تادۇ يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 07:44 PM
بۇرادەر،
1.رەسۇلىللا دا نۇر يوق ، رەسۇللىلاننىڭ نۇرى ...
بۇرادەر،
1
.رەسۇلىللا دا نۇر يوق ، رەسۇللىلاننىڭ نۇرى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ساختا، خۇددى باشقا ساماۋىي كىتاپلارغا ئوخشاش، دىمەكچىدەك تۇرىيسىز. بۇبەك چوڭ گەپكەن . بۇنىڭغا چىش يىرىغىلى مىنىڭ يۇركۇم ئۇنداق چوڭ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ رەسۇلىلادا ئۇنداق نۇر يوق لىقىنى دالالەت قىلىدىغان ئايەت ھەدىس تەلەپ قىلىمەن.بۇلۇپمۇ بۇنىداق چوڭ ئىشقا ئايەت تەلەپ قىلىمەن.
بۇنداق چوڭ گەپنى مەن تېخىمۇ دىيەلمەيمەن .مەنمۇ تېخى يېقىنقى زامانغىچە قىسسەسۇل ئەنبيادىكى "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ھەزرىتى جىبرىئىلدىن سوراپتۇ:
-قانچە ياشقا كىرگەنسىز ؟
-ئاسماندا نەقىر ئاتلىق يۇلتۇز بار .ئۇ ھەر 30 مىڭ يىلدا بىر چىقىدۇ .مەن يارىتىلغاندىن بېرى ئۇ يۇلتۇز 30مىڭ قېتىم چىقتى.(يەنى 900مىليۇن ياشقا كىردىم دىمەكچى)
رەسۇلۇللاھ ئېيتتىكى :
-ئاشۇ يۇلتۇز مېنىڭ نۇرۇمدۇر.
ئاللاھ ھەق سۇبھانە ۋەتائالا مېنى ياراتقاندىن بېرى بۇ يۇلتۇز 50 مىڭ قېتىم چىقتى..."
دىگەن مەزمۇندىكى ھەدىسنى سۆزلەپ يۈرگەن.
كىيىن بۇنداق مەزمۇندىكى ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى بىلدىم.
قىسسەسۇل ئەنبىيادا پۈتۈن ئالەم جۈملىدىن ئىنسانلار نۇرى مۇھەممەدىيەدىن ئىبارەت ئامانەتنى ساقلاش ئۈچۈن يارىتىلغان دىيىلدۇ.
ئەمىلىيەتتە ،كۆپ قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدىكى ئامانەت بولسا -نۇرى مۇھەممەدىيە بولماستىن بەلكى شەرىئەت تەكلىپلىرىدۇر.
سىز ئايەت ھەدىس تەلەپ قىلىمەن دەيسىز ،نۇرى مۇھەممەدىيەنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ يوقلىقىلا بۇنىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ ؟
سىزچە بولغاندا قۇرئاندا "ئالەم نۇرى مۇھەممەدىيە دىن يارىتىلمىغان ياكى ئالەم نۇرى مۇھەممەدىيەنى ساقلاش ئۈچۈن يارىتىلمىغان " دەپ ئوچۇق ئايەت بولسا بولامتى؟
2
. رەسۇلىللانىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ساختا سەئىي ئەمەس دىگەندەك باھالىنىشغا قەتئى ئىتىراز بىلدۇرىمەن. چۇنكى بۇ رەسۇلىللانىڭ دۇكىنىدا ساختامال بار دىگەن مەنتىقىنى ئىما قىلىدۇ. رەسۇلىلانىڭ دۇكىنىداساختامال يوق.
بۇ گەپلىرىڭىزدىن مېنى كۈلكە قىستىدى.
سەھىھ بۇخارى ۋە سەھىھ مۇسلىمدىن باشقا بارلىق ھەدىس كىتابلىرىدا مەلۇم ساندا زەئىف ھەتتاكى يالغان ھەدىسلەرنىڭ بارلىقى ھەدىسشۇناسلىق ساھەسىدە ئېنىق مەسىلە .بۇنىڭغا مۇنازىرە كەتمەيدۇ.ھەدىسشۇناس ئالىملار 1000يىلدىن بېرى ھەدىس كىتابلىرىدىكى يالغان- توقۇلما ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈپ ئايرىۋاتىدۇ.بۇ خىزمەت ھېلىغىچە تۈگىگىنى يوق.
شۇڭا ئېتىراز بىلدۈرۈشتىن بۇرۇن دىنى بىلىمىڭىزنى ئاشۇرۇڭ.
قارىغاندا سىز ،ساختا ھەدىس بار دىگەنلىك پەيغەمبېرىمىزنىمۇ يالغان سۆزلەيدۇ،دىگەنلىك بولىدۇ دەپ قاراپ ئېتىراز بىلدۈرگەندەك تۇرىسىز.
بۇنى ساددىلىق دىمەي ئامالىم يوق.
پەيغەمبېرىمىز يالغان سۆزلىمەيدۇ،ئەمما مۇناپىق-كاززابلار ،يەھۇدى ناسارالار پەيغەمبېرىمىز نامىدىن يالغاننى توقۇيالايدۇ.
پەيغەمبېرىمىزنىڭ مۇنداق مەزمۇندا مۇتەۋاتىر (يالغان بولۇش ئېھتىمالى يوق ھەدىس)ھەدىسى بار:
-كىمكى مېنىڭ نامىمدىن مەن دىمىگەن سۆزنى(ھەدىسنى ) توقۇيدىكەن-ئۇ ئۆزىگە دەۋزەختىن ئورۇن ئېلىۋالسۇن.(بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر 60 نەچچە ساھابە تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان مۇتلەق سەھىھ ھەدىستۇر)
مانا مۇشۇ ھەدىسلا ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبېرىمىز نامىدىن باشقىلار تەرىپىدىن توقۇپ چىقىلغان يالغان ھەدىسلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچقاچان ئۈممىتىنى، يۈز بەرمەيدىغان گۇناھتىن ئاگاھلاندۇرغان ئەمەس.
3.داۋۇت ئەلەيھى سالامنىڭ 99ساغلىق توغرىسىدىكى بايانىنىڭ قۇرئاندا ئاساسسى بار.باشقا ساماۋىي كىتاپلار بۇيىچە بىيىتىلغان. سۇلايماننىڭ مۇنازىرسى ئۇزەيەرنىڭ ئىشىگى قاتارلىقلار ھەممىسى شۇنداق. ئەجىبا باشقا ساماۋىي كىتاپلاربۇيىچە بىيتسا ، ساماۋىي كىتاپلارنى رەسۇللارنى بىربىرىدىن ئايرىمىسا بۇنىڭ نەرى ئەقكىدىگە تاقىشىدۇ. بەلكى قۇرئان ھۆكۇمىگە چۇشكەن بولمامدۇ.
1.مەن ئالدىنقى ئىنكاسىمدا، بۇ كىتابدىكى ئەقىدىگە تاقىشىدىغان ،يەنى كىشى شۇ بويىچە ئىشىنىپ ئەقىدە قىلسا دىندىن چىقىپ كېتىدىغان مەزمۇنلارنى نەقىل قىلىپ چۈشەندۈردۈم.
بۇلار مېنىڭ شەخسى پىكرىم ئەمەس.مېنىڭ ئۇلارنى دىيەلەيدىغان سەۋىيەم ھەم سالاھىيتىممۇ يوق.ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھەممە پىكرىنى بىر -بىرلەپ نەقىل قىلىشقا ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمىگەچكە ئۆز تىلىمغا ئايلاندۇرغان ئىدىم.
شۇنداق چوڭ ئىشتىن چۈچىمىسىڭىز ئىىختىيار.مەن ھەق گەپنى يەتكۈزۈپ بولدۇم.
2.داۋۇت ئەلەيھىسالامنىڭ قېشىغا 99ساغلىق ۋە بىر ساغلىقنىڭ ئىگىسىنىڭ دەۋاغا كىرگەنلىكى ،ھەزرىتى ئۇزەيرنىڭ قەبزى روھ قىلىنپ 100 يىلدىن كىيىن قايتا تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ،ئېشىكىنىڭ ئۇستىخىنىمۇ قالمىغانلىقى يىمەكلىكىنىڭ بولسا بۇزۇلماي ئۆز پېتىچە تۇرغانلىقى ...بۇ مەزمۇنلارنىڭ قۇرئان كەرىمدە بارلىقى راست.
ئەمما داۋاۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېلىقى ئايالغا يامان نىيەتتە بولغىنى قۇرئان كەرىمدە بارمۇ؟
ئاللاھتائالانىڭ چۈمۈلىنىڭ دەرىجسىنى كۆتۈرۈپ ئەرشتىن ئورۇن بېرەي دىگىنى قۇرئاندا بارمۇ ؟
ئۇزەير ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھتائالغا سۇئال قويغىنى قۇرئاندا بارمۇ؟!...
سىزنىڭ مەنتىقىڭىز بويىچە بولغاندا مەلۇم بىر ۋەقە قۇرئان كەرىمدە بولسا بۇ ۋەقەنى بېىيىتىپ ئازدۇر كۆپتۇر يالغاننى قوشسا بولىۋېردىكەن.بۇ ئانچە چوڭ ئىش ئەمەسكەن شۇنداقمۇ؟
4. بەزى قاراشلىرىڭىزغا دەرھال رەدىيە بىرىپ بولمايدۇ. چۇنكى بۇ سىزنىڭلا قارشىڭىز ئەمەس بەلكى زاماننىڭ ئادىتى. ھازىرقى سەۋدا بىلىش زامانىنىڭ ئادىتى. دىسەك گەپ تولا ، نۇرغۇن تەگەشكەن گەپلەر.
ئاللاھ ئۆز يولىدا قۇيا.
ئالدى بىلەن ئەسكەرتەي ،مەن دىنى تىمىلاردا ئامال بار شەخسى پىكرىمىنى ئەمەس ،ئىشەنچلىك دىنى كىتابلاردىن ئالغان مەلۇماتىمنى ئوتتۇرغا قويىمەن.
شۇڭا ئىنكاسلىرىم مېنىڭ ئاغزىمدىن چىقىش ئېتىبارى بىلەنلا ماڭا ۋەكىللىك قىلىدۇكى ،ئۇلار مېنىڭ شەخسى پىكرىم ئەمەس.
مېنىڭ ھەرقانداق پىكرىمگە ئىلمى ،دەلىللىك رەددىيە بەرسىڭىز قارشى ئالىمەن.
شۇڭا گەپ يورغىلاتماستىن ئوچۇق رەددىيە بېرىۋېرىڭ.
ئۈمىد قىلىمەنكى ،مەن ئەقلى نەقىللەر ،پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق ئىنكاس يازمىغانكەنمەن سىزمۇ باشقىلارمۇ ماڭا رەددىيە بەرگەندە قۇرئان- ھەدىسىتىن ،نوپۇزلۇق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجماسىدىن نەقىل ئېلىپ رەددىيە بېرەلىسەڭلار سىلەرگە دۇئا قىلىمەنكى زىنھار خاپا بولمايمەن.
قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن دەيدىغان گەپ بار.
شۇڭا دىنى سەۋىيسى تۆۋەن كىشىلەر دىنى بارسىدىكى تىمىدا ئالدىراپ شەخسى پىكرىنى ئوتتۇرغا قويماسلىقى كېرەك.
نەچچە يىل مۇنتىزىم دىنى ئىلىم تەربىيسى ئالغان 10 يىللارچە ئۆزلىكىدىن ئۆگەنگەن،مۇنتىزىم پەننى ئالى مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن مەندەك بىرى مۇنداق تىمىلارغا ئىنكاس يېزىشتىن قورقىمەن.پەقەت يازغىنىمنىڭ ھەق سۆز ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندىلا ،تىمىدىكى بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىغا چىداپ تۇرالمىغاندىلا ئاندىن ئىنكاس يازىمەن.
ئاللاھتىن قورقايلى.بىلىپ بىلمەي دىننىڭ قارىشىسىغا گەپ قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنايلى.
مۇنبەردىكىلەر بىزدەكلەرنى <تور موللىسى،پوشكالچى موللام >دەپ ھاقارەتلەيسىلەر .بىلىڭلاركى بۇ مۇنبەردە مېنىڭچە قارا قورساق دېھقان موللىلار يوق.سىلەر قانچىلىك مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن بولساڭلار ئۇلارنىڭمۇ قېلىشقىچىلىكى يوق.
پەقەت بەزى دىندار قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىنىمىزنى ئۆزى چۈشەنگەن تار رامكا دائىرىسىدە چۈشەندۈرۈپ قالغان يېرى بار.
شۇڭا ئاللاھتىن ھەقىقى قورقساڭلار <بۇلارنىڭ دىگەنلىرى راست بولۇپ قالسىچۇ؟>دىگەنلەرنىمۇ بىرەر قېتىم ئويلاپ بېقىڭلار .
بىزلەرنىڭ مىڭ قېتىم تەشۋېق قىلغىنىمىزغا باتىل گەپ ھەق سۆز بولۇپ قالمايدۇ.
سىزلەرنىڭ ،پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ مىڭ يىل قارشى تۇرغىنىغا ھەق سۆز -ھەق شەرىئەت باتىلغا ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.
دىيارىمىزدا شۇنداق بىر خاتالىق باركى :
كىشىلەر ئاۋۋال ئۆزلىرى ھەق يولدا دەپ قارىغان كىشىلەرنى ئىزدىشىدۇ.
ئاندىن ئۇلارنىڭ قىلغان بارلىق ئەمەللىرىنى ھەقىقەت دەپ بىلىشىدۇ.
ھالبۇكى بۇ خاتالىق.
ئالدى بىلەن ھەقنى تاپىمىز .ئاندىن بۇ يولدىكى كىشىلەرنى ئىزدەيمىز.
مانا مۇشۇ چاغدا ئېزىپ كەتمەيمىز.
ئاللاھ ھەق سۇبھانە ۋەتائالا ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن.ئۆزى رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا بىز مۇۋەپپەق قىلسۇن ئامىن.