مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 5:20AM

كىرپىكتە قاتقان ياش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 01:25:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-باب

  مەدىنەنىڭ ئالدىدىن يېنىپ كەلگەن فەرۇق ئۇدۇللا يېقىندا تونۇشقان جەۋلان ئىسىملىك ئاغىنىسى بىلەن كۆرۇشتى.
  جەۋلان ئوتتۇرا بويلۇق،سېرىق،كۆزلىرى كۆك بالا بولۇپ،ئۇنى كۆرگەنلەر ئختىيارسىز رۇسلارنى ئېسىگە ئالاتتى، ئۇ داۋاملىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۇرىيدىغان بولۇپ نىمىش قىلىدىغىنىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى.
-ئاداش سەن قايسى كۈنى دىگەن ئىشنى ئويلاشتىم.
-قانداق بىر قارارغا كەلدىڭمۇ؟
-ھەئە،قاچانلىققا يولغا چىقىمىز؟
-ئەتە چۇشتىن كىيىن يولغا چىقىمىز،ئۇ ۋاقىتقىچە تەييارلىقىڭنى پۈتكۈزگىن.
-ماقۇل
             *       *       *        *      *        *
  پويىزدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىۋاتقان فەرۇق ھازىر خىيال ئېكرانىدىكى مەدىنەدىن كەچۈرۈم  سوراۋاتاتتى‹‹مەدىنە مىنى كەچۇرگىن   مىنىڭ ئەسلى بۇنداق قىلغۇم يوقتى لىكىن تەغدىرىمگە مۇشۇ پۇتۇلگەن ئوخشايدۇ،لىكىن ساڭا ۋەدە بېرەي 2-3يىل سودا قىلىپلا شىنجاڭغا قايتىپ چىقىمەن،ئېلىپ چىققان پۇللۇرۇم بىلەن بىر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتىۋالساملا ئىككەيلەن توي قىلىپ بەخىتلىك ياشايمىز›› شۇ خىياللار بىلەن مېڭىپ گۇاڭجۇ شەھرىگە قانداق كەلگىنىنى بىلمەيلا قالغان فەرۇق بۇ زامانىۋى شەھەرنىڭ كۆركەم،ھەيۋەتلىك مەنزىرلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى، ئەتىسىدىن باشلاپ جەۋلان بىلەن بايۋەتچىلەردەك ياشاشقا باشلىدى،ئوينىمىغاننى ئويناپ كۆرمىگەننى كۆرۇپ يىمىگەننى يەپ خۇشال ئويناۋاتقان فەرۇق بۇنىڭ بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى،بۇ قىسقا مۇددەتلىك خۇشاللىقنىڭ كەينىدە چوڭ بىر پاجىئەنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇلار ئاشۇنداق ئويناپ بىر ھەپتە بولغاندا جەۋلان:
-ئاداش بىز كەلگىلى بىر ھەپتە بوپ قالدى،ئەمدى بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتمىساڭ بولماس،سەنمۇ بۇيەرگە پۇل تاپقىلى كىرگەن،شۇڭا ئەتە سىنى ئىشلەيدىغان يېرىڭگە ئاپىرىمەن،- دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى ئۇلار چامدانلىرىنى كۆتۇرشۇپ يولغا چىقتى،فەرۇق بىر قانچە تاكسىنى توسقان بولسىمۇ ھېچقايسىسى توختىمىدى، ئۇنىڭ ئېسىگە ئوقۇتقۇچىلىرى دەپ بەرگەن يانچۇقچىلار كىلىپ بەكلا ئاچچىقى كەلدى‹‹ خەپ، ئاشۇ ئاز ساندىكى مىللەتنىڭ يۇزىنى تۆكىدىغان مۇناپىقلار سەۋەبىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى ‹ئوغرى›،‹يانچۇقچى›دەپ ئاتىلىپ قېلىۋاتىدۇ،خۇدايىم جاجاڭنى بىرەر ئەبلەخلەر،مىللىتىمىزنىڭ يۇزىنى تۆكىشكىنىڭ ئۇچۇن دوزاخنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىدا كۆيەسەن››ئۇ شۇ خىياللارنى قىلىپ تۇرغىنىدا ئالدىغا بىر كۆمۈش  رەڭلىك پىكاپ كىلىپ توختىدى،پىكاپتىن چۇشكەن بالا ئاۋال جەۋلان بىلەن قىزغىن كۆرۈشۇپ بولۇپ فەرۇق بىلەن سۇسقىنە كۆرۇشۈپ قويدى،چامدانلىرىنى ئارقا ساندۇققا سېلىپ قويۇپ ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان فەرۇق ئۆزىنىڭ قايەرگە كىتىۋاتقىنىنى بىلمەيتتى...
تاياقنى ئۆلگۈدەك يەپ ئارانلا جېنى قالغان فەرۇق ئۆزىنى بۇيەرگە ئېلىپ كىلىپ مۇشۇ كۈنگە قويغان جەۋلاننى مىڭنى تىللىۋەتتى،تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ئىچكىردىكى يانچۇقچىلارنى تىللىغان،ئۇلارنىڭ دوزاققا تۇتۇرۇق بولۇپ كىتىشىنى تىلىگەن فەرۇق مانا ئەمدى ئۆزى يانچۇقچى بولۇپ قالغانىدى.ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ھېلىقى كۇندىكى ئىشلار ئۆتۇشكە باشلىدى‹‹ھېلىقى كۆمۈش رەڭلىك پىكاپ  نۇرغۇنلىغان ئېگىز بىنالارنى كەينىدە قويۇپ شەھەر سىرتىغا مېڭىۋاتاتتى،خېلى ئۇزاق ۋاقىت ماڭغان پىكاپ شەھەر سىرتىدىكى مەلۇم بىر كوچىنىڭ ئېغىزىغا كىلىپ توختىدى،ئۇلار ئۇ كوچىغا كىرىپ نۇرغۇنلىغان ئەگرى-بۈگرى كوچىلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى،ئۆيگە كىرىپ چامدانلىرىنى قويۇپ تۇرىشى ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتكەن جەۋلان يېرىم سائەتلەردىن كىيىن چىقىپ،كەچلىك پويىزدا شىنجاڭغا ماڭىدىغانلىقىنى ېيتىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ئىچكىركى ئۆيگە قۇرۇق قول كىرىپ كىتىپ چىقىپ كىتىش ۋاقتىدا بىر سىفىرلىق قارا چامداننى كۆتۇرۇپ چىققانلىقىنى كۆرگەن فەرۇق ھەيران قالدى،ئۇ چىقىپ كىتىپ بەش مىنۇت بۇلا بولمايلا بىر يوغان قورساق، قارامتۇل،يۇزىنى دانىخورك بېسىپ كەتكەن بىرسى ئۇنى باشقا بىر ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى،شۇچاغدىلا ئۆزىنىڭ سېتىلىپ كەتكىنىنى،بۇنىڭدىن كىيىن يانچۇقچى بولدىغانلىقىنى بىلگەن فەرۇق خوجايىنغا‹مەن بۇيەرگە ئاشخانىدا ئىشلەيمەن دەپ كەلگەن،بۇ يەردە تۇرمايمەن،شىنجاڭغا قايتىپ كىتىمەن›دىيىشى ،خوجايىن ئۇنى ئۇرۇپ كەتتى›› فەرۇق شۇ خىياللارنى قىلىپ ئاخىرى يانچۇقچى بولۇش قارارىغا كەلدى،چۇنكى ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يولمۇ يوقتى.
  نەچچە كۈنلۈك مەشىقتىن كىيىن تۇنجى قېتىم بازارغا چىققان فەرۇق بۇگۇنكى 2000يۇئەنلىك ۋەزىپىسىنى چۇشكە قالمايلا ئورۇنداپ بولغانىدى، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىملىق ۋەزىپىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىشى خوجايىننى بەكلا خوش قىلىۋەتتى،شۇڭا ئۇ باشقا بىر بالىغا مىڭ يۇئەن تۇتقۇزۇپ فەرۇقنى ئوينۇتۇپ كىرىشنى تاپىلىدى،شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار قانغۇدەك ئوينىدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇلار يەنە بازارغا چىقتى،يانچۇقچىلىقنى بەكلا ئاسان چاغلىغان فەرۇق كەچ كىرگۇچە ئاران 1800يۇئەن سودا قىلدى،ئۇ ياتىقىغە قايتىپ كىلىپ تۇرىشى،خوجايىن ھىساپنى قىلماقچى بولۇپ ھەممىسىنى ئىشخانىسىغا يىغدى
-لاۋشۇ(چاشقان)،سەن بۇگۇن قانچىلىك بازار قىلدىڭ؟
-بەش مىڭ تۆت يۈز يۇئەن سودا قىلدىم خوجاين
-ھە بوپتۇچىقىپ كەت،خۇاڭ ماۋ(سېرىق تۈك) سەنچۇ؟
-ئۈچ مىڭ ئالتە يۇز يۇئەن سودا قىلدىم خوجايىن
-ھەي ھاراملىق ئاران ئاشۇنچىلىك سودا قىلدىڭما؟
-مەن ...مەن ئەتە تولۇقلاپ بىرەي خوجايىن
-ئۇ گېپىڭنى ئاچاڭغا دەپ بەر ھاراملىق،-شۇنداق دەپ بولۇپ يېنىدىكى بىرسىگە ئىشارەت قىلىشى،تەمبەل،ئاق سېرىق كەلگەن بىرسى ئۇنى چېچىدىن سۆرىگەنچە ئېچىقىپ كەتتى
-خۇدىيې(كىپىنەك)سەنچۇ؟
-ئۈچ مىڭ ئىككى يۇز يۇئەن
- ھۇ رەسۋا جالاپ،بىر كۈندە ئاران ئاشۇنچىلىك تاپتىڭما ؟ تېنىڭنى ساتقان بولساڭمۇ بىر كۈندە تاپاتتىڭ بەش مىڭ يۇئەن دىگەننى
-ئەتە...ئەتە تولۇقلاپ بىرەي، خوجايىن.
-ھۇ بۇزۇق،گېپىڭنى قويۇپ بۇياققا كەل.
-خوجايىن مەن...
-ھەي بۇزۇق جالاپ تىز بۇياققا كەل
خۇدىيې قورقۇمسىراپ خوجايىننىڭ ئالدىغا بېرىشى،خوجايىن ئۇنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ  بەدىنىنىڭ بىر قانچە يىرىگە چىرقىرتىپ تۇرۇپ تاماكا يېقىۋەتتى.ئەمدى نۆۋەت فەرۇققا كەلگەنىدى
-خېي ماۋ(قارا مۈشۈك) سەنچۇ؟
-بىر مىڭ سەككىز يۇز يۇئەن
-ھەي ھاراملىق بۈگۈنكى ۋەزىپەڭ نەچچە پۇل؟
-ئۈچ مىڭ
-ھەي ھاراملىق،ساڭا تاياقنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويمىسام بولمايدىكەن
-مەن ئەتە تولۇقلاي خوجاين
-بۇنداق گېپىڭنى قوي،-يېنىدىكى بىرەيلەنگە‹‹ئۇنى ئېپچىقىپ كەتكەچ تۇرۇڭلار ››دەپ قويۇپ،ئېشىپ قالغان بىرنەچچە قىز بالا بىلەن تۆت نەپەر ئوغۇل بالىدىن ھىساپ ئالماقچى بولدى.
تاياق يەپ ماڭغۇدەك ماجالى قالمىغان فەرۇقنى ئىككى بالا سۆرەپ ئەكىلىپ بىر كونا ئۆيگە ئەكىرىپ تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.بۇ ‹‹سەگىتىش ئۆيى››بولۇپ ،كۈنلۈك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغانلارنى قاتتىق ئۇرۇپ بولۇپ، مۇشۇ ئۆيگە سولاپ قوياتتى.ھېلىقى ئىككىسى فەرۇقنى ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن،خۇاڭ ماۋ بىلەن خۇدىيې ئۇنى يېنىغا كەلدى.ئۇنى كۆتۇرۇپ بىر بۇلۇڭغا ئاپىرىپ، قەيەردىندۇر داكا تېپىپ يارىسىنى تېڭىپ قويدى.
-رەھمەت سىلەرگە
-ياقەي تۈزۈت قىلما،ھەممەيلەن تەغدىرداش تۇرساق
-بۇ ئىبلىسنىڭ قولىدا بىر-بىرىمىزگە ياردەم قىلمىساق باشقىلار ياردەم قىلمايدۇ.
-سىلەر بەك ياخشىكەنسىلەر،ئېسمىم فەرۇق ،قەشقەردىن،سىلەرنىچۇ؟
-مىنىڭ ئېسمىم مەردان،ئاقسۇدىن
-مىنىڭ ئېسمىم رەنا،ئۈرۈمچىدىن
-سىلەر بۇ يەرگە قانداق قىلىپ كىرىپ قالغان؟
-بۇنى دىيىشسەك بولمايدۇ،بۇ، بۇيەرنىڭ قائىدىسى
-بولدى قىلىڭە مەردان،خوجايىنمۇ ئۇخلايدۇ،بىزنىڭ گېپىمىزنى تىڭشاپ ئولتۇرمايدىغاندۇ؟!
-رەنا توغرا دەيدۇ، بۇ يەردە بۇنداق جىمجىت ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق
-ئۇنداق بولسا ئاۋال قىزلاردىن كەلسۇن
-بوپتۇ مەن باشلاي ئەمسە ،مەن ئون ياش ۋاقتمدا بۇ يەرگە كىرىپ قالغان، ئۇ كۇنى مەن مەكتەپتىن ئۆيگە كىتىۋاتسام ئالدىمغا بىر قارا پىكاپ كىلىپ توختىدى ئىچىدىن بىر ئادەم چۈشۈپ ئالدىمغا كىلىپ‹‹ۋاي رەنا قىزىم، سىزنى بەك ئىزدەپ كەتتىم،مەن دادىڭىزنىڭ خىزمەتدېشى،بايا ئاپىڭىز بىلەن دادىڭىز قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقتى،ئەھۋالى بەكلا خەتەرلىك،ماشىنىغا تىز چىقىڭ،سىزنى ئاپىڭىز بىلەن دادىڭىزنىڭ يېنىغا ئاپىراي››دىدى.مەنمۇ ئۇ ئادەم ئېسمىمنى چاقىرغاچقا ھەم بەكلا قورقۇپ كەتكەچكە ھېچنىمىنى ئويلىمايلا ماشىنىغا چىقتىم،چىقىپلا بىر نەرسىنىڭ بۇرنۇمنىڭ ئالدىغا كەلگەنلىكىنى بىلىمەن كىيىن ھوشۇمدىن كەتتىم،كىيىن ئويغانسام مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپتىمەن،كىيىن بىلسەم ئۇ نىجىس، مىنىڭ ئىسمىمنى بىلىش ئۈچۈن مەكتەپتىن چىققان بىر بالىغا يۈز يۈئەن بېرىپ مىنىڭ ئېسمىمنى سوراپتىكەن،مانا سەككىز يىل بولدى بۇ ئۆيدە نەچچە قېتىم تاياق يىگەنلىكىمنى،بەدىنىمنىڭ نەچچە يېرىگە تاماكا يېقىلغانلىقىنى بىلمەيمەن،ئىشقىلىپ ئىنسان بالىسى كۆرۇپ باقمىغان كۈنلەرنى مەن مۇشۇ ئۆيدە كۆردۇم،-رەنا شۇنداق دەپ سۆزىنى تۇگەتتى.
-ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلگەن ئوخشايدۇ،-دىدى مەردان،-مەن ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا  ئۆيۈمدىكىلەر بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ ئاچچىقىمدا تورخانىغا بېرىپ تاڭ ئاتقۇچە ئوينۇدۇم،شۇ يەردە شەۋكەت بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ،ئۇ مىنىڭ ئەھۋالىمنى ئاڭلاپ‹ئىچكىرگە كىرسەڭ بىر يىلدىلا نەچچە يۈز مىڭ يۇئەن تېپىپ چىقالايسەن ›دىدى، شۇ چاغدا بەكلا دۆتلۈك قىپتىكەنمەن، بىر كىچىك بالا قانداق قىلىپ بىر يلدا نەچچە يۈز مىڭ يۇئەن تاپالايدۇ؟ دپ يۇرمەيلا  ئۇنىڭ كەينىدىن كىردىم،مانا ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆرگەن كۈنۈممۇ ئاز ئەمەس،ھازىر شۇلارنى ئويلىسام شۇ كۈنى ئۆيدىن قېچىپ چىققىنىمغا بەكلا پۇشايمان قىلىمەن،ئەگەر بۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ كىتەلىسەم بىرىنجى بوپ قىلدىغان ئىشىم شەۋكەتنى ئۆلتۈرۋىتىش
-توختىغىنا، شەۋكەت دىگىنىڭ كىم ئۇ؟
-ھېلىقى سىنى ئەكىرىپ خوجايىنغا ساتقان بالا شۇ
بۇ گەپنى ئاڭلاپ جەۋلاننىڭ ئەسلى ئسمىنىڭ شەۋكەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئاچچىقى كەلگەن فەرۇق ئۆز-ئۆزىگە‹ئەگەر شەۋكەتنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۆلتۇرۋەتمىسەم فەرۇق دىگەن ئېسمىمنى يۆتكىۋىتىمەن›دىدى شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ سورىدى:
-بۇ يەردىن قېچىپ كەتكىلى بولامدۇ؟
-مۇمكىن ئەمەس،رەنادىن سوراپ باقە بۇيەردىن قاچقىلى بۇلامدىكەن ،رەنا سەككىز يىلدىن بۇيان بىر نەچچە قېتىم قاچماقچى بولغان ،لىكىن ھەممىسى مەغلۇپ بوپتۇ، بۇ يەردىن ئۆلۈكۈڭ چىقسا چىقىدۇ،ھەرگىز تىرىكىڭ چىقالمايدۇ،ھە راست،ئەمدى ئۆزۇڭنىڭكىنى سۆزلەپ بىرە!
فەرۇق ئۆزىنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۇزەشتىسىنى  سۆزلەپ بېرىپ تۇرشى تاڭ ئېتىپ پاراڭ ئۈزلۈپ قالدى.شۇنڭدىن كىيىن نەچچە قېتىم  تاياق يەپ ‹‹سەگىتىش ئۆيىدە››ياتقانلىقىنى ياكى ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى فرۇق ئۆزىمۇ ساناپ بىرەلمەيتتى،لىكىن، ئۇ كىيىن بۇ سودىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى،چۇنكى بۇنداق قىلسا خوجايىننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەتتى،بۇ ئۇنىڭ كىيىنكى پىلانلىرىغا پايدىلىق ئىدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   5:20AM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-31 01:31 PM  


ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 01:27:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-بابى ئاللا خالىسا يەنە بىر سائەتتىن كىيىن يوللىنىدۇ

ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 01:42:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-باب

ئەزەلدىن يانچۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدىغان فەرۇقنىڭ تۇيۇقسىزلا يانچۇقچىلىققا بېرىلىپ كىتىشى مەردان بىلەن رەنانى ھەيران قالدۇردى ،بىر كۈنى ئۇلار بازارغا چىققاندا ،ئۇلار فەرۇقتىن نىمىش بولغانلىقىنى سورىدى، فەرۇقنىڭ گەپ قىلماي كۈلۈپ تۇرشى ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كەلتۇردى،ھېچقانداق گەپنى يۇشۇرماي بىر-بىرىگە دىيىشىپ تۇردىغان بۇ دوستلار بۇگۇن فەرۇقتىن خاپا بولۇپ قالدى،ئۇلار كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېڭىشى  فەرۇق ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىپ:  
-بۇگۇن ۋەزىپەڭلەرنى ئورۇندىماڭلار،-دەپ قويۇپ كىتىپ قالدى، مەردان فەرۇقنىڭ گېپىنى چۇشىنەلمەي:
-فەرۇق بۈگۈن ساراڭ بوپ قالدىمۇ نىمە؟ ئىككەيلەننىڭ تاياق يىگىنىمىزنى كۆرسە خۇش بولدىغان ئوخشىمامدۇ؟،-ديىشى، رەنا كۈلۈپ تۇرۇپ:
-فەرۇقنىڭ دىگەن گېپىنى سەن پەقەت چۇشەنمىدىڭما؟
- ئەلۋەتتە چۇشەندىم، ئۇ بىزنى تاياققا قويماقچى!
-سىنى خېلى ئەقىللىق چاغلايتتىم مەردان،لىكىن كاللاڭ ھېچنىمىگە ئىشلىمەيدىكەن،فەرۇق بىلەن ھەر كۈنى بىللە يۇرۇپمۇ تېخى ئۇنى مەنچىلىك چۇشەنمەپسەن.
-سەن قانداق قىلماقچى؟
-قانداق قىلاتتىم، خېلى بوپتىكەن ئوبدانراق دەم ئالمىغىلى،بۈگۈن مۇشۇ باھانىدا بازار چۆگىلەپ نەرسە-كىرەك سېتىۋالاي.
-گەپنىڭ قىسقىسى سەن دەم ئالماقچىمۇ؟
-ئەلۋەتتە،مەن ماشىنا ئادەم بولمىسام يا؟ دەم ئالماي ئىشلەيدىغان؟
-بۈگۈن ئىككىڭلار ئېلىشىپ قاپسىلەر،ئۇنداق قىلساقلار تاياق يەيسىلەر كەچتە،يەنە تېخى ‹‹سەگىتىش ئۆيى››دە ياتىدىغان گەپ.
-ئىشقىلىپ ئختىيارىڭ،لىكىن ئۇنتۇپ قالما فەرۇق كەلگەندىن بۇيان ئۇ بىزنى خاتا يولغا باشلاپ باقمىدى.
-ئۇغۇ شۇ...
-خوش كەچتە كۆرشەيلى
  شۇنداق دەپ بولۇپلا رەنا كىتىپ قالدى،ئۇ ئانچە ئۇزاپ كەتمەي تۇرۇپلا مەردان يۇگۇرۇپ يىتىپ كەلدى
-بۈگۈن ساڭا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشىپ بىرەي،قانداق؟
-ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت،لىكىن، ئۆزۈم يالغۇز ئايلانغۇم  بار ،سىنىمۇ ھەقاچان قاۋاقخانىدىكى قىزلىرىڭ ساقلاپ كۆزى تۆت بوپ كەتتىمىكى؟
شۇنداق دەپ بولۇپ كىتىپ قالغان رەنانىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ ئىچى پۇشقان مەردان‹‹ بولدىلا بۈگۈن مەنمۇ دەم ئالايچۇ، فەرۇقنىڭ بىزگە دەيدىغان مۇھىم گېپى بار ئوخشايدۇ،بولمىسا، بىزگە ئۇنداق دەپ يۇرمەستى›› شۇ خىياللارنى ئويلاپ، بىر يەردە جىم تۇرىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان مەردان قاۋاقخانىغا يۈرۈپ كەتتى.
كەچتە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئورۇندىيالمىغانلىىنى بىلگەن خوجايىن ئۇ ئۈچىنى ھارغۇدەك ئۇرۇپ‹‹سەگىتىش ئۆيى››گە سولاپ قويدى
-كەچۈرۈڭلار، ھەممىگە مەن سەۋەپچى، لىكىن مۇشۇنداق قىلماي بولمايتتى، چۇنكى سىلەرگە دىمەكچى بولغان گەپنى مۇشۇ ئۆيدە دىمىسەم باشقا يەردە مەخپىيەتلىكنى ساقلىغىلى بولمايدۇ.
-بولدى فەرۇق بىزنى تەقەززا قىلماي تىزرەك دەڭە
-شۇ تىزرەك دىگىنە ئاداش، ئاشۇ گېپىڭنى ئاڭلاش ئۈچۈن  قانچىلىك تاياق يىگىنىمىزنى بىلىسەن،ھېلىمۇ پۈتۈن بەدىنىم ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك ئاغرىۋاتىدۇ
- كىم سىنى مەجبۇرلىدى؟ دەۋاتقان گېپىنى قارا ،ئەگەر چىدىمىساڭ پىلانىمىزغا قاتناشما،تېخى سىنى يېقىن ئاغىنەم دەپ بىلىپ ئەڭ مۇھىم مەخپىيەتلىكىمنى ئاشكارلىۋەتكىلى تاسلا قاپتىمەن
- بولدى فەرۇق ئۇنىڭ خۇيىنى بىلسىزغۇ؟! ئۇمۇ قەستەن دىمىدى
-ھەي سەن يىگەن تاياقنى رەنامۇ يىدى، ئۇ چېغىدا گەپ قىلماي تۇرسا سەن ھەجەپ ئۇششۇقلۇق قىلىپ كەتتىڭا؟
-بولدى ئاداش خاپا بولما،شۇ ئويلىمايلا دەپ ساپتىمەن،بولدى دىگەن گېپڭمنى ياندۇرۋالاي
- مۇشۇ قالايمىقان جۆيلەيدىغان قىلىقىڭ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىسۇن ھە؟ مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى،بولدى، ھەممىڭلار يېقىنراق كىلىڭلار
-‹‹سەگىتىش ئۆيى››دىگەن ھەممىدىن مەخپى جاي تۇرسا، يەنە ئۇنىڭدىنمۇ مەخپى قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟
-ھەي دۆت كاللاڭ پەقەت ئىشلىمەيدىكەن سىنىڭ،كونىلاردا‹‹كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق،كىچىسى گەپ قىلساڭ ئېغىزنى قۇلاققا ياق›› دىگەن گېپى بار، بىخەتەرلىك ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلمىساق بولمايدۇ
-ئاز گەپ قىلىڭە مەردان،فەرۇق گېپىنى دەۋالسۇن،ھېلىمۇ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى
-بۇ گەپ مۇنداق،-فەرۇق گېپىنى تېخىمۇ  پەسلەتتى، رەنا بىلەن مەردان قۇلاقلىرىنى شۇنداق دىڭ تۇتۇپمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاران ئاڭلاۋاتاتتى...
كۈنلەر شۇنداق ئۆتىۋاتاتتى، ئۇلار قانچە قېتىم ‹‹سەگىتىش ئۆيى›› دە ياتقىنىنى بىلمەيتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت ئولۇنۇپ ئنچىكە تۈزۈلگەن پىلانى ئەمەلگە ئاشاي دەۋاتاتتى،يەنە نەچچە كۈن ئۆتسىلا، ئۇلار كىچە-كۈندۇز ھەتتا چۈشىدىمۇ ئويلايدىغان ئەركىنلىككە ئېرىشەتتى،لىكىن،ئەڭ ھالقىلىق پەيىتلەر يىتىپ كىلەي دىگەندە چىققان بىر كىچىككىنە ئاۋارچىلىق ئۇلارنىڭ پىلانىنى ھەتتا تەغدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدى...
شۇ تاپتا خوجايىن ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئشلارنى ئويلاۋاتاتتى...تۈنۈگۈن دەل مۇشۇ ۋاقىتتا خوجايىننىڭ تېلپفۇنى  سايراپ كەتتى، تېلفۇنغا قاراپ  خوجايىن ئۆزىنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن تىزلىكتە تېلفۇننى ئالدى تېلفۇن خوجايىننىڭ ‹‹قۇش››لىرىدىن كەلگەنىدى،ئادەتتە جىددى ئەھۋال بولمىسا تېلفۇن قىلمايدىغان ‹‹قۇش››نىڭ تېلفۇنىنى كۆرۇپ خوجايىن جىددىيلىىشپ كەتكەنىدى
-ۋەي
-ۋەي خوجايىن چاتاق چىقتى،لىڭداڭ(قوڭغۇراق) يوقاپ كەتتى، مىنىڭچە قاچقان ئوخشايدۇ.
- پويىز ئىستانسىسىغا.ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بىكىتىگە،ئىشقىلىپ بارلىق قاتناش بكىتىگە ئادەم ئەۋەتىڭلار،ئۇ قېچىپ كەتمىسۇن،تۇتىۋالساڭلار تىزدىن ئۆيگە ئەكىلىڭلار،ھە راست باللارنىڭ ھەممىسىگە تېلفۇن قىل،شوركىلارنىڭ ھەممىنى ئۆيگە ياندۇرۇپ ئەكەلسۇن
-ئۇلارنىڭ ۋەزى...
-بولدى بۇنداق گېپىڭنى قوي، ئۇلارنى تىز ياندۇرۇپ كىلىڭلار
-چۇشەندىم خوجايىن
شۇ كۇنى كەچتە ئۇلار لىڭداڭنى تۇتۇپ ئەكەلدى،خوجايىن ئاچچىقىدا ئۇنى ئېسىپ قويۇپ  بەك قاتتىق ئۇرىۋەتتى،تاياق زەربىسىدىن ئۇنىڭ بەدەنلىرى تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەنىدى،شۇنداق بوپ كەتسىمۇ خوجايىننىڭ ئاچچىقى يانماي ئۇنىڭ بەدىنىگە تۇز چېچىۋەتتى...
خوجايىن ھازىر خۇددى ھەممىسى قېچىپ كىتىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتاتتى‹‹ خەپ، سەنلەرنى بوش قويىۋەتكىنىمنىڭ سورىقىمۇ بۇ؟ ئەمدى شۇنداق بىر تەدبىر قوللىنايكى، سەنلەرنى ئۆمۇرۋايەت ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىن كىتەلمەس قىلىۋەتمىسەم ھىساپ ئەمەس›› ئۇ شۇ خىياللارنى قىلىپ بولۇپ،تېلفۇنىنى ئېلىپ كىمدۇر بىرىنىڭ نۇمۇرىنى ئىزدىدى،خېلى ۋاقىتتىن كىيىن ئۆزى ئىزدىمەكچى بولغان نۇمۇرنى تېپىپ سۆزلىشىپ كەتتى
بىر ئاينىڭ ئچىدە  نەچچە قېتىم خىروئىن ئۇكۇلى ئۇرۇلغان فەرۇق خېلىلا جۈدەپ كەتكەنىدى، ئۇ ئولتۇرسا-قوپسا ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا قايتىپ كىتىش،مەدىنە بىلەن كۆرشۈش ئارزۇسى كۆپۇككە ئايلانغان ھېلىقى كۈن ئېسىگە كىلىۋالاتتى، ئۇ كۈنى خوجايىن  ھەممىسىنى باغلاپ قويۇپ بەدىنىگە سۇيۇقلاندۇرۇلغان خىروئىن ئۇكۇلىنى ئۇرىۋەتتى،بۇنىڭغا قانائەت قىلماي تاكى ئۆزى ئەمدى خۇمار پەيدا قىلالايدۇ دەپ ئويلىغىچە 2-3كۈندە بىر قېتىم ئۇرۇپ تۇردى، ئۇ كۆڭلى قارا، يۈرىكىدىكى ئادىمىيلىك ئاللىقاچان ئۆلگەن نىجىس خوجايىن باللارنىڭ يىغلاپ يالۋۇرشىغا قارىمىدى،ھەتتا فەرۇقمۇ تۇنجى قېتىم يات ئادەملەرنىڭ ئالدىدا يەنى ئۇنىڭ ئالدىدا يىغلىدى،بۇ مەلئۇن ئۇنى پىسەنتىگىمۇ ئېلىپ قويمىدى، شۇ كۈندىن باشلاپ فەرۇقنىڭ پۈتۈن ئارزۇلىرى بەربات بولدى،ئۇ ئەمدى قاچاي دەپمۇ قاچالمايتتى،  ئۇ ئارزۇلىرىنى ئويلاۋىتىپ مەدىنە ئېسىگە كەلگەندە ،كۆزىگە ئختىيارسىز ياش كەلدى، ئۇ ھازىرقى ئەھۋالى بىلەن مەدىنەگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ قانداق قىلىشنى ئويلاۋاتقىنىدا، خوجايىننىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يېنىغا ماڭدى.  


داۋامى بار

ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-31 01:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى كىيىنكى باپلىرىنى يېزىپ بولغىچە سەل تەخىر قىلىڭلار

ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 12:01:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي ئاللا بىچارە ئەسىرىم  چۆلدەرەپ قاپسەنغۇ؟ سىنى زىيارەت قىلىدىغانلارمۇ بەك ئازكەن، ھەممە گۇناھ ئۆزۈمدە ،سىنى بۇ دارىلتامغا تاشلاپ قويمىسام بوپتىكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   5:20AM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 12:01 AM  


ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12638
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 31866
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4618 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 12:21:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5:20AM يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 12:01 AM
ۋاي ئاللا بىچارە ئەسىرىم  چۆلدەرەپ قاپسەنغۇ؟ سىنى زىيا ...

ئەسىرىڭىزنى ‹‹چۆلدەرەپ قاپتۇ ›› دەپ كۆڭلىڭىزنى يېرنم قىلماي،داۋامنى يېزىۋېرىڭ،قىزىقىپ ئوقۇۋاتقانلارمۇ كۆپ.......

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

سەن يەنىلا كەتتىڭ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 01:17:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 12:21 AM
ئەسىرىڭىزنى ‹‹چۆلدەرەپ قاپتۇ ›› دەپ كۆڭلىڭىزنى يېرنم ...


بۇ ئەسەر ئەخلەت ئوخشايدۇ،  ئۆزۈم ئىنكاس يېزىپ توشقۇزىۋاتىمەن ھازىر، ئەگەر قىززىقىپ ئوقۇيدىغانلار بولسا بىرە-يېرىم  تال بولسىمۇ ئىنكاس يېزىپ قوياتتى، شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ ئەسەر ياخشى چىقماپتۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   5:20AM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-1 01:17 AM  


ئەسلىمىلەر قوينىدا ياشاۋاتقان مەن، توساتتىنلا رىئال دۇنيانىڭ شۇنچىلىك قورقۇنۇشلىقىنى بايقاپ قالدىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93991
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 288
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 11:09:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى مەن قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن.بىراقلا ئىنكاس يازاي دەپ ،ئەسەرنىڭ داۋامىنى ساقلاۋاتىمەن.ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96285
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 11:36:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەن بەكمۇ ياخشى ، تەسىرلىك چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە تەشەككۇر... ھارمىغايسىز ، داۋامىغا تەشنا بىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88691
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 113
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2014-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-1 11:49:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنى مەنمۇ قىزىقىپ ئۇقىۋاتىمەن ،داۋاملىق يېزىڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش