KARAMAT147 يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 04:11 PM
توغرا دەيسىز ، مۇسۇلمان كىشى ھىچ ۋاقىتتا بۇنداق سۆز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سىزنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنى ئوقۇپ سىزدىن بەكمۇ سۆيۈندىم، سىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن! ھەم رازى قىلسۇن!...ئامىن! مەنمۇ دوپپا تورى دىسە يېقىملىق توربىكەت ئوخشايدۇ دەپ كىرسەم، دىنسىز كاپىرلارنىڭ تور بىكىتىكەن! شۇنداق ئاچچىغىمدا يېنىپ چىقتىم! ئىنشائاللاھ ئۇلارنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئۆزى بەرسۇن! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خار بولسۇن! مەڭگۈلۈك خار قىلغۇچى دوۋزاق ئازابتا ياشىسۇن!
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دوپپا تورىدىن نارازى بولدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوپپا تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ،
دەسلەپتە دوپپا تورى قۇرۇلغاندا دوپپا تورىنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ ، تىنىچلىقنى قوغدىغۇچىلارنى قارشى ئالىمىز دەپ يىزىپتىكەنسىلەر ، ئاستىغا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللىشى دوپپا تورىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى ، جاپا ئىچىدىكى خەلىق ئۈچۈن تىرىشايلى دەپ يىزىپتىكەنسىلەر ، بۇنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولغان ئىدىم ، ھەم مەنمۇ تىنىچلىقنى سۆيىدىغان ، خەلىقنىڭ جاپالىق تۇرمىشىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ، دىخقانلارنىڭ ھاشارلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولغاچقا دوپپا تورىغا ئەزا بولغان ئىدىن ، ھەمدە تىنىچلىق ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارىغان بىر قىسىم ھەدىسلەرنى يىزىپ يوللىغان ئىدىم ، لىكىن بارا -بارا بۇ توردا بىر قىسىم دىنغا ئۇيغۇن بولمىغان دىنسىزلارنىڭ كۆز قاراشلىرى پەيدا بولغىلى تۇردى ، بولۇپمۇ تەڭىرتاغ ئىشچىسى دىگەن كىشىنىڭ يازغان ئەسەرلىرى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى بەك بەك بىئارام قىلدى ، بوسا مۇشۇ تەڭىرتاغ ئىشچىسى دىگەن كىشىنىك يازغان نەرسىلىرى ئىچىدىن روپاشلارغا ئائىت ، ۋە روزىغا ئائىت تىمىسىنى ئۆچۈرۋەتكەن بولساڭلار ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا دوپپا تورى توغراسىدا يىقىندا مۇنداق بىر ھەجىۋى قوشاق پەيدا بولۇپ جەمىيەتتە كەڭ تارقالماقتا ، بۇنى مەن ئەينەن يەتكۈزۈپ قويىشنى توغرا تاپتىم ، بۇنى ھەرگىزمۇ مەن يازمىغان ، شۇڭا تور مەسئۇلىنىڭ خاتا چۈشۈنۈپ مىنىڭ ئەزالىقىمنى بىكار قىلىۋەتمىسەڭلار ، ھەم خەلىقنىڭ مۇشۇنداق كۆزقارشىنى دوپپا تورىدا ئىلان قىلىشقا جۈرئىتىڭلار بارمۇ يوق ، بىلىپ باققىمىز بار ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دوپپا تورىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ھۆكىمەتكە بەك ياخشىچاق بولۇپ كەتمەي خەلىقنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويساڭلار ، دىھقانلارنى ھاشاردىن قۇتۇلدۇرۇش ۋاقتى كەلدىمۇ ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىششى نىمىشقا تەس دىگەندەك ياخشى تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭلارنى ، خەلىقنىڭ ئاۋازىنى ياڭرىتىپ ھۆكىمەتكە يەتكۈزۈپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز ،
تۆۋەندە خەلىقنىڭ دوپپا تورى تورىسىدىكى قوشىقى ، بۇ قوشاق ئۇيغۇر ياشلار ئارىسىدا بۇ يىللىق ئەڭ مودا قوشاققا ئايلاندى ،
دوپپا تورىغا چوڭقۇر مەدىيە ،
دوپپىلىرىڭغا تېزەك تە .
يوغان يوغان تىزەكلەرنى ،
تەڭىرتاغ ئىشچىسى يە ،
شاپاق دوپپا تاز دوپپا ،
ئۆتەپكەتكەن ماز دوپپا.
قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ،
ھەقىقەتنى ياز دوپپا .
دوپپا تورى شاپاق تور،
تەڭىرتاغ ئىشچىسى قاپاڭتۇر.
دوپپا تورىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ،
كۆزلىرى ھەم چاپاقتۇر .
يازغۇچى تەڭىرتاغ ئىشچىسى ،
دوپپا تورىنىڭ غالچىسى .
دىنىمىزغا قارشى چىققان ،
دىنسىزلارنىڭ قامچىسى .
يۇقارقى قوشاقلاردىن مەلۈمكى سىلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەزىرىدىن بەك چۈشۈپ كەتتىڭلا ، شۇڭا ۋاقتىدا خاتالىقىڭلارنى تۈزۈتۈپ خەلىققە پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشىڭلارنى ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىغا قايتىپ ياخشى ھەدىسلەرنى يوللىشىڭلارنى ، بۇددا دىنىنىڭ ، خىرىستىيان دىنىنىڭ ، ھىندى دىنىنىڭ ھىكمەتلىرى دىگەن غەيرى ھىكمەتلەرنى ئۆچۈرۋىتىشىڭلارنى ئۆمىد قىلىمىز ، بولمىسا سىلەرنى دىننىڭ ، مىللەتنىڭ دۈشمىنى دەپ بىلىمىز ، خەلىق سىلەرنى قوللىمىايدۇ ، دوپپا تورىغا ھىچكىم كىرمەيدۇ ، ئۇچاغدا ئۆزۈڭلار يىزىپ ئۆزۈڭلار ئوقۇپ ئولتۇرسىلەر ، مەن مۇشۇنچىلىك گەپ قىلاي ، بالدۇرراق ئۆزۈڭلارنى بىلىۋالاسىلەر ،
يازغۇچى : كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى .