elipba2 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-19 10:01 PM
مەن بىر تېلفۇنچى …
مېنىڭ كۆز قارىشىم ، ھازىر بەزى خېرى ...
ئۇيغۇرچە يانفۇنلارغا خېرىدارلارنىڭ باھاسى ياخشىغۇ؟ ئۈچ يۈز، تۆت يۈزگە سېتىۋالغان يانفۇنلىرىنى ئۈچ تۆت مىڭلىق ئالما، سامسۇڭلارغا سېلىشتۇرسا ياخشى بولمايدۇ.
تۆتىنجى ئايلاردا خۇاۋېي y220tۋە لىيەنشىياڭ 298ئا تىپلىق يانفۇنلارنى 699يۈەندىن ساتتۇق، كېيىن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى، قەشقەر كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئابونتلىرىغا 150يۈەنلىك ئىتبار بېلىتى تارقىتىپ 550يۈەندىن ساتتۇق، بۇ تېلفۇنلارنىڭمۇ سەپلىمىسى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. ھازىر شىركەت يەنە ئىتبار باھا بىلەن خەيشىن، جوڭشىن، بەيلىفېڭ، يىتوڭ، كۇبى،كۇپەي قاتارلىق يانفۇنلارنى 299يۈەندىن 599يۈەنگىچە سېتىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭمۇ سەپلىمىسى ئىنتايىن تۆۋەن.
ھەتتا بەزىلىرى سادا، قۇتلان دېگەندەك يانفۇنلارنىڭكىدىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
يانفۇن باھاسىنى ئاۋال ماركا، ئاندىن زاپچاس بېكىتىدۇ. يۇقارقى تۆۋەن باھالىق يانفۇنلارغا كەلسەك ھەممىسى تۈۋەن كىرىملىك خېرىدارلارغا قارىتا بازارغا سېلىنغان.
بىلكان ھازىرقى داڭلىق ماركا بولسىمۇ تېخى ماركا قىممىتىنى يارىتىپ بولالمىدى، باھاسى سەپلىمىسىگە لايىق چىقىۋاتىدۇ. تەخمىنەن 800يۈەندىن يۇقىرى. باشقا ئۇيغۇرچە ماركىلىق ئاندىروئىد سىستىمىلىق تېلفۇنلار 300يۈەن ئەتراپىدا سېتىلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرچە يانفۇن شىركەتلىرى دۆلىتىمىزدىكى خىلمۇخىل ماركىلار ئىچىدىن باھاسى تۈۋەن، ئىستىمالچىلارغا ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاۋاتىدۇ.
خېرىدار دېگەن ھەرقانداق يانفۇندىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ. بىزمۇ دۇكاندا ئون دانە ئالما يانفۇنىنى ساتساق ئەتىسى نەچچىسى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ.
گەپنىڭ قىسقىسى ئۇيغۇرچە بازارغا سېلىنغان يانفۇنلارنىڭ بۇزۇلۇش نىسبىتى ئوخشاش باھادىكى يانفۇنلارغا قارىغاندا تۈۋەن.
مەن 2006يىلىدىن ھازىرغىچە يانفۇن بازىرىدا بار، دائىم شىركەتىن ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتكە قاتنىشىپ يېزا بازارلارغا چىقىپ تۇرىمەن، بىزنىڭ ئاساسى نوپۇسىمىز يەنىلا يېزا بازارلاردا، ئۇلارنىڭ يىللىق ئەمەلى كىرىمى كۆپىنچەيلەنگە ئايان. ئۇيغۇرچە يانفۇن شىركەتلىرىمۇ شۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان بولىشى مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-20 11:31 AM