kapitan2 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 12:06 AM
تورداش ،بۇيەردە دىيىلگەن((شىئىر-قوشاق،ناخشا ئۇسسۇل م ...
ھاجىتى بار!...بىر مەسجەدتتە مۇنداق سۇئال سورىلىپتۇ:-تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ تاھارىتى(نامازغا تاھارەت ئالغان بولسا) سۇنۇپ كېتەمدۇ يوق؟ئىمام ئالدى بىلەن جامائەتتىن تاشلانغان ئۇشبۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىپ بېقىشىنى تەلەپ قىلسا،جىمى جامائەت تاماكا چەككەن ئادەمنىڭ تاھارەت ئالسا ،ئالغان تاھارىتى تاھارەت بۇلامدۇ يوق؟شۇنى بەس مۇنازىرە قىلىپتۇ.ئاخېرىدا ئىمام ھەممەيلەن توختۇتۇپ مۇنداق دەپتۇ:-ئىي جامائەت ئەھلى!سىزلەر ھازىر باش قاتۇرۇپ،بىر كىشى تاماكا چېكىدىكەن شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئادەم تاھارەت ئالسا تاھارىتى تاھارەت بۇلامدۇ-يوق؟شۇنى مۇنازىرە قىلىپ كەتتىڭىزلەر.ئەمما ئىچىڭلاردىن بىرمۇ ئەقلى بار ئىنسانىيەت ئالدى بىلەن تاماكا چېكىشنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى(ھالال-ھاراملىق مەسىلىسى)ئويلاپ باقمىدى.بۇنداق يۈزەكى دەتالاش بىلەن سىلەر نىمىنى ئىسپاتلىماقچى دەپ جامائەتلەرنى قايىل قىلىپتۇ.خۇلاسە كالام.گەرچە بۇ تورداش سىز دېگەندەك ئۇيغۇرلىرىمىزغا سەنئەتنىڭ مۇھىم ياكى ئەمەسلىكىنى مۇھاكىمە قىلىشنى ئونتۇپ قالغاندەك.بىراق،سەنئەتنىڭ ئىسلامدىكى ئورنىنى(ھالال-ھاراملىقى)بىلمىگەن كىشىلەر قانداقمۇ بىر ئېتىقادلىق(ئىمانلىق كىشىلىرى بار)مىللەتكە سەنئەتنىڭ مۇھىم ياكى مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئايرىپ بېرەلىسۇن!؟..شەخسىي پىكىرىڭىزگە ھۆرمەت قىلىمەن.بىراق ئويلىنىپ كۆرەسىز...