|
|
|
|
ئىككى ئالەم ئۇشقۇرى يەر شارىنى رەسىمگە تارتتى
بىلىمخۇمار
ئالدىنقى 19-ئىيۇل (جۈمە) كۈنى، ناسا نىڭ 1.5 مىليارد كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پلانېتا ساتۇرننى تەكشۈرىۋاتقان ئالەم ئۇشقۇرى «كاسسىنى» (Cassini) بىلەن 98 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى پلانېتا مېركۇرىي نى تەكشۈرىۋاتقان ئالەم ئۇشقۇرى «خەۋەرچى» (MESSENGER) يەر شارى بىلەن ئاينى رەسىمگە تارتىپ، ئۇ رەسىملەرنى يەر شارىغا ئىۋەرتىپ بەردى. تۆۋەندىكى 1-رەسىم كاسسىنى تارتقان رەسىم بولۇپ، 2-رەسىم بولسا خەۋەرچى تارتقان رەسىمدۇر. 2-رەسىمدىكى يەر شارىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرىنىشى سىزىلغان رەسىم بولۇپ، ئۇ يەر شارىنىڭ مېركۇرىيدە تۇرۇپ كۆرگەندىكى كۆرىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن. يەر شارى بىلەن بۇ ئىككى ئالەم ئۇشقۇرىنىڭ ئارىلىقى بەك يىراق بولغاچقا، بۇ رەسىملەردە يەر شارى پەقەت بىر قانچە پىكسېل (pixel رەسىم چېكىتى) بولۇپ كۆرۈنگەن. 1-رەسىمگە ساتۇرننىڭ ھالقىسىنىڭ بىر قىسمىمۇ كىرىپ قالغان.
ئالەم ئۇشقۇرى كاسسىنى نىڭ JPL دىكى باشقۇرغۇچىلىرى پۈتۈن دۇنيا بويىچە 19-ئىيۇل كۈنى كاسسىنىغا قول ئىشارىتى قىلىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا دۇنيا بويىچە نۇرغۇن ئورۇنلار ئاۋاز قوشقان. تۆۋەندىكى 3-رەسىمدىكىسى ناسا مەركىزى JPL دىكى كىشىلەرنىڭ كاسسىنىغا قول ئىشارىتى قىلىۋاتقان بىر كۆرىنىش.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
Humbling Views of Earthfrom Distant Spacecrafthttp://newswatch.nationalgeographic.com/2013/07/23/humbling-views-of-earth-from-distant-spacecraft/ Cassini spacecraft captures a world-wide wave from Saturn
http://www.pasadenastarnews.com/news/ci_23696756/cassini-spacecraft-captures-world-wide-wave-from-saturn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-25 12:10 PM
|
|
|
|
|
|