uzum-tal يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 11:38 AM
رەھمەت سىزگە . ئوتتۇرغا قويغان ئاساسلىرىڭىزغا قايى ...
ھە ئەمسە مەن خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايمەن .
ھەقىقەتەنمۇ سىز دىگەندەك ھازىرقى تىخنىكا ئۇنچىلىك زىللىققا يەتمىدى .
سىز دىگەندەك مەسلە ھەقىقەتەنمۇ مەۋجۇت . بىراق ئېنىسىزلىق پىرىنسى دەپ بىر پىرىنسىپ بولىدۇ ، سىز بىلەمسىزكىن بۇ پىرىنسىپنى ،،،، . ئۇ پىرىنسىپتا يورۇقلۇققا نىسبەتەن مۇنداق چۈشەندۈرىشى بار : بىرتال فۇتۇننىڭ ئېنىق ئورنىنى بىلگەندە ، ئۇنىڭ ھەركىتى ئېنىق بولمايدۇ ، ئەكسىچە بولغاندىمۇ شۇنداق . مۇشۇنىڭغا ئاساسەن كىشىلەر بىرتال يورۇقلۇق كۋانتىنى ئىككى دولقۇن چوققىسىدىنمۇ قىسقا بولغان ئارلىقنى ھېسابلاپ چىقالمايدۇ دىيىلىدۇ .
ۋاقىتقا نىسبەتەن ھازىرچە ئاز بولغاندىمۇ 3خىل قاراش بار .
1- پىسخىلوگىيىلىك ۋاقىت قارىشى . بۇ ئادەتتە بىر دەيدىغان ھەم سېزىدىغان ۋاقىت قارىشى .
2- تېردونامىكىلىك ۋاقىت قارىشى . بۇ ۋاقىت قارىشىدا ، ھەممە جىسىم ئۈزلۈكسىز تەرتىپسىزلىككە قاراپ ماڭىدۇ دىيىلىدۇ .
3- ئالەم شۇناسلىق ۋاقىت قارىشى . بۇنىڭدا ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ دەپ قارىلىدۇ .
مىنىڭ بىلىدىغىنىم مۇشۇنچىلىككەن ، چۈنكى مەن يېڭى ئۆگەنگۈچى ، خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تەلىم بەرگەيسىز