بەزى دۆلىتىمىز ماللىرى بار ، مەسىلەن : خۇاۋېي ، جۇڭشىن ، لىيەن شىاڭ لارغا ئوخشاش يانفۇنلار ، سېستىمىلىرى ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللايدۇ ، باھاسىمۇ بەك ئەرزان ، نەچچە يۈز سوم …
بۇنداق يانفۇنلار ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدۇ، ئاندىروئىد 4.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىلىرىنى سېتىۋالسىڭىز ئۇيغۇرچە چالا چىقىپ ئوقۇغىلى بولمايدۇ. سەپلىمىسى سەل ياخشىراق لىرىنى ئالسىڭىز نەچچە كۈن ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ روت ھوقۇقىنى ئالالىىسڭىز ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغاندىن كىرگۈزگۈچنىمۇ قاچىلاپ بولۇپ ئاران كۆرۈپ، يازالايسىز. بىراق بۇنداق يانفۇنلارمۇ نەچچە يۈز يۈەن ئەمەس.
دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم كارخانىلىرى 2006-2005-يىللىرى ئەتراپىدا(شۇ يىللىرى جوڭشىن نىڭ ئۇيغۇرچە تېلفۇنىنى ئىشلىتىپ باققانىدىم.) ئۇيغۇرچە يانفۇنلارنى بازارغا سالغان، بۇ ۋاقتتا قوشتىل مائارپمۇ يوق بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئاساسى تىل يەنىلا ئۇيغۇر تىلى، ھۆكۈمەت تىلىمۇ ئۇيغۇر تىللى ئىدى. ئۇ يانفۇنلارنىڭ قانداق يوقاپ كەتكەنلىكى نامەلۇم. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيان تارتىشى ناتايىن ئىدى.
چەتئەلنىڭ ئاندىروئىد سىستىمىلىق Sony,Htc يانفۇنلىرىنىڭ 2.2نەشىرىدىمۇ 2.3نەشىرىمۇ ئۇيغۇرچە خەت ياخشى كۆرۈنىدۇ. بىراق دۆلىتىمىزنىڭ خۇاۋېي، جوڭشىن، لىيەنشىياڭلارنىڭ ئاندىروئىد 4.0 ئەمەس، 4.1.2يانفۇنلىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە چالا چىقىدۇ. نورمال كۆرۈش ئۈچۈن روت ھوقۇقىنى ئېلىپ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلىمىسا نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
بۇ يەردە بىر مەسىلە بار. يەنى ئىشلەتكەن سىستىما ئوخشاش تۇرۇقلۇق نېمىشقا دۆلىتىمىزنىڭ يانفۇنلىرىدا ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمەيدۇ؟
بۇ ئىچى زەھەرگە توشۇپ كەتكەن ئىت مىجەزلەر يانفۇنلارنى بازارغا سالغاندا قەستەن ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سىستىما بۆلىكىنى چىقىرىۋېتىپ ئىشلىتىدۇ.
بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئالما يانفۇنىمغا سۇ كىرىپ كېتىپ، ئۇنى سېتىۋېتىپ ئۆيدىكى سوني نىڭ سەپلىمىسىنى تۈۋەن كۆرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭlenovo k860i يانفۇنىنى ئىشلەتتىم، بۇ يانفۇننىڭ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى4 يادرولۇق 1.4لىك بولغان بىلەن خېلى بۇرۇنلا بازارغا سېلىنغان lt18i غا يەتمەيدىكەن
سېتىۋېتەي دېسەم ئۈچ تۆت ئاينىڭ ئالدىدا 2000يۈەنگە ئالغان تېلفۇننى 1000يۈەنگە ئاران ئالغۇدەك. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 1600يۈەنگە ئالغان سونى تېلفۇننى ھازىر ئەكىرسەم گەپ يوق1000 يۈەنگە ئالىدۇ. مانا بۇ چەتئەل ۋە جۇڭگۇ ماللىرىنىڭ سۈپىتىدىكى پەرق.