sabak يوللىغان ۋاقتى 2013-7-17 09:41 PM
سىزمۇ قىزىل قىيانى.پولات قانداق تاۋلاندىنى ئوقۇسا بو ...
تورداش، سىز بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ تەپسىلى كۆرۈپ باقتىڭزمۇ؟ بۇ كىتاپنى يازغان رابغۇزى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ كىتاپتا خىرىستىيانلىقنى، بۇد پەرەسلىكنى، يەھۇدى دىنىنى تەرغىپ قىلىدىغان نەرسىلەر بارمىكەن؟ بۇ كىتاپ تەپسىر ياكى تارىخى كىتاپ ئەمەس. پەقەت پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى قىسسە خالاس. قىسسە دېگەن تارىخ دېگەنلىك بولمايدۇ. بۇ كىتاپقا تەپسىر كىتاپلىرى ياكى تارىخى كىتاپلارغا قويغان تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە بولسا قۇرئاندىكى قىسسەلەر دېگەن كىتاپتىنمۇ يەنىلا مۇشۇ كىتاپنىڭ تىلى، بەدىئىيلىكى، ئىپادىلەش سەنئىتى ياخشى چىققان. بۇ دېگەن سىزنى مۇسۇلمان قىلىپ تەربىيلىگەن ئاتا- بوۋىلىرىڭىزمۇ ئوقۇپ چوڭ بولغان كىتاپتۇر. چوڭ ئانىڭىزدىن، بوۋىڭىزدىن ياكى ئەتىراپىڭىزدىكى چوڭلاردىن بۇ كىتاپ ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغانلىقىنى، ئوقۇپ باققان ياكى ئوقۇپ باقمىغانلىقىنى سوراپ بېقىڭ. ئوقۇپ باققانلار بولسا خىرىستىيانلاردەك ئەيسا ئاللاھنىڭ بالىسى دەمدىكەن، يەھۇدى ياكى خىرىستىيانلاردەك ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرەمدىكەن ياكى ئاللاھ بىر، ئۇنىڭ شىرىكى يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەمدىكەن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yulghunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-17 09:56 PM