fathullah يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 05:54 AM
رەھمەت ئاكا!بۇ سۈرەتلەر قۇياشتىن قانچىلىك يىراقلىقتا ...
ئىرىس تېلېسكوپى يەر شارى ئوربىتىسىدا ئايلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى يەر شارىنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىغا ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ. يەنى بۇ ئارىلىق 149.6 مىليون كىلومېتىر.
ئىنگلىزچە « Tungsten» دەپ ئاتىلىدىغان ئېلېمېنتنىڭ ئېرىش (قاتتىق جىسىمدىن سۇيۇق جىسىمغا ئايلىنىش) تېمپېراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 3422 سېلسى-گرادۇس كېلىدۇ.
ئالەم ئۇچار كېمىسىگە «Titanium» دەپ ئاتىلىدىغان ماتەرىيال ئىسسىقتىن قوغدىنىش ماتېرىيال سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇمۇ ئىسسىقلىققا ئەڭ چىداملىق ماتېرىياللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1974-يىلى 10-دىكابىر كۈنى ناسا بىلەن گېرمانىيە بىرلىشىپ، قۇياشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان، ئىنگلىزچە «Helios-1» دەپ ئاتالغان ئالەم ئۇشقۇرىنىڭ قۇياشقا ئەڭ يېقىن بارغاندىكى قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى 43.432 مىليون كىلومېتىر بولغان.