7
ئەجەل كەلمىسە جان چىقماس ئىكەن ،بولمىسا تارتقان ئازاپلىرىمغا مىڭ ئۆلۇپ تۇگەيتتىم . ياتقان يىرىمدىن ئۆمىلەپ قوپۇپ موماينىڭ ئايىقىغا ئۆزۇمنى تاشلاپ قاتتىق يىغلاپ يالۋۇردۇم ، تارتقان ئازاپلىرىمنى ئاڭلاتتىم ،ئۇنىڭدىن كەچۇرۋىتىشنى ئۆتۇندۇم ،موماي بولسا چۇۋۇق چاشلىرىنىڭ ئارسىدىن غەزەپ ئوتى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە پەرۋاسىز تۇراتتى ، سۇباتنىڭ ئورنىدا ئوغلىڭىز بولۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلاي دىدىم ،پۇتۇنى سۆيۇپ ئاياقلىرىغا يۇزۇمنى سۇرتتۇم . موماي قولىنى كۆتۇرۇپ ھويلىنىڭ بىر بۇلىڭىدىكى پالتىنى كۆرسەتتى ، قورقىنىمدىن يۇرىكىم ئىغىزىمغا قاپلىشىپ قالدى ، ئەجابا شۇ پالتا بىلەن بىشىمنى ئۇزەرمۇ دەپ ئويلىدۇم . ئۆمىلەپ دىگەندەك پالتىنىڭ يىنىغا باردىم پالتىنى قولۇمغا ئىلىشىمغا مۇماي پالتىنىڭ يىنىدىكى قۇرۇق ئوتۇنلارنى كۆرسەتتى . ئۇنىڭ مەخسىتىنى تىزلا چۇشەندىم . كۇچۇمنىڭ بارىچە پالتا ئۇرۇپ ئۇتۇن يىرىشقا باشلىدىم ، كۇزۇمدە ياش لىكىن كۇلىۋاتاتتىم ، چۇنكى مۇماي ماڭا ھاياتتىن قايتا ئۆمۇت بىرىۋاتتى . ئوتۇننى يىرىپ بولۇپ كۇپنى سۇغا تودۇردۇم ، ئۆيلەرنى تازلاپ باغدىكى ئۇرۇكلەردىن ئۆگزىگە قاق سالدىم ئاخىرىدا بىر قاچا شۇيقاش ئىتىپ موماينىڭ ئالدىغا قويدۇم .
موماي ئاشنى قولىغا ئىلىپ بىر قوشۇق ئىچتى ئاندىن مىنى شەرەتلەپ يىنىغا چاقىردى . ئۆمىلەپ بىرىپ موماينىڭ قۇچقىغا باش قويدۇم . موماي بىردىنلا ئارىدەك قوللىرى بىلەن گىلىمنى سىقىشقا باشلىدى ، تىنالماي قالدىم بىراق ھىچقاندەك قارشىلىق كۆرسەتمىدىم .
ھەمدە جىنىم چىقتى دەپ ئويلاپ تۇراتتىم موماي قوللىرىنى بوشاتتى ، بىشىمغا تامچىلاپ ياشلىرى تۆكۇلدى، مەنمۇ ئۆزۇمنى تۇتالماي ھۆركىرەپ يىغلىۋەتتىم .
بۇ كەچ سائەت 4:44 ئەزرائىل مىنى قوينىغا چاقىراتتى شۇڭا يىڭىدىن تاھارەت ئىلىپ ناماز ئوقۇدۇم ئاندىن يۇزۇمنى قىبلىگە قىلىپ ئاستا كۆزۇمنى يۇمدۇم .
ئاللاھ ئۇلۇغدۇر .سەھەردە نۇرلۇق قوياش ۋە موماينىڭ مىھرىبان يۇزىنى كۆردۇم .
مەكتەپكە قايتىپ مەكتەپنىڭ ئىچىدىكى بىر بۇلۇڭغا ئوراك كۆلاپ بارلىق قونچاقلارنى كۆمىۋەتتىم .شۇنىڭ بىلەن بۇ قىرىق يىل شۇنداق تىنىچ ئۆتتى مەنمۇ تاكى ئۇ ئامانەتنى تاپشۇرغانغا قەدەر مومايغا ۋاپادارلىقىمنى يەتكۇزۇپ تۇردۇم.
رۇستەمنىڭ ئۆلىمى دىقىتىمنى قوزغىدى ،شۇ قونچاقتىن گومان قىلدىم ،بىرىپ قارىسام ھەقىقەتەن قۇنچاقلارنى بىر سى كۆلاپ چىقىرىپتۇ ،نىمە سەۋەپتىن ئۇنداق قىلدى بىلمىدىم ،بىراق بۇ بىر بالايى قازانىڭ باشلىنىشى .باللىرىم سىلەر ھازىر مۇشۇ ئويۇننىڭ ئىچىدە ھەربىرىڭلارنىڭ 4كۇنلا ۋاقىتى بار قولۇڭلاردىن كەلگىنىنى قىلىپ ئۆزۇڭلارنى قوتۇلدۇرۇڭلار .
سوپاخۇن يىغلامسىراپ ئۇزۇن دۇئا قىلىپ ياتاقتىن ئايرىلدى.
مۇراد بىلەن تۇرغۇن بۇنىڭغا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئۇخلاپ قىلىشتى .
يىڭى ئويۇن ئەمدى باشلاندى قىنى دوستلار دىققىتىڭلار ئەسەرنىڭ داۋامىدا بولسۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-24 07:09 PM