kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 01:16 AM
دىن توغۇرلۇق سۆزلەيسەن. .
.يالىڭاچ ئاياللارنىڭ رەسىمى ...
ۋاي!ۋاي! كۇمۇش، ئالتۇن غوجاملار، بىر ئادەم سىزلەرنى بىرەر ئىغىز سۆزدىن قالساڭلار گاچا دىمەيدۇ..
سەۋىر قىلىشمۇ بىر گۈزەل ئەخلەقنىڭ سىمۋۇلى!!!!!!!!!!
‹‹ ئىنتىقام 2›› دىگەن تۇردىشىمىز مۇ، ئىلگىرى ئىسلام، دىن توغرىلىق گەپ سۆزلەرنى قىلغان بولشىمۇ مۇمكىن، بىراق بۇ ئەۋەتكەن رەىسىملەرگە غەزەپلىنىپ ، تورداشلارمۇ كورۇپ باقسۇن، نەپرەتلەنسۈن دىگەن ئاساستا يوللىغان بولسا، ئۇنى كەمسىتگىنىمىز نىمىسى.؟
توغرا، يانىلا توغرا؟ بىز تورلارداقىزلىرىمىز ‹‹جالاپ››‹‹پاھىشە››‹‹ بۇزۇق›› ‹‹ ئىنپتىنى ساقلىمىغان››‹‹ رەسۋا›،›› دەپ ئاتىدۇق، ئاغزىمىزدا بىزەپ گەپلەرنى قىلىپ تىللىدۇق؟
ئەجىبا ئاشۇ قىز لارنىڭ ئاجىزە بولۇپ قالغىنى گۇناھمۇ؟‹
ئوزىنىڭ شۇنداق يوللارغا كىرىپ قىلشقا ئوزى سەۋەپچىمۇ، ۋەياكى، بەزىبىر شەھۋاتپەرەس ئوغۇللىرىمىزنىڭ دەستىدىن شۇ يوللارغا كىرىپ قىلىشى سەۋەبىدىنمۇ؟
بىر قاتار چىگىش سۆئاللار ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ، چىگىش خىياللارغا باشلايدۇ؟
قىز بالا دىگەن كەلگۇسىدە بىر ئانا بولىدۇ. شۇ بولغۇچى ئانا بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتسە، بىر قولىدا بوشۇكنى تەۋرىتىدۇ.
قايسى تىمىدا مۇشۇ قىز لار توغرىلىق تىما يوللانسىلا، شەھۋەتلىك ئۇرۇقىنى چاچماي، ئىناقلىق، قىزلارغا، ئاياللىرىمىز غا كۆڭۈل بولۇش ئۇرۇقىنى چاچساق بولىدۇ ئەلۋەتتە.
ھەيرەنمەن، مۇشۇ ئوغۇللار توغرىلىق تىمىلارنىڭ بولمىغىنىغا ھەيرانمەن؟
بەزەنبىر ئوغۇللار، ئويىدە ئايالى، ئوماق بالىسى تۇرۇپمۇ، كوچىدىن مۇھەببەت تىپىلىپ، ئاياللىرىغا، باللىرىغا خۇمسىلىق قىلىۋاتقانلار ئاز ئەمەس؟
ئالايلۇق!
نىجىس كىسەل ‹‹ ئەيدىز›› ۋىرۇسى، 80-يىللارنىڭ ئىلگىرى يوق ئىدى، شۇ ۋاقىتتا، ئاتا ئانىسى ئىلىپ بەرگەن قىز نى ئالاتتى. كىيىن يەنە بىر قىز نى ئالماقچى بولسا، ئاتائانىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئىلىپ يەنە بىر قىزنى ئەمرىگە ئالاتتىيۇ، باشتىكى ئايالىنى نىكاھتىن جۇدا قىلمايتى.
ھەرئىككى ئايالى، ۋەياكى ئۇچ ئايالى ئىناق ئىجىل ئوتىدىكەن.
شۇ ۋاققىتاقورسىقى توق، كىيمى پۇتۇن بولمىسىمۇ، يەنىلا باياشاتتەك ئوتەتتىكەن.
ھازىرچۇ؟
يىڭى ئەسىرنىڭ ئىز باسارى بىز؟ يىڭى ئەسەرنىڭ قورغۇچىلىرى بىز؟ بىز دە مۇھەببەت ئەركىنلىكىمىز بار دەپ؟ ئاتالمىش ئۇنىڭ بىلەن يۇرۇپ بىقىپ تىتىمىسا بۇنىڭ بىلەن يۇرۇپ ، خالىسام ئالىمەن، خالىمىسەم تاشلايمەن يۇرۇۋاتقانلا يەنىلا ئوغۇللار.......
باشتا، شىرىن شىكەر سۆزلەر بىلەن بىغۇبار قىز نى ئالداپ، ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىۋالىدۇ.....
كىيىنچۇ؟
كىيىن مىغىزىنى چىقىۋىلىپلا،تاشلىۋىتىدىغانغۇمسى ئوغۇللىرىمىزمۇ يوق ئەسقۇ؟
تىخى ئوزىمىزچە باشقىلارنى زاڭلىق قىلىپ كىتىۋاتىمىز؟
شۇ ڭا بىزدە ئىيدىز كىسىلى مەملىكەت بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرۇۋاتىمىز، قىزلىرىمىزنىڭ يولدىن چىقىشى، ئوغۇللىرىمىزنىڭ بۇزۇق، شەھۋەتپەرەز بولىشى مەملىكەت بويىچە بىرىنجى ئورۇندا بولىۋاتىمىزغۇ؟
قاچانمۇ، بىلىم جەھەتتە، ئىناق ئائىلە قۇرۇشتا، ئىناق جەمىيەت قۇرۇشتا،ئاجرىشىش نىسپىتى توۋەن بولۇشتا، ئوزىمىزنىڭ ساغلام، ئەقىللىق بولشتا، قىز ئاياللىرىمىزغا كۇيۇنۇشتە، مەملىكەت بويىچە بىرىنجى بولارمىز ھە قاچانمۇ؟
بۇلار بۇ چۇش ئەمەس رىياللىق بولىسكەن دەيمەن....
ھاياتتا، نۇرغنلىغان ئوڭۇشسىلىقلارغا يولىقىمىز؟
ئۇنىڭغا بەرداشلىق ئىمۇنىت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، قىز ئاياللىرىمىزغا كۈيۈنۇش ئەخلاقى -پەزىلىتىمىز نى جارى قىلدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ يىغىرىنى تاتلايدىغان، مەنسىتمەسلىك، ئوزىچە سۆزمەن بولۇش، باشقىلارغا كۈيۈنمەسلىك، قىز ئاياللىرىمىز غەمغۇرلىق يەتكۈزمەسلىكتىك ناچار پارازىت قۇرتلارنى تېزدىن يوقۇتۇپ،
ھۇكۇمىتىمىز ، دىنىمىز تەكىتلەۋاتقان ئىناقلىقىنى، ئاجىزە قىز ئاياللىرىمىز غا كۈيۈشنى ئىلگىرى سۈرسەك قانداق دەيسىلەر