مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: 5:20AM

كىرپىكتە قاتقان ياش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1220
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 362993
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 03:57:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ فەرۇق ئۆلگىلى قاق بىر يىل بولدى .
( تۈگىدى )

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 10:24:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2013-8-6 03:57 PM
شۇنداق قىلىپ فەرۇق ئۆلگىلى قاق بىر يىل بولدى .
( تۈگىدى  ...

ماۋۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ كۈلۈپ كىتىپتىمەن

شەيتان ئۆلمەس،ئويۇن تۇگىمەس!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 10:38:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولۇمغا تاياق ئالدىغان يەرگە يەتتى،ئالدىراتماي دەپ ئىنكا يازمىسام قىنى دەيمەن داۋامى؛بولىڭە؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96601
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 10:50:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەكتەپتىكى مۇھەببەت  ،
شۇنچە شىرىن كارامەت .
دەسلەپ كۆيدۈرگەن بىلەن ،
يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت .


ياخشى يېزىپسىز ، داۋامىغا تەشنامىز ! ! !.....................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80831
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3308
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 11:44:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5:20AM يوللىغان ۋاقتى  2013-8-1 01:17 AM
بۇ ئەسەر ئەخلەت ئوخشايدۇ،  ئۆزۈم ئىنكاس يېزىپ توشقۇزى ...

ياق   ناھايىتى   ياخشى   چىقىپتۇ     داۋاملىق   تىرشىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80831
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3308
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 11:47:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
5:20AM يوللىغان ۋاقتى  2013-8-2 06:38 PM
تۇرمۇشۇمدا يۇزبەرگەن  بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن  ...

تېزراق   يېزىپ   داۋامىنى  تېزراق   يوللاڭ  مەن   دەھشەت   قىززىقىپ  ئوقۇۋاتىمە

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1092
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8856
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 3964 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2013-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 12:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىززىقىپ  قالدىم  تىزراق  يوللاڭە .

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-7 01:59:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xohsanam886 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-6 10:38 PM
قولۇمغا تاياق ئالدىغان يەرگە يەتتى،ئالدىراتماي دەپ ئى ...

خاپابولماڭ ھەدە، 4-بابىنى كەچكىچە يوللىۋىتەي

شەيتان ئۆلمەس،ئويۇن تۇگىمەس!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95527
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 284
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 12:10:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-باب

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى، فەرۇق بىلەن رەنانىڭ ئۆزى يىغىپ قويغان پۇللىرى خېلىلا ئەسقاتتى،باشقا شېرىكلىرى خىروئىننىڭ  خۇمارى تۇتۇپ يەردە پۇچۇلۇنۇپ كەتكەندە،ئۇلارھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك يۈرىۋەردى،لىكىن ئالتۇندىنمۇ قىممەت بۇ نەرسە ئۇ ئىككىسىنىڭ پۇلىنى تىزلا تۈگىتىۋەتتى، ئەمدى ئۇلار جان جەھلى بىلەن سودىغا كىرشىپ كەتتى،ئۇلارغا بۇنىڭدىن باشقا يولمۇ يوقتى، ئۇلار ھەركۈنى كۈنلۈك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغاندىن سىرت، يەنە ئۆزىگە مىڭ يۇئەن تاپالمىسا خۇمارى تۇتۇپ،  ئۆلمەي تۇرۇپلا دوزاخ ئازابىنى تارتاتتى،
فەرۇق ئۇزاق ئويلۇنۇپ بۇ يەردىن قېچىپ كىتىش قارارىغا كەلدى،ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ شۇ يەردىكى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش  ئورۇنلىرىدا زەھەر تاشلاشنى، ئەگەر تاشلىيالماي ئۆلۈپ كەتكەن تەغدىردىمۇ ئۆز يۇرتىدا يېتىشنى ئۈمبد قىلاتتى.ئۇنىڭ بۇنداق ئويغا كىلىشىگىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر باتتى، ئەرزان لىكىن ساپلىق دەرىجىسى ئىنتاھىن تۆۋەن خىروئىننى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغاچقا بۇ يەردىكى باللارنىڭ كۆپۈنچىسى قېتىپ ئۆلگەنىدى،ئۇلارنىڭ جەسىتى، يەرلىككە قويۇلۇپ بولغىچە قاتمۇ-قات مۇز ئارىسىدا تۇراتتى،ھەتتا بەزىلىرىنىڭ جەسىتى مۇز ئارىسىدا 2-3ھەپتە تۇرۇپ كىتەتتى.مۇشۇنداق ئەھۋالغا قالماسلىق ئۇچۈن بۇ يەردىن قېچىپ كىتىش قارارىغا كەلدى.
  نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ گۇاڭجۇدىن چىققان پويىز لەنجۇ ۋگزالىغا كىلىپ توختىدى، پويىزدىن چۇشكەن ئادەملەر ئالدىراشچىلىق بىلەن نەلەرگىدۇر كىتىپ باراتتى،پەقەت، ئېگىز بويلۇق، بۇغداي ئۆڭ،سوزۇنچاق يۇزلۇك20ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا نەگە بېرىشىنى بىلەلمىگەندەك قاراپ تۇراتتى.بۇ كىمدۇ؟ بۇ دەل ھىكايىمىزنىڭ باش پىرسوناژى ـ فەرۇق ئىدى،ئۇ قېچىش نىيىتىگە كەلگەن كۈندىن باشلاپ جىددى تەييارلىق قىلىشقا چۈشۈپ كەتتى، ئاخىرى مۇۋاپىق پۇرسەت تېپىپ،پال-پال قەغەز،سەرەڭگە،سۇلياۋ نەيچە،خىروئىن قاتارلىقلار بىلەن ‹‹تولۇق قوراللىنىپ››شىنجاڭغا يۈرۈپ كەتتى،لىكىن، پويىز لەنجۇغا يىتىپ كىلەي دىگەندە،ئۆزى ئېلىپ ماڭغان خىروئىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر گىرامىنى چىكىپ بولدى،ئۇ يولدا قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن لەنجۇدىن خىروئىن ئېلىپ سەپىرىنى داۋام قىلماقچى بولدى،ئىنسان دىگەن ھامىنى ئاجىز-دە،ئۇ لەنجۇدا يەنە قانداق ئىشلارغا دۇچ كىلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.
ئۇنىڭ لەنجۇدە بازاچىلىق قىلۋاتقىنىغىمۇ مانا بىر ئايچە بوپ قالدى. ئۇ ھېلىقى كۈنى لەنجۇدا  كوچا ئايلىنىۋىتىپ بۇ يەرنىڭ ساقچى ئىشلىرىنىڭ بەكلا بوشلىقىنى،بۇ يەرنىڭ يانچۇقچىلارنىڭ جەننىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، بۇ يەردە ئۇزۇنراق تۇرۇپ كۆپرەك پۇل تېپىۋالغاندىن كىيىن،ئاندىن شىنجاڭغا قايتىپ كىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ لەنجۇدا يانچۇقچىلىق قىلىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۇرۋاتقانىدى،بۇرۇن خوجايىنىغا تاپاتتى، ھازىر ئۆزىگە تاپىدۇ،قانچىلىك تاپسا ھەممىسى ئۆزىنىڭ، قانداق خەجلىگۈسى كەلسە شۇنداق خەجلەيدۇ، ئۇنى باشقۇردىغان ئادەممۇ يوق، خالىسا بازار ئويناپ،خالىسا ياتىقىغا كىرىپ ئۇخلاپ ‹‹جەننەت ھۇزۇرىنى سۇرۋاتاتتى››.
لەنجۇغا كەلگىلىمۇ يېرىم يىلچە بوپ قالغان فەرۇق ئەمدى شىنجاڭغا قايتىپ كىتىش نىيىتىگە كەلدى، ئۇ يولدا كىرەك بولدىغان ‹‹نەرسىلەرنى›› ئېلىپ بولۇپ، كەچلىك بازارغا چىقتى. بىر تار كوچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا بىر قىزنىڭ ‹‹قۇتقۇزۇڭلار››دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى،قۇلاقلىرىغا ئىشەنگۇسى كەلمەيتتى،چۇنكى، چىقىۋاتقىنى  مەدىنەنىڭ ئاۋازىغا  ئوخشايتتى، ئۇ تار كوچىغا يۇگۇرۇپ كىردى، 3نەپەر مەست بىر قىزنى نەگىدۇر بىر يەرگە چېچىدىن تۇتۇپ سۆرەۋاتاتتى، ئۇ ئېتىلىپ بېرىپلا ئۇ ئۈچى بىلەن مۇشتلىشىپ كەتتى.
بېشىنىڭ قاتتىق ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزگەن فەرۇق كۆزىنى ئېچىپ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىنى بىلدى، ئاخشامقى ئىشلار كۆز ئالدىدىن خىرە-شىرە ئۆتۈشكە باشلىدى...ھېلىقى 3مەست بىلەن ئۇرشۇپ ھەممىسىنى يىقىتىپ قويغان فەرۇق ھېلىقى قىزدىن ئەھۋال سوراپ تۇرشى بېشىغا تەگكەن قاتتىق بىر نەرسىنىڭ زەربىسىدىن كۆزى قاراڭغۇلىشىپ كەتتى... شۇ خىياللارنى قىلىپ تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز ھېلىقى قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-ياخشى بوپ قاپسىزمۇ؟
فەرۇق ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ ھەيران بولغىنىچە تۇرۇپلا قالدى،چۇنكى گەپ قىلۋاتقىنى مەدىنە ئىدى، ئاخشام قاراڭغۇدا ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىگەن فەرۇق،مانا ئەمدى ئۆزى قۇتقۇزغان قىزنىڭ مەدىنە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تىزلا جاۋاپ قايتۇردى:
-ھەئە ياخشى بوپ قالدىم
-تۈنۈگۈن ھېلىمۇ ياخشى سىز قۇتقۇزۋالدىڭىز،بولمىسا نىم بوپ كىتەتتىم،ھە راست ئېسمىڭىز نىمە؟
ئۇنىڭ گېپىدىن،ئۇنىڭ مەدىنە ئەمەسلىكىنى بىلۋالغان فەرۇق تىزلا جاۋاپ قايتۇردى
-ئېسمىم فەرۇق سىزنىڭچۇ؟
-مىنىڭ ئېسمىم مۇنىرە.
-سىزنىڭ شىنجاڭدا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز بارمۇ؟
- يوققۇ دەيمەن، دادام ئەزەلدىن ماڭا ئۇنداق دەپ باقمىغان
-بىلەمسىز؟ سىز شىنجاڭدىكى بىر دوستۇمغا قۇيۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدىكەنسىز
-ھە راستمۇ؟
-ئەلۋەتتە
-بەلكىم شۇنداقتۇ،لىكىن مەن ئەقلىمگە كىلىپ شىنجاڭ تەرەپكە ئۆتۈپ باقمىغان.
-سىز نەدىن؟
- مەن مۇشۇ لەنجۇ شەھرىدىن.
گەپ قىلىۋىتىپ فەرۇقنىڭ ئەسنەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مۇنىرە:
-فەرۇق سىز ئاق چىكىدىكەنسىز شۇنداقمۇ؟
-يا...ياق چەكمەيمەن
-بولدى مىنى ئالدىماڭ،مەندىن يۇشۇرالمايسىز،ئاز دىگەندە2يىل چىكىپسىز شۇنداقمۇ؟
‹‹ھەئە››دىيىشكە تىلى بارمىغان فەرۇق مۇنىرەگە قاراپ ئاستا بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى
-بولدى كىيىملىرىڭىزنى تىز ئالماشتۇرۇڭ،-دەپ ئۆزى ئېلىپ كىرگەن كىيىملەرنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
-نەگە بارىمىز؟
-شەھەر سىرتىغا
كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ بولغان فەرۇق، مۇنىرە بىلەن پەلەمپەيدىن چۇشىۋاتاتتى،مۇنىرە فەرۇقنى قولتۇقلىۋالغان بولۇپ، فەرۇقنى دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ قويۇلغان باۋما ماركىلىق ماشىنىنىڭ يېنىغا ئەكەلدى.

يانچۇقچىلىقنى تاشلاپ،مۇنىرە بىلەن باشقا سودىغا كىرىشكەن فەرۇق بەكمۇ سۆلەتلىك بوپ كەتكەنىدى... ئۇ ھېلىقى كۇنى مۇنىرە بىلەن باۋمادا شەھەر سىرتىغا چىققان ۋاقتىدا مۇنىرەنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە سودا قىلىش تەكلىپىگە قوشۇلغانىدى.ھازىر ئۆزى ھەيدەۋاتقان بېنىز  ماركىلىق ماشىنىسىنىمۇ فەرۇقنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي مۇنىرە ئېلىپ بەرگەنىدى. شۇڭىلاشقىمىكىن فەرۇق ئۆزىنىڭ چوڭ ‹‹خىروئىن ئەتكەسچىسى›› بوپ قالغانلىقىنى ئېغىر ئالمىغان ئىدى، ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇرۇنقى ئارزۇلىرىنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى،مەدىنە بولسا تاتلىق ئەسلىمىسىگە ئايلاندى، ئۇنىڭغا ئايان ئۇ ئەمدى مەدىنەنىڭ لايىقى بۇلالمايتتى، مەدىنەنىڭ، ئۆزىدەك خىروئىن ئەتكەسچىسى بىلەن توي قىلىشىنى خالىمايتتى،ئۇنىڭ ھازىرقى مەخسىتى كۆپرەك پۇل تېپىش ئىدى بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئارزۇسىمۇ يوقتى
مۇنىرە فەرۇققا بەكلا ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى، خىروئىن يۆتكىگەن ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا فەرۇقنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ئالىي مودا كىيىملەنى ئېلىپ بىرەتتى،كوچا ئايلىناتتى،قەھۋەخانىغا كىرىپ ئولتۇراتتى ئىشقىلىپ فەرۇقتىن پەقەت ئايرىلغۇسى كەلمەيتتى بىر كۈنى فەرۇق سوراپ قالدى:
-مۇنىرە سەن نىمىشقا ماڭا بۇنچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلسەن؟
-چۈنكى سەن مىنى قۇتقۇزۋالغان
ئۇنىڭ كۆزىنى باشقا يەرگە ئېلىپ قېچىپ تۇرۇپ دىگەن بۇ گېپىگە فەرۇقنىڭ ئىشەنگۇسى كەلمىدى
-بولدى مىنى ئالدىما، سەن مەندىن گەپ يۇشۇرۋاتقاندەك قىلىسەن، راست گېپىڭنى دىگىنە
-بوپتۇ ساڭا دەي، فەرۇق راست گەپ قىلسام سىنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم
-ياخشى كۆرشۈڭ توغرا، مەن شۇنداق كىلىشكەن بولغاندىكىن مىنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغان قىزلار ساماندەك،ھې ھې ھې
-دۆت، مەن چاخچاق قىلمىدىم، راست گەپ قىلىۋاتىمەن
-مەن بۇنداق دىيشىڭنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن،نىمىشقا مىنى ياخشى كۆرىسەن؟
- مىنىڭ سىنى ياخشى كۆرشۈمنىڭ سەۋەبى يوق، چۇنكى سىنى ھەقىقى ياخشى كۆرىمەن
- بۇ گەپ بەكلا تۇيۇقسىز بوپ قالدى، ساڭا نىم دىىيشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
- ئوبدان ئويلانغىن فەرۇق، مەن سىنى مەجبۇرلىمايمەن.
فەرۇق شۇ كۈنى كىچىسى ئۇخلىماي ئويلاندى، ئۇ مەدىنەنى ياخشى كۆرەتتى، لىكىن ئەمدى ئۇنىڭىلەن توي قىلالمايتتى شۇڭا ئۇ، ئۇيان ئويلۇنۇپ بۇيان ئويلۇنۇپ ئەمدى ئۆزىگە مۇنىرەدىن ئارتۇق لايىقنىڭ چىقمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.
تۇيۇقسىز يۇز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىنى ئاڭلاپلا دوختۇرخانىغا يىتىپ كەلگەن فەرۇق بىلەن مۇنىرەنى دوختۇر ئىشخانىسىغا چاقىرتتى
-سىز بىمارنىڭ قىزى بۇلامسىز؟
-شۇنداق دوختۇر،دادامنىڭ ئەھۋھلى ئېغىر ئەمەستۇ؟
- بىمارنىڭ مېڭىسىگە قان چۇشۇپتۇ، ئىچكى ئەزالىرى ئېغىر زەخمىلنىپتۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە قان بەك جېق چىقىپ كىتىپتۇ، ھازىرلا ئوپراتسىيە قىلمىساق بولمايدۇ، ئەگەر قوشۇلسىڭىز بۇ جەدىۋەلگە ئىمزا قويۇڭ
- دوختۇر دادامنى چوقۇم قۇتقۇزۇپ قېلىڭ،قانچە پۇل كەتسە مەيلى چوقۇم قۇتقۇزۋىلىڭ
-پۇتۇن كۇچىمىز بىلەن تىرشىمىز،شۇنداق بولسىمۇ ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇنىرە فەرۇققا ئېسىلىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، ۋاقت ئۇزارغانسىرى مۇنىرە تېخىمۇ ئەنسىرەپ يىغلاۋاتاتتى،فەرۇق ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ تۇراتتى بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كىيىن ئىشىكتە دوختۇرلار كۆرۇندى
-دوختۇر دادامنىڭ ئەھۋالى قانداق؟- مۇنىرە شۇنداق دەپلا يەنە يىغلاپ كەتتى، فەرۇق  قايتا سورىدى:
-دوختۇر،بىمارنىڭ ئەھۋالى قانداق؟
-كەچۇرۇڭلار پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشلەتتۇق،ئەپسۇس...بىمار ھازىر ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇنىرە يىغلاپ يۇگۇرگىنىچە دادىسىنىڭ يېنىڭغا كىردى فەرۇقمۇ ئۇنىڭ كەينىدىنلا كىردى،مۇنىرەنىڭ دادىسى ئەكبەر ئاكا فەرۇقنى كۆرۈپ ئىنتاھىن زەئىپ ئاۋازدا:
-فەرۇق بالام بۇياققا كىلىڭ،-ئۇ شۇنداق دەپ ئۆزىنىڭ قولىنى تۇتۇپ يىغلاۋاتقان مۇنىرەنىڭ قولىنى فەرۇققا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ،- بالام مۇنىرەنى سىزگە تاپشۇردۇم،ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭ، مۇنىرە سومكامنى ئېلىۋىتە،-ئۇنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى پەسلەۋاتاتتى،- شەھەر سىرتىدىكى 2قەۋەتلىك داچا سىلەرگە قىلغان توي سوۋغىتىم بولسۇن، بۇ كارتىدىكى پۇللارنى نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان سودا قىلىپ تاپقان،لىكىن خاتىرجەم ئىشلىتىۋىرىڭلار، ھەممىسىنى يۇيۇپ قويغانتىم...
‹‹دادا›› مۇنىرەنىڭ يىغلىغان ئاۋازى دوختۇرخانىغا تارالدى،ئەكبەر ئاكىنىڭ مېيىتى لەنجۇ شەھرىدىكى خۇيزۇلار قەبرىستانلىقىغا قويۇلدى.
-بۇ قېتىم يۆتكەشكە سىز بارماڭ،كۆڭلۈمگە بىر ئىش يۈز بىرىدىغاندەكلا تۇيلىۋاتىدۇ
-ئاغزىڭىزنى ئۈشتمەڭە مۇنىرە،سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ
-ھې ھې ھې چاخچاق قىلىپ قويدۇم، سىزمۇ مەندىن ئەنسىرەيدىكەنسىزھە؟
-ئەنسىرمىسەم بۇلامتى ئەمسە؟دادىڭىز سىزنى ماڭا تاپشۇرغان ئۇنىڭ ئۇستىگە..
-ئۇنىڭ ئۇستىگە نىمە؟
-مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن
-تۇنجى قېتىم مىنى ياخشى كۆردىغانلىقىڭىزنى ئېتىراپ قىلدىڭىز ھە؟
-...
-ھە راست بۇ كارتا سىزدە تۇرسۇن،مەخپى نۇمۇرى******
-ساق-سالامەت قايتىپ كېلىڭ ،تىزراق تويىمىزنى قىلىۋالايلى
بۇ گەپتىن خوش بوپ كەتكەن مۇنىرە فەرۇقنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيگەندىن كىيىن يۇننەنگە يۇرۇپ كەتتى.
فەرۇق مۇنىرەنىڭ ئۆلۈم خەۋرىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا بەكلا ئازاپلاندى،مۇنىرە بۇ قېتىم ‹‹ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك››گە كىرگەنىدى، چىگىردىن ئۆتىۋاتقاندا ساقچىلار سىزىپ قېلىپ ئېتىشىپ كەتتى،مۇنىرە نەخ مەيداندا ئوق تىگىپ ئۆلدى،قالغان ئىككى شىرىكى ئېغىر يارلىنىپ قانسىراپ ئۆلۈپ كەتتى...
فەرۇق نەچچە ئايغىچە بەكلا ئازاپلىنىپ يۇردى،نەچچە يۈز مىليون يۈئەننىڭ ئېگىسى بوپ قالغان فەرۇق يەنىلا مۇنىرەنىڭ سودىسىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى،لىكىن يالغۇزلۇق تارتىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئەڭ يېقىن دوستىلىرى بولغان رەنا بىلەن مەرداننى گۇاڭجۇدىن ئەكىلىش ئۇچۇن پويىز ئىستانسىسىغا ماڭدى.
پويىز ئىستانسىسىدا تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ شۇ يەرگە قاراپلا ھەيران بوپ تۇرۇپ قالدى


داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   5:20AM تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-8 12:12 PM  


شەيتان ئۆلمەس،ئويۇن تۇگىمەس!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5120
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-8 04:04:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە قىنى ئاخىرى؛

ھىجاب ئەۋۋەل قەلىبكە ئورنىماي باشقا ئورنىغاندىكىن شۇنداق كىچىككىنە شامال چىقسا ئۇچۇپ كىتىدىغان گەپكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش