ئارىپ يوللىغان ۋاقتى 2013-7-21 07:41 PM
بىر تورداش ماڭا «مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ، ناخشا -ئۇسۇ ...
ئارىپ ئەپەندى !
ياخشىمۇسىز؟
شۇنداق، يۇقۇرقى ئىنكاسنى مەن قالدۇرغان، ئەمما سىزنىڭ مىنىڭ ئىنكاسىمغا قارىتا قالدۇرغان ئىنكاسىڭىزنى چۇشنىش ئىقتىدارىم تۇۋەنمۇ قانداق ، چۇشىنەلمىدىم،مەن سىزگە بىر ئەبگا يازمامنى يوللاپ قۇياي ، كۇرۇپ بېقىپ مىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىمنى چۇشۇنۇپ باققايسىز.
ئوخشاشلا ، بىر تەڭلىمىنى يوللاي بۇنىڭغىمۇ قاراپ باقارسىز ، مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىر ياخشى يازغۇچى بۇلۇشنى ، دائۇدىتنىڭ ‹‹ئەڭ ئاخىرقى دەرس›› مۇپاسساننىڭ ‹‹دونداق››گارسىيا ماركۇزنىڭ ‹‹يۇز يىللىق غېرىپلىق››ھىچ بولمىغاندا ‹‹بۇ يەرنىڭ سەھرى جىمجىت››ياكى‹‹بۇكې خانىم››دەك دونياۋى داڭلىق ئەسەر يازالمىساممۇ ، ئويغۇر جەميىتىنى تەسۋېرلەيدىغان ئەسەرلەرنى يىزىشنى ئويلايتتىم. ھەم نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئىدىم، بىراق ، مەن ئومرىمدىكى ئەڭ زور قارارنى يەنى ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسىگە قەدەم باسماسلىق قارارىنى بىزنىڭ تەبئى پەندە يېقىنقى 500يىلدىن بۇيان دونيا ئېتراپ قىلغان ئالىم چىقىپ باقمىغانلىغىنى ئەدەبىيات ئوگنىش جەرىيانىدا بىلگەندىن كىيىن چىقارغان ئىدىم ، شۇندىن كىيىن گەرچە ئۇزەم ئارزۇ قىلغان فىزىكا كەسپىدە ئۇقۇيالمىغان بولساممۇ ، ئىزچىل تۇردە ئوگنىۋاتىمەن ۋە تىرىشچانلىق كورسىتىۋاتىمەن، ھەم ئومىرىم ئاخىرلاشقىچە تىرىشچانلىق كورسىتىمەن.
سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ بىزدە قانچىلىك ئادەم سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىدۇ؟ قانچىلىك ۋاقىت ، قانچىلىك چۇڭقورلۇقتا ھۇزۇرلىنالايدۇ؟
سىز بىلىمخۇمار ، بىلىگ ، فىزىك ....قاتارلىق تورداشلىرىمىزنىڭ ماقالىلىرىنى بىزدىن قانچلىك ئادەم چۇشىنىدۇ دەپ قارايسىز؟ قانچىلىك ئادەم تەبئى پەن ماقالىلىرىنى كۇرۇشكە قىزىقىدۇ دەپ قارايسىز؟
تەبئى پەن ماقالىلىرىگە چۇشكەن ئىنكاسلارنى كۇرۇپ بېقىڭ ، چىكىلىش قېتىم سانىنى سىتاتسىكىلاپ بېقىڭ ؟ بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە تەبئى پەن ماقالىلىرىنىڭ ئۇمۇمى چىكىلىش قېتىم سانى چۇشكەن ئىنكاس سانى بىرقىسىم ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى ياكى جەميەتتىكى مەسلىلەر توغرىلىق يىزىلغان ۋە ياكى بىرەر ياخشى يىزىلغان ھىكايە بىلەن سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ؟قايسىسى كوپكەن؟
كوپ سوزلەپ قويدۇم.
غېرىپلىق
يىراق- يىراقلاردىن كىلەر سازنىڭ ساداسى،
ئوينار ئوسۇل ئۇنىڭغا ئۇمچەيگەن بارخان!
ئۈچ پەسىل قېتىپ قاپتۇ قىراۋ ئۇستىدە،
يىرىك قۇملار دانچىسى-زىمىنغا ماكان!
چەكسىز ئىزگۇ ھىسياتلار ئۇپۇقتۇر ئۇپۇق،
ھەممىگە ھامىي ئازغان نىشانسىز بوران!
كەچمىشلىرىم ئۇنتۇپتۇ بارچە ئۇزىنى ،
ھېقىلداپ ئوكسۇپ ھىچ يېغلىيالماس ئاسمان!
تەتۇر كوچكەن يۇلتۇزلار پۇرايدۇ باھار،
ھەمرالار كىتەر ھامان كائىنات تامان!
تۇرىدۇ يىگانە چەكسىزلىك كۇكىدە،
ئۇلۇغ مۇمىسىنى سېغىنغان شۇ ئىنسان!