kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 05:41 PM
سىزگە كىم مۇستاپا كامال ياغلىق چىگىشنى چەكلىدى دەپ ئۆ ...
توغرا ، ھەممە كىشىنىڭ قانداق قىلىش ئەركىنلىكى بار . ھاراق چەكلەش دېموكراتىيەگە ياتمايدۇ . بىراق بىلەمسىزكىن ، بىز دېموكراتىك دۆلەت دەپ بىلگەن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە 4 تامنىڭ ئىچىدە بولسىلا تاماكا چېكىشنى چەكلىگەن . ھەتتا قاۋاقخانا ، دېسكوخانىلاردىمۇ شۇنداق . مەيلى ئىشخانىسى 100 - قەۋەتتە بولسىمۇ چوقۇم پەسكە چۈشۈپ سىرتتا چېكىدۇ .
بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن نامايىشلارنى قىلدى ، بىراق يەنىلا قانۇن قانۇن بولىۋەردى . گەرچە تاماكىنى مۇتلەق چەكلىمىسىمۇ ، سورۇنىغا زور چەك قويدى .
سالامەتلىك ۋە دىنىي نۇقتىدا تۇرۇپ ھاراقنى چەكلەش بىلەن، مۇتلەق بولمىسىمۇ تاماكا سورۇنىغا چەك قويۇش ئوخشاش بىر ئىش . ئەگەر ئەردوغاننىڭ ھاراق چەكلىگىنىنى مۇستەبىت دېسەك ، ياۋروپادىكى تاماكا سورىنىنى چەكلەشمۇ مۇستەبىتلىك بولىدۇ .
بىلسىڭىز ، گوللاندىيەدە تاماكا ، ھاراقلا ئەمەس ، ھەرخىل زەھەرلەرمۇ قانۇنلۇق . باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە زەھەر چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن، قوشنا دۆلەتتىكىلەر گوللاندىيەگە بېرىپ زەھەرگە تويۇپ كېلىدۇ . بىراق بۇنىڭغا يەنە چەكلىمە بار ، 4 تامنىڭ ئىچىدە زەھەر ئەمەس ، تاماكىمۇ چەكمەسلىك . دېمەك ھەرقانچە ئەركىن بولغان تەغدىردىمۇ ، چەك قويۇلىدۇ -- سالامەتلىك ئۈچۈن . ھەم بۇنى مۇستەبىتلىك دېمەيدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-29 07:07 PM