ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم توردىشىم ھۆكۆما ،سىزگە ئاللانىڭ تىچلىقى يار بولسۇن ،شۇنداق ياخشى بىر تىمىنى مۇنبەرگە باسقان قوللىرىڭىزغا ئاللا دەرىت بەرمىسۇن،
قىرىندىشىم ،سىزنىڭ بۇ يازمىڭىز قانداقتۇر بىر ھىكايە ياكى رومان ئەمەس بەلكى پۈتۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئايىتى، ۋە بىزنىڭ يولباشچىمىز بولغان سۆيۆملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇبارەك ھەدىسلىرى ئىكەن ، شۇنىڭ ئۇچۈن ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى يازغاندا ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، بۇ قۇرئان ئايەتلىرى ھەركىم خالىغانچە ئۆزگەرتىپ يىزىۋەرسە بولىدىغان خەتلەر ئەمەس ،سىزنىڭ يازمىڭىزدىكى نەقىل قىلىپ ئالغان بۇ ئايەت :
ئاللاھتائاللاھ دېدى :بۇ ساناقلىق كۇنلەر رامىزان ئايدۇركى بۇ ئايدا ئادەملەر ئۇچۇن ھىدايەت بولۇپ ۋە ھىدايەت ۋە فۇرقان ھەق بىلەن باتىلنى، ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىغۇچىنىڭ ئىنىق ئايەتلىرى بولۇپ،قۇرئان نازىل قىلغاندۇرـ سۇرە بەقەر 185-ئايەت
قۇرئاندىكى ئەينى مەزمۇن بىلەن قىلچە باغلاشماپتۇ ،سىزنىڭ بۇ ئۇلۇغ قۇرئاننى بۇنداق ئۆزگەرتىپ تىما يىزىشىڭىز غا نىمە سەۋەپ بولدى ،مەزمۇننى تولوق يىزىش قىيىن كەلگەن بولسا يازماڭ ،يازسىڭىز تولوق يىزىڭ، باشقىلاردا خاتا چۇشەنچە پەيدا قىلماڭ.
ئاندىن يەنە سىز يازمىڭىزدا ،پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى قىسقارتىپ س ئە ۋ دەپ يىزىپسىز ،بۇ پەقەت كىتاپ يازمىلىرىغا ماس كىلىدىغان ئۇسسۇل ،بىراق مۇنبەردە سىزگە خەت يىزىش بوشلۇقى يىتەرلىك بولغاچقا بۇنداق قىسقارتىشىڭىز خاتا ،تولوق يىزىڭ .
3- سىزنىڭ يازمىڭىزدىكى يەنە بىر خاتالىق :{ئوسمان قۇرئاننى ھەركۇنى خەتنە قىلاتتى،
ئىبنى ئەبۇ خاتىم ئىبنى ئۆمەرنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەپ ئوسمانرەزىيەللاھۇئەنھۇ كېچىسى كۆپ ناماز ئوقۇيتتى ۋەكۆپ قۇرئان ئوقار ئىدى ھەتتا بىر رېكەتتە قۇرئاننى خەتنە قىلغان ۋاقتلىرمۇ بولغان.ئىمامى شافى رەھمىھۇللاھ رامىزان ئېيىدا نامازدىن تاشقىرى قۇرئاننى 60قېتىم خەتنە قىلاتتى } دىگەن بۇ ھەدىسلەر.
چۇنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تامام قىلىشنى توسقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچىلىك ھەدىس تۇرسا ،مۇسۇلمانلار خەلىپىسىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئىش قىلىشى مۈمكىنمۇ ؟نەقىل ئالغاندا سەمىمى بولوڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KARAMAT147 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-3 03:31 AM