8
ئەتىسى تۇرغۇن بىلەن مۇرات كىيىنرەك ئورنىدىن تۇردى .ئىككىسى كىم ناشتىلىق ئىلىپ كىرىدۇ دەپ تالىشىۋاتقاندا سىرىتتىن بىرئايالنىڭ ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
مۇرات بىلەن تۇرغۇن يۇگۇرشۇپ ئاۋاز ئاڭلانغان يەرگە بىرىشتى .ئاۋاز مەكتەپنىڭ دىجورنىلىق ئۆيىدىن چىقىۋاتتى .
مۇرات بىلەن تۇرغۇن سوپاخۇنى كۆرۇپ يۇرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ،سۇپاخۇن دىجورنىلىق ئۇيىگە قويۇلغان ياغاچ كارۋات ئۇستىدە تۇگۇلۇپ ياتاتتى ،ئىغىز ،بۇرۇن ،قۇلاق ۋە كۆزىدىن قىپقىزىل قان ئىقىۋاتتى .
تۇرغۇن بىلەن مۇرات تىزلا ئەتراپقا كۆرگۇرتتى ،مۇرات كارۋاتنىڭ ئاستىدىن بىر تال لاتا قونچاققنى تىپىۋالدى .قونچاقنىڭ ،ئىغىز ،بۇرۇن ،قۇلاق ۋە كۆزىگە چوڭ بىر تال يىڭنە سانجىچلىق تۇراتتى.
مۇرات بىلەن تۇرغۇن ئاستا توپتىن ئايرىلىپ ياتاققا قايىتتى .نىمە قىلارىنى بىلەيمەي بىرى بىرىگە قارىشىپ قاراپ تۇرىشاتتى .
-ئەيسا بىلەن كۆرۇشۇپ باقايلى بولمىسا دىدى تۇرغۇن .
-مەيلى ھازىر ئۇنىڭدىن باشقا چارىمۇ يوق
ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ ئەيسانىڭ ئىزدىرىكىنى قىلدى بىراق نە ئۇنىڭ ياتاقداشلىرى نە ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭ خەۋىرىنى بىلمەيتتى .
-سىنىپ مەسئۇلىدىن سوراپ باقايلى بولمىسا دىدى مۇرات روھسىز ھالدا
-ئۇ گىپىمىزگە ئىشىنەرمۇ ؟ توۋا دەيمەن بىز ئەيساغا نىمە يامانلىق قىلغان .دىدى تۇرغۇن يىغلامسىراپ .
ئۇلار سىنىپ مەسئۇلىنىڭ يىنىغا باردى بىراق كىشىنى چۆچىتىدىغىنى سىنىپ مەسئۇلىمۇ ئەمدىلا ئەيسانىڭ ئۆلۇم خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئەيسانىڭ ئۆلىمىمۇ شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . مۇرات بىلەن تۇرغۇن بىشىنى چۆرگىلىتىپ قويىۋەتكەن ئادەمدەك مەس گاراڭ ھالدا ياتاققا قايتىشتى .
-مەن يۇرتقا كىتىمەن ، قازاقىستاندىكى تاغاملارنىڭكىگە كىتىپ پاناھلىنىمەن دىدى مۇرات ئالدىراش يۇك-تاقىللىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ .
-تەغدىرىمىزدە مۇشۇ بالا بولسا ھىلىغۇ قازىقىستانكەن يەتتا قات ئاسمانغا چىقساڭمۇ بىكا ،مەن چۇقۇم بۇ سىرنى يىشىمەن .ئۇنىڭدىن باشقا قۇتۇلۇش يوق بۇ ئىشتىن ،بىز بىرسىگە يامانلىق قىلمۇدۇق ، چۇقۇم قۇتۇلالايمىز .
شۇنداق قىلىپ مۇرات يۇرتىغا قايتىپ قازىقىستانغا كىتىدىغان ،تۇرغۇن بۇ سىرنى يىشىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن تىرشىدىغان بولدى .
قىنى ئاۋال گەپنى مۇراتتىن باشلايلى .
مۇرات شۇ كۇنى كەچتىلا ئاپتۇبۇس بىكىتىگە باردى بىراق ئۇ كۇندىكى بىلەت سىتىلىپ بولغان بولۇپ مۇرات كىتىشكە ئامال قالمىدى .ئامالسىز مۇرات بۆرتالاغا قايتىدىغان دۆلەت يولىدا شۇ يۆلىنىشكە كىتىۋاققان ماشىنىلاردىن بىر نى توسۇپ چىقىۋىلىشنى ئويلاپ يولنىڭ چىتىدە ماشىنا ساقلاپ تۇردى .
كىچە سائەت 11لەر ئەتراپىدا توساتتىن ھاۋا بۇزۇلۇپ يامغۇر يىغىشقا باشلىدى .كۆپ ئۆتمەي قارشى تەرەپتىن ئاجايىپ كونا بىر ئاپتوبۇس كىلىپ مۇراتنىڭ ئالدىدا توختىدى ،مۇرات خۇشال بولۇپ ئاپتۇبۇسقا چىقتى .ئاپتۇبۇستا ئادەم كۆپ ئەمەستى ، ئاپتۇبۇسنىڭ ئارقىدىكى بىر رەت ئورۇندۇقتا چىرايلىق بىر قىز ئولتۇراتتى ،مۇرات ئۇنىڭ يىنىغا بىرىپ -قىزچاق ئولتۇرسام بولامدۇ –دەپ قىزچاقنىڭ يىنىدىكى بوش ئورۇننى كۆرسەتتى .
-بولىدۇ پەقەت سىز خالىسىڭىزلا ،دىدى قىزچاق كۇلۇمسىرەپ . قىزچاقنىڭ يۇزى شۇنداق ئاپپاق ئىدى ،بىراق ئۇ كۇلۇمسىرىگەندە كۇرۇنگەن ئالتە تال چىشى قاپقارا .كۆزلىرى نۇرسىز ئىدى .كىسەل بولسا كىرەك دەپ ئويلىدى مۇرات . بىر دەمدىن كىيىن ئىككىسى تەبىئى ھالدا مۇڭدىشىپ قالدى .
قىزچاق ئۆزىنىڭ ناھايىتى جاپادا چوڭ بولغانلىقىنى يىتىمچىلىكنىڭ دەردىنى ئىيتىپ كۆزيىشى قىلدى .
-مەن بەش ياشقا كىرگەن توغۇلغان كۇنۇم دادام تۇيۇقسىز ئەتە ئاپىڭىز بىزدىن ئايرىلىدۇ . دىدى كىچىك بولغاچ ئانچە كارىم بولمىدى دەرۋەقە ئەتىسى ئانام ئۆلۇپ كەتتى . مەن دادامغا قارىسام دادام ماڭا غەلىتىلا كۇلۇپ قويدى .
14ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنۇمدە دادام يەنە ئەتە ئىنىڭىز بىزدىن ئايرىلىدۇ دىدىم .بۇقىتىم مەن ھەممىنى چۇشەنگەچ دادامغا يالۋۇرۇپ يىغلىدىم بىراق دادام يەنىلا شۇنداق مۇغەمبەر كۇلۇپ قويۇپ كارى بولمىدى .
ئەتىسى ئىنىم تۇنجۇقۇپ ئولۇپ كەتتى .
18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۇنۇمدە دادام ماڭا قىزىم ئەتە مەن كىتىمەن سىز ئۆزىڭىزنى ياخشى بىقىڭ دەپ ئۇخلاپ قالدى .بىراق شۇ ئۇخلىغانچە ئويغانمىدى .دادام ماڭا بىر پار چە خەت قالدۇرۇپ كىتىپتىكەن خەتنى مەن دەل 20 ياشقا كىرگەن كۇنى پوچتالىيون ئۆيىمىزگە ئەكىلىپ بەردى .خەتتە دادام قىزىم بىر ھەممىىز سىزنى سىغىندۇق ،ئەتە بىر ئائىلە كىشىللىرى ئاخىرى جەم بولىدىغان بولدۇق دىدى .
- نىمە ؟ سىز ھازىر قانچە ياش ؟ دەپ سورىدى مۇرات ھەيران بولۇپ .
- مەن ھازىر 23 ياش ،3 يىلدىن بىرى دادام –ئانام ئىنىللىرىم بىلەن بىللە ناھا يىتى ياخشى ئۆتىۋاتىمىز .
- نىمە ؟ مىنى قورقۇتماڭ نىمە دەيدىغانسىز قىزچاق .دىدى مۇرات قورقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ .
- ئىشەنمەمسىز قاراڭ ئاۋۇ ماشىنا ھەيداۋاققان مىنىڭ دادام .ماۋۇ ئانام ،ماۋۇ ئىنىم . قىزچاق ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىر بىر لەپ چاقىرۋىدى ئۇلار ئاستا ئارقىغا بۇرۇلۇپ مۇراتقا قاراپ يىقىنلاشتى .ھاتتا شوپۇرمۇ ماشىنىنىڭ رولىنى تاشلاپ ئۇلارغا قوشۇلدى ،ماشىنا ئۇچقانداك ماڭماقتا ئىدى ،سىرىتتا ياققان قاتتىق يامغۇر ماشىنا ئەينەكلىرىكە تاراسلاپ ئۇرۇلماتتا ئىدى .
قىنى دوستلار مۇرات بىلەن تۇرغۇننىڭ تەغدىرىنىڭ قانداق بولدىغىنىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كىيىنكى قىسىمدا بولسۇن ! رەھمەت سىلەرگە . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-24 07:22 PM