ئارىسىغا قويۇپ قويدۇم.
كىلاڭ پورتى






ئەينى چاغدىكى ئولتۇرغان پاراخوت مۇشۇ خىلدىكى ئىدى.


پاراخوتتا ئۈسىتدە ئولتۇرۇپ دىڭىزنى تاماشا قىلىپ ماڭىدىغان بولدۇم دىسەم ئىچىدىلا ئولتۇردىكەنمىز،سەل بۇرۇقتۇرملىق بولۇپ بىشىممۇ قايدى.سەۋىر...
مالايسىيا ۋە ھىندونىزىيە پاسپورتلىرى








بۇلار پاسپورتلارنى خۇددى بەك ئاددى نەرسىدەكلا مۇئامىلە قىلىدىغاندەك بىلىندى،چەتكە يىڭى چىققان بىر ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا باشقىچە تۇيۇلدى..
چۈشتىن كىيىن قوزغالغانىدۇق، كەچقۇرۇن بولاي دىگەندە يىتىپ بارىدىكەنمىز.
شۇنىڭ بىلەن مالايسيادىن تۇنجى قىتىم ئايرىلغان بولدۇم..





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sutuk2012 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-19 01:29 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10163
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 63914
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8006 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:07:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم،ئىستانبولغا قايتىش سەپىرىڭىزنى ئوقۇشقا تەشنامىز. ئاللاھ خالىسا مېنىڭ بىردىن-بىر ئارزۇيۇممۇ شۇ. نىسىپ قىلىدۇ ئاللاھىم.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87363
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-11-17
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:09:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقى باشتىن ئۆتكەن ۋەقە ھەم رەسىملەر ئارقىلىق ئەسلىمىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى بېيتىپسىز، قەلەم تۇلپارىڭىز توختام قالمىغاي ئاخىرىغا تەشنامىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 02:33:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ،جۈمە مۇبارەك بولسۇن،
‹پەيغەمبەرشەھىرىگە زىيارەت› داۋاملىشىدۇ.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 05:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
كەچۈرۈڭلار ئازراق ئش چىقىپ قىلىپ كىچىكىپ قالدىم ،داۋامىنى چوقۇم يوللايمەن

بىز بۇ دۇنياغا مىھمان.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4726
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15737
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 5683 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 03:54:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە بۇنداق كۇنلەر قاچانمۇ نىسىپ بولا   ....مىنىڭ ئايرۇپىلانغا چىقىپ بىقىش چۇشۇمگىمۇ كىرىپ باقمىدى ..

پۇل قىزلىقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ .مەن يول ماڭغاندا يامغۇر ياققان بولسا كۆز يىشىمنى ھىچكىم كۆرمىگەن بولاتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 04:08:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ خالىسا سىزلەرگىمۇ نىسىپ بولا،مەن ۋەتەن ئىچىدە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ باقمىغاچقا تۇنجى قىتىم ئولتۇرۇشۇم ھەم ئايدۇرۇمغا بارغۇچە يوللار بەك قىستاڭ بولغاچقا تۇنجى سەپىرىمدە مالاللىق تارتىپ قالدىم..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6047
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 05:26:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بىزلەرنىمۇ بېرىشقا نىسىپ قىلغاي.ئامىين.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83959
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6600
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 227 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 06:08:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلەك قېرىندىشىمىزنىڭ سۇئالىغا رەھمەت، ئەسلىمنىڭ ئېلان قىلىنىش داۋامىدا قېرىنداشلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش،كۆچمەن بولۇش،ھەرقايسى دۆلەتلەردە ۋاقىتلىق تۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىش ئىشلىرى توغۇرلۇق سۇئاللىرى بولسا بىلگىنىمچە جاۋاب بىرىشكە ،بىلمىگەنلىرىمنى ئىزدىنىپ جاۋاب بىرىپ مىڭىشكە تىرشىمەن.
مالايسىيا،ھىندونىزيە،بىرۇنى دارۇسسالام،جەنۇبى تايلاندا ،جەنۇبى فىلىپىندا (مۇرو رايونى ) مالاي تىللىق خەلق ياشايدىكەن.بۇنىڭ ئىچىدە مالايسىيا بىلەن بىرۇنى دارۇسسالام بىر قەدەر تەرەققى قىلغانىكەن.ھەم بۇرۇن بىرىتانىيەنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بولغاچقا ئەنگلىيە ئىتتىپاقىغا ئەزا ئىكەن.
بۇ دۆلەتلەر شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا جايلاشقان بولغاچقا ،شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى مۇسۇلمان ئاھالىنى كۆپ قىسمى بۇ دۆلەتلەر،رايونلارنىڭ خەلقىدىن تەشكىل تاپىدىكەن.
مالايسىيا

بايرىغى ۋە گىربى




نوپۇسى 29,495,147 .   يەر كۆلىمى   329,847 كۇۋادىرات كىلومىتىر.
كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان كىرىمى 12243 دوللار

مالايسىانىڭ رايونلىرى


ھازىرقى باش ۋەىزى نەجىب رازاق


مالايسىيانىڭ سۈنئى ھەمراسى ،رازاق سات .مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن مالايسىيا تۇنجى بولۇپ سۈنئى ھەمرا ياساپ قويۇپ بەردى ،ئالەم بوشلۇقىدا ناماز ئوقۇۋاتقان مالايسىيالىق ئالىم




مالايسىانىڭ مىللەت قۇرۇلمىسى


پايتەخىت كۇئالالۇمپۇر ،مەن كۆرگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ  پايتەختلەرنىڭ ئىچىدە  
كۇئالۇمپۇرنىڭ تەرەققىياتى،پاكىزلىقى ئالدىنقى قاتاردا







پىتروناس مۇنارى ئىچ قىسمى


مالايسىادىكى قەدىمى جامەلەردىن ،لاۋۇت جامەسى ،(لاۋۇت -دىڭىز دىگەن مەنىدە )



مالايسىيا دۆلەتلىك جامەسى


مائارىپمى ئالدىنقى قاتاردا ،بەزى ئالى مەكتەپلىرى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى مەكتەپلەر تىزىملىكىگە كىرەلىگەن.

ھازىر تورغا خەلىقئارا ئىسلام ئۇنىۋىرىستىتى دەپ يىزىشىمغىلا ،مالايسىيادىكى خەلىقئارا ئىسلام ئۇنىۋىرىستىتىنى باشتا كۆرسەتتى.






ئۇنىۋىرىستىت ئىچىدىكى جامە




مائارىپ بىر مىللەتنىڭ جېنى دىسەكمۇ بولىدۇ،بۇلتۇر بۇ مەكتەپكە بارغنىمدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆرەلمىدىم،بۇ تىمىنى كۆرگەن ئىنى -سىڭىللاردىن تىرشىپ ئوقۇشىنى،بەزىلرىنىڭ  مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

مالايا ئۇنىۋىرىستىتى


پۇتراجايا ،ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى جايلاشقان يىڭى شەھەر
باش ۋەزىرلىك سارىيى












مالايسىانى تونۇشتۇرۇش بۇ قىتىم مۇشۇنچلىك بولسۇن.
مالايسىغا  ئوقۇش ۋىزىسىدىن باشقا ۋىزا بىلەن بارىدىغانلار چوقۇم بىرىپ كىلىش  (ئايروپىلان ) بىلىتى ياكى مالايسىيادىن باشقار بىر دۆلەتكە بارىدىغان بىلەت بىلەن بىرىڭلار .بولمىسا سىلەرنى ۋىزا مۇددىتى توشسىمۇ قايتماي قانۇنسىز تۇرۇپ قالىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ چىگرىدىن كىرىشتە ئاۋارە قىلىدۇ . ئەگەر كۇئالالۇمپۇر ئايرودۇرمىدا كۈتۈۋالىدىغان ئادىمىڭلار بولمىسا ،ئايرودۇرۇمدىن چىقماي ،پاسپورت تەكشۈرشىدىن ئۆتۈپلا ،بىنانىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋتىگە چۈشۈڭلار ،بىر تەرەپتە كۇئالالۇمپۇر  مەركىتى بىكىتىگە  شەھىرىگە ئاپىرىدىغان پويىز يەنە بىر تەرەپتە يەنە شۇ بىكەتكە ئاپىرىدىغان ئاپتۇبۇس بار.ئاپتۇبۇسقا چىقساڭلار 10 مالايسىا پۇلى ،پويىزغا چىقىشتا بىلەت ئالمايدۇ ،بىكەتتىن چىقىشتا پۇل ئالىدۇ .35 مالايسىا پۇل ئەتراپىدا.ئايرودۇرۇمنىڭ ئىچىدىن تاكسى بىلىتى ئالساڭلارمۇ بولىدۇ .100 مالايسىيا پۇل ئەتراپىدا.
ئايرودرۇمنىڭ ئاستى قەۋتىدىكى پويىز بىكىتى


ئاشۇ پويىزنىڭ تور بىتى  http://www.kliaekspres.com

شەھەرگە ئەكىرىدىغان ئاپتۇبۇسلار تور بىتى  http://airportcoach.com.my/v1


دىگىنىمدەك سۇئاللار بولسا جاۋابلايمەن.
خۇشچاغ بولۇڭلار

ھە راست ،بۇ ئەسىلىمىدىكىسى ئىبنى خەلدۇن ئوتتۇرا مەكتىۋى .مالايسىيادا شەخسى ،دىنى مەكـتەپلەر كۆپ بولۇپ بۇلارغا ھەرخەىل تارىخى ئىسىملار ۋە ئالىملارنىڭ ئىسىملىرىنى قويىدىكەن.

بىز بۇ دۇنياغا مىھمان.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4726
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15737
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 5683 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 09:05:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sutuk2012 يوللىغان ۋاقتى  2013-7-18 10:46 PM
ئەسلىمىنىڭ بۆلەكلىرىنى مۇنداق ئايرىشنى ئويلىدىم،
3- ھى ...

قانچە پۇل  كەتتى

پۇل قىزلىقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ .مەن يول ماڭغاندا يامغۇر ياققان بولسا كۆز يىشىمنى ھىچكىم كۆرمىگەن بولاتتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش