tohotur يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 08:48 PM
بۇنىڭ كۇلگۇدەك ھەيران قالغۇدەك يېرى يوق ، ئاز ئەسكەر ...
ماڭا قاراڭ ئەپەندىم ھاجىم جەنۇبى شىنجاڭدا تۇڭگان كەلدى دىگەن گەپنى ئاڭلىسىلا قاچىدىغان تۇرسا ھەتتا تۇڭگان بىلەن ئۇرۇش قىلايلى دىگەنلەرنى ئېتىۋەتكەن تۇرسا مەسىلەن ھاجىم قېچىپ ئاقسۇغا كەلگەندە ئاقسۇنى ئازات قىلغان ھاپىز لۇيجاڭ دىگەن كىشى ھاجىمنىڭ ئالدىغا چىقىپ بىز مۇشۇيەردە تۇڭگانلاربىلەن ئۇرۇش قىلساق تۇڭگانلارنىڭ بىرىمۇ بۇيەردىن ساق ئۇتەلمەيدۇ دىگەن ئىكەن ھاجىم ئۇنداق بۇلسا سىزئاۋۇ دۇڭگە چىقىپ قاراپ بېقىڭ تۇڭگانلار كىلىۋېتىپتىمۇ؟ دەپتۇ ھاپىزلۇيجاڭ دوڭگە چىقىپ دۇربۇن بىلەن كۇزىتىۋاتقاندا پاڭ قىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن تەڭ يەرگە يىقىلىپتۇ ھاجىم بۇلسا داۋاملىق قەشقەرگە قاراپ قېچىپتۇ ھاجىم قەشقەرگە كەلگەندە شاھ مەنسۇر ئالدىغا چىقىپتۇ ھاجىمنىڭ ئېتىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ھاجى ئاتا بۇنداق مېڭىيۋەر سىلە بۇلمايدۇ بىز ئەركەشتام دىگەن يەرگە ئەسكەر ئۇرۇن لاشتۇرساق تۇڭگانلار ئۇتەلمەيدۇ ئەگەر تۇڭگانلار ئەركەشتامدىن ئۇتىۋالسا ئۇلارنى تۇسىغىلى بۇلمايدۇ دەپتۇ ھاجىم شاھ مەنسۇرغا ئالىيىپ قامچىسىنى شىلتىپ تۇرۇپ ئاناڭنىڭ سۇتىنىڭ ھىدى تېخى ئېغىزىڭدىن كەتمەي تۇرۇپ ماڭا جەڭدىن ساۋاق بىرىۋاتامسەن يۇقال دەپتۇ شاھ مەنسۇرنىڭ ھاجىمدىن كۇتكەن ئۇمىدى كۇپۇككەئايلىنىپتۇ شاھ مەنسۇر ئۇزى ئۇچ يۇزدەك ئادىمى بىلەن ئونمىڭ كىشىلىك تۇڭگان قۇشۇنىنى ئەركەشتامدا ئۇچكىچە كۇندۇز دەھشەتلىك جەڭ قىلىپ تۇسۇپ تۇرغان بۇلسىمۇ ئارقا تەرەپتىن ھېچقانداق ياردەمگە ئىرىشەلمىگەچكە ئوق دۇرىلىرى تۇگەپكىتىپ خۇتەندىن كىلىدىغان ياردەمنى كۇتۇش ئۇچۇن ئۇدۇل يىڭىسارغا چىكىنىپتۇ ھاجىم بۇلسا قەشقەرنى تۇڭگانلارنىڭ قەتلىئامىغا قۇيۇپ قۇيۇپ ئۇرۇمچىگە تىكىۋېتىپتۇ . ئەگەر بۇگەپلىرىم خاتا بۇلسا توغرىسىنى تەلىم بەرگەيلا كايىمىغايلا