ئاۋگۇست يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 01:48 AM
ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر ئۆز قىز ئاياللىرىنىڭ چاكىنا ، ئاۋ ...
سۆيۈملۈكتۇر ھىجابلانغان قىز
سەدەپ ئىچرە گۆھەر مىسالى،
قىممەتلىكتۇر ھىجابلانغان قىز.
ئىتا ئەتمەن رەبكە ھەر قاچان،
ھىممەتلىكتۇر ھىجابلانغان قىز.
ئىمان بولغاچ پاكىز قەلبىدە،
قەدىرلىكتۇر ھىجابلانغان قىز.
ھىجاب ئۈچۈن چېپىلسا مىڭ رەت،
سەبىرلىكتۇر ھىجابلانغان قىز.
يالىڭاچلىق، بۇزۇقچىلىقتىن،
سىر-سەترىدۇر ھىجابلانغان قىز.
فىردەۋسنىڭ غىلمانلىرىدىن،
بىر قەترىدۇر ھىجابلانغان قىز.
جەننەت نۇرى تامچىغان گويا،
غۇنچە كەبى ھىجابلانغان قىز،
ئەركەك چىۋىن قونمىغان ھەتتا
شۇنچە سەبى ھىجابلانغان قىز.
كۆيسەم ئەگەر كۆيىمەن ئاڭا،
كۆيۈملۈكتۇر ھىجابلانغان قىز.
پەقەت رەببىم ئۆزىلا سۆيگەن،
سۆيۈملۈكتۇر ھىجابلانغان قىز.
مەنبە: ئۈرۈمچى قىزى بىلوگىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا intikam2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 05:54 PM