kaLGundi يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 12:00 AM
تۇركىيەگە مۇستاپا كامال ئاتا تۇركتەك كىشلەر كېرەك.
ئە ...
تۈركىيەدە 80مىليۇندىن ئارتۇق نوپۇس ئىچىدە،70% دىن ئارتۇق كىشى نۆۋەتتىكى ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى ۋە ئۇنىڭ يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى قوللايدۇ. ئاشۇ گەزى پاركى مالىمانلىرى بولىۋاتقاندا،خىزمەت ئىشى بىلەن ئىستانبۇل،ئەنقەرە ۋە گازىئانتەپ قاتارلىق شەھەرلەردە بولدۇم. خەلقنىڭ ۋە ئاخبارات مىدىيالىرىنىڭ رايىدىن شۇنى ھىس قىلدىمكى، ئۇ مالىمانچىلار پەقەت ئاز بىر قىسىم قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ سىرتتتىن كىرىمغا ئېرىشكۈچىلەر. نامايىش قىلىش بەلگىلەنگەن رايون ۋە كوچا نۇقتىلىرى ھەقىقەتەن قالايمىقان بولسىمۇ، شەھەرنىڭ باشقا جايلىرى يەنىلا شۇنچىلىك تىنىچ ۋە خاتىرجەم. دىندار ئېقىمدىكى تۈركلەر ئاساسەن بۇ ئىشقا نىسبەتەن قالايمىقان ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆزىنى ئاۋارىمۇ قىلمىدى ۋە ئۆزلىرىنى ئاشۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەي قىلىۋاتقان دەھرى گۇيلارغا تەڭ قىلىپ كوچا تالىشىپ يۈرمىدى. چۈنكى نۇرغۇن خەلىق بۇ ئىشلارنىڭ يەنىلا شۇ ئوسمان ئىسلام خەلىپىلىكىنى ۋەيران قىلغان غەرىپ خىرىستىيان، يەھۇدىلىرىنىڭ ھەم شۇلارنىڭ غەلبىسىنىڭ تۈركىيەدىكى نەتىجىسى بولغان ئىسلامغا قارشى بىر تۈركۈم ياۋروپاپەرەس ساتقىنلارنىڭ قىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا ھەتتا، ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرىدا، دۇكانلىرىدا،ئاشخانىلىرىدا نۇرغۇن ئوتتۇرا ئېقىمدىكى ( دىنغا پەقەت كۆڭلىدىلا ئېتىقاد قىلىپ ئەمەلىيىتىدە ئامىرىكىدىن ئاشۇرۇپ ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ) مالىمانچىلارغا بولغان نارازىلىقىنى ئەيىپلەشلىرىنى ئاڭلىدىم. «بۇ مالىمانچى ئەخلەتلەر كۆپ بولۇپ كەتسە 3 مىليۇنغا بارمايدۇ. ئۇلار قانداقمۇ تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلالىسۇن. ئەگەر ئۇلار ئەنئەنىنىڭ تارىخمىزنىڭ داۋامچىلىرى بولغان بولسىدى بىزمۇ چىقىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدۇق. ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ھەقىقىي لىدىرى. ئەردوغان تۈركىيەنى ھەقىقىي تەرەققىي قىلدۇردى خەلىق بىلەن بىللە بولالىدى. ئەردوغان 10 يىل بۇرۇن بۇ ئورۇنغا كەلگەن بولسا تۈركىيە ياۋروپاغا ئاكا بولاتتى. بىز ئەردوغان بىلەن بىللە، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جان پىدا...» دىگەندەك.
دەرۋەقە، تۈركىيە سىياسىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر دۆلەت. چۈنكى تۈركىيەنىڭ بۇنداق بولۇپ كىتىشىدە غەرىپ دۇنياسىنىڭ 200 يىللىق سىياسىي سۈيقەستى بار.خىرىستىيان يەھۇدى دۇنياسى ناھايىتى ئۇزۇننى كۆرۈپ ئىنچىكلىك بىلەن تەيارلىغان 200 يىللىق ئۇ سۈيقەستىنىڭ ئاز دىگەندە 300-400 يىل ئۈنۈم كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق، ئەردوغاندەك بىر كۈتۈلمىگەن رەھبەر چىقىپ ئۇلارنىڭ بۇ شېرىن چۈشىنى 200 يىل كەينىدە قالدۇرىۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ بۇ ئويغىنىشى ھەرگىزمۇ ئوسمانلىنىڭ قايتا تىرىلىشى بولمايدۇ. يېڭىدىن بىر زامانىۋى دىموكراتىك كۈچلۈك يېڭى تۈركىيە ئىسلام دۆلىتى تۇغىلىشى مۇمكىن. بۇ بالىنى ئەلۋەتتە ئاشۇ ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرى تەربىيلەپ پىشۇرۇپ قاتارغا قوشتى. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
نۇرغۇنلىرىمىز تارىخنى كۆپرەك ئوقۇيلى، تەپەككۈر قىلايلى. نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇپ، نەپسىمىزنىڭ پاكلىقىغا دىققەت قىلساق ئىنشائاللاھ ئەقىللىرىمىز تىخىمۇ ساغلام ۋە سەزگۈر بولغۇسى.