قۇمباغ79 يوللىغان ۋاقتى 2013-7-25 01:54 PM
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا،سىزنىڭ بىزلەرنى مۇشۇن ...
سالام قۇمباغ79 ئۇكام،
ئەگەر بىر قاپ-قاراڭغۇ كېچىدە سىز ئاسماندىكى كۆز بىلەن بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىغان يۇلتۇزلارنى تولۇق ساناپ چىقسىڭىز، ئۇ يۇلتۇزلارنىڭ سانى 3000 ئەتىراپىدا چىقىدۇ.
ئاشۇ 3000 يۇلتۇزنىڭ ئىچىدە، بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇز بىزدىن 4.26 نۇر يىلى يىراقلىقتا. قالغانلىرى بولسا بىزدىن نەچچە ئون نۇر يىلى ۋە نەچچە يۈز نۇر يىلى يىراقلىقتا. بىزدىن 10 نۇر يىلى يىراقلىقتىكى بىر يۇلتۇزنىڭ 10 گرادۇس بۇلۇڭغا يۆتكىلىشى ئۈچۈن 1.75 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. سىز دېگەندەك غەرپتىن شەرققە، ياكى شەرقتىن غەرپكە يۆتكىلىشى ئۈچۈن، كەم دېگەندە 90 گرادۇس بۇلۇڭغا يۆتكىلىشى كېرەك. شۇڭا سىز ئاسمانغا قاراپ تۇرغان ۋاقىت بىر سائەت بولسا، ئۇ بىر يۇلتۇزنىڭ ئۇنداق بىر بۇلۇڭغا يۆتكىلىپ بولىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئۇنى يەر شارىنىڭ ئايلىنىشىدىن بولغان، دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا ھەممە يۇلتۇزلار تەڭلا بىر تەرەپكە يۆتكىلىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر شارى ئۆز ئوقىدا بىر قېتىم ئايلىنىپ بولۇش ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.
دېمەك، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز يۇلتۇز ئەمەس. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئېھتىماللىقى يەر شارىغا يېقىن كېلىپ قالغان كائىنات ئۇچار تاشلىرى (ئاستېرويد) بولىشى مۇمكىن. ياكى بولمىسا سىزگە ئاشۇنداق تۇيۇلۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن.
«نۇر يىلى» دېگىنىمىز ئارىلىقنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ، «بىر نۇرى يىلى» دېگىنىمىز نۇر بىر يىلدا باسىدىغان ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. نۇر ھەر بىر سېكونتتا 300 مىڭ كىلومېتىر ئارىلىقنى باسىدىغان تېزلىك بىلەن ماڭىدۇ. ئۇنداقتا بىر نۇر يىلى قانچە كىلومېتىر كېلىدۇ؟ ئۇنى ھېسابلاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ھېسابنى ئىشلىسىڭىز بولىدۇ. بۇ يەردىكى « x » كۆپەيتىش بەلگىسى:
Bir nur yili = 365 x 24 x 60 x 60 x 300000 kilométir
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-26 06:05 AM