ئۇلمدىكى جامەدە ئۇيغۇرنىڭ مۇبارەك قولى ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرلىقنىڭ بىر بەلگىسى: كىشى ۋەتەنگە ئائىت نەرسىلەرگە زىيادە سەزگۈر بولۇپ كىتىدىكەن.مەن تۇرغان شەھەردە 150 مىڭدەك نوپۇس بار. بۇنىڭ تەخمىنەن 30 مىڭى تۈرك (توغرىسى تۈركىيەدىن كەلگەنلەر). مەن بىلىدىغان مەسچىتتىن ئالتىسى بار. تەبئىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خىلى كۆپ ساندا ئالەۋىلەر، كۇرتلار، ئەرمەنلەر ۋە باشقا ئاناتولىيەدە ياشايدىغان مىللەتلەر بار. شۇڭا بۇ ساننىڭ زادى قانچىلىكى مۇسۇلمان مەنمۇ ئىنىق بىلمەيمەن. كۇرتلارنىڭ ئىچىدە ئوجالاننىڭ قوللىغىچىلىرىمۇ بار. لېكىن ئىسلام ئىتقادىغا چىڭ كۇرتلار تازا ياقتۇرمىسا كېرەك، ئۇلار: "دىنىمىزغا ئىتقاد قىلالىساقلا شۇنىڭ ئۆزى يېتىدۇ" دەيدۇ.يىقىندا شەھرىمىزدىكى دىيانەت مەركىزى جامەسى (ئۈچ قەۋەتلىك چوڭ بىنا) ئىچىنى قايتىدىن بىزەپ بەكلا چىرايلىق قىلۋىتىپتۇ. كۆزلىرىم قامىشىپلا كەتتى. جامەنىڭ ئىككىنچى، ئۈچىنچى قەۋەتلىرى ناماز قىلىندىغان رايون ۋە پائالىيەت ئۆيىلىرى. ئاساسى ناماز رايونى تەخمىنەن 1500 كىشىنى كەڭ تاشا سىغدۇرالايدۇ. نامازدىن كېيىن كىشىلەر نامازخانىنىڭ يان بىقىنىدىكى چايخانىدا چاي ئىچىشكەچ تامدىكى نىپىز ئىكرانلىق تېلىۋىزوردا پۇتبۇل مۇسابىقىلىرى كۆرىشىدۇ. بىرىنچى قەۋىتىدە ئاشخانا، 300 كىشىلىك زىياپەت زالى ۋە بىر تاللا بازىرى بار. جامە بىناسى ئەتراپىدا ھەم يېتەرلىك ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى بار.بۇ قېتىم بۇ شەھەردىكى ھەممە مەسچىتلەر كۈنلۈك ئىفتارلىق چىقاردى. بىزمۇ مېھمانغا چاقىرىلمىغان كۈنلەردە مەسچىتنىڭ زىياپەت زالىدا يىڭىلا تەييارلانغان بىر يۈرۈش تاماقلار بىلەن ئىفتارلىق قىلىپ يۈردۇق. تاماقلار بەك ياخشى بولغاچقا خىلىلا كۆپ كىشىلەرنى جەلىپ قىلىپتۇ. ھەر كۈندە 100 دىن 300 گىچە ئادەم كۈتىۋالدى. ئىفتارغا داخىل بولغانلاردىن تۈركلەر، ئافرىقىلىقلار، يىڭىدىن ئىسلامغا كىرگەن نىمىسلار، ئىشقىلىپ ھەر خىل ئادەملەر. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىفتارلىقتىن كېيىن ئادەت بويىچە ناماز قىلدۇق. ئۆيگە بىرىپ كىلىشكە ھورۇنلۇق قىلىپ، چىرايلىق ھەم يورۇق جامەدىلا ماقالەمگە ئىشلىگەچ تەراۋى ۋاقتىنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. جامە ئىچىدىكى خۇددى بىز ئۈچۈنلا تەييارلاپ قويغاندەك ئۈستەلدە ماقالە كۆرۋاتسام قىزىقسىنىپ بىر تۈرك بوۋاي كەپتۇ. سالام-سائەتتە ئۇيغۇرلۇقۇمنى بىلگەندىن كېيىن خوش بولۇپ كەتتى، ھەم ماڭا: "قارا مۇشۇ مەسچىتنىڭ ئىچىدىكى خەتلەرنى سېنىڭ ۋەتەندىشىڭ يازدى، بەك رازى بولدۇق. ئەسلى باشتا پارىژدىن ھەم گېرمانىيەدىن ئىككى ئادەم تەكلىپ قىلغان ئىدۇق، تازا قاملاشتۇرالمىدى، شۇنىڭ بىلەن پۇلىنى بىرىپ يولغا سالدۇق. كېيىن بىراۋلار سېنىڭ شۇ قېرىندىشىڭنى تونۇشتۇردى، ئوننەچە يىل ئالدىدا تۈركىيەدىن گېرمانغا كەلگەن ئىكەن. ئەسلى شۇ يۇرتۇڭدىن تۈركىيەگە بارغان ئىكەن، تۈركىيەدىن بۇ يەرگە كېلىپ ياشاپ قاپتۇ. قارا شۇ خەتلەرگە، ھىچقانداق قېلىپ ئىشلەتمەي، ھەممىسىنى ئۆز قولى بىلەن يېزىپ چىقتى، بەكلا رازى بولدۇق". بوۋاي ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتتى. كېيىن كىرگەن دوستىغا، "قارىغىنە، ھىلقى ئۇستىنىڭ قېرىندىشىنى تېپىۋالدىم" دەپ تونۇشتۇرۇپ كەتتى.بۇنداق مۇساپىرچىلىقتا، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ھەۋەس نەزرىدە قاراپ يۈرگەن ئىدىم، مانا ئەمدى ئۇ خەتلەرنى بىر ئۇيغۇرنىڭ يازغىنىنى بىلگىنىمدە، راستىنلا ھاياجان باستى. بۇ خۇددى، ئۆز بىر تۇققان قېرىندىشىمنىڭ تەرىپىنى كىشىلەردىن ئاڭلىغاندەكلا. سىلەرنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ سۈرەتكە تارتىۋالدىم. ئاللاھ شۇ قېرىندىشىمىزنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن. ئاڭلىسام ئۇ ئاكىمىز باشقا بىر يەردىكى يىڭى سېلىنغان مەسچتنىڭ خەتلىرىنى يېزىۋىتىپتۇ. بۇ چاققىچە قانچە مەسچىتنىڭ خىتىنى يازغاندۇ؟ كەلگۈسىدە گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇپ قالسىڭىز، سەمىڭىزدە بولسۇن، بەلكىم سىز ناماز قىلۋاتقان جامەدە شۇ قېرىندىشىڭىزنىڭ قولى باردۇر...قالغان رەسىملەرنى بۇ ئادرىستىن كۆرۈۋېلىڭ.
http://www.flickr.com/photos/48781240@N06/sets/72157634924627881
بۇ شەھەردە ئەڭ ئاز ئالتە مەسچىت بار. رامىزاندا قايناپ كىتىدۇ ھەممىسى. ئادەتتىكى كۈنلەردە ھەر مەسچىتتە تەراۋىگە كىلىدىغانلار 100 دىن 300 گىچە. ئامما بۈگۈن مەركىزى جامەگىلا 1000 (بۇساننىڭ تەخمىنەن يېرىمى ئايال. ئالدى 630 كىشىلىك زالدا ئەرلەر، پاتماي قالغانلىرى ياندىكى ئۆيلەردە. كەينىدىكى 630 كىشىلىك زال ۋە ئىككىنچە قەۋەتتىكى زالدا ئاياللار) دىن ئوشۇق ئادەم كەپتۇ، بۇنداق مەنزىرىنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم بۇ شەھەردە. ئۇزاق-ئۇزاق تېلەكلەرنى تېلىدۇق. ئىمام زۇلۇم چىكىۋاتقان ھەممە مۇسۇلمانلارنى تىلغا ئىلىپ ئۆتتى. باياشات، خاتىرجەم، يۈكسەك ئەركىن بىر دۆلەتتە ياشاۋاتقان تۈركلەرنىڭ مۇشۇنچىلىك قىلغىنىدىن ھەم بەك خوش بولدۇم (ئادەتتە كىشىلەر خاتىرجەملىك، باياشاتلىق ئىچىدە ئاسانلا خۇدايىمنى ئۇنتۇپ قىلىشىدۇ). ھەرھالدا كۆپىنچىسى گېرمانىيەدە چوڭ بولسىمۇ نىمىسلارنىڭ پىخسىقلىقى ھەرھالدا بەك يۇقمىغان، كۆپ قىتىملاپ ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان يەرلەرگە ئىئانە توپلاندى، شۇ ئىئانىلەر كۈچىدە ئۇ يەرلەردە مەكتەپلەر ئېچىلدى، قۇدۇقلار، سۇ تازلىغۇچ ئەسۋابلىرى ئورنىتىلدى.ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىنسابىنى بەرسۇن!قوشۇمچە:تۈرك بار يەردە، گەرچە بىر كىچىك يېزا بولسىمۇ مەسچىتلىرى بار، بەزىلىرى ئىسلام ئۇسلۇبىدا سىلىنغان مىنارەتلىك، قۇببىلىك مەسچىتلەر، ھەم ئۇنداق مەسچىتلەر بارغانچە كۆپىيۋاتىدۇ. بۇ تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆي ئىجارىسى ناھايتى قىممەت بولىدىغان گېرمانىيەدە قانداق قىلىپ شۇنچە كۆپ مەسچىتنىڭ چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقىنىغا ھەيران بولىمەن. مەسچىتلەر ئاساسەن بىر نەچچە تۈرلۈك:- P9 O5 a x( x* Q# q
1. دىيانەت جامەسى. ئىماملىرىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەۋەتىدۇ، ھەم تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن مائاش ئالىدۇ، كىلىپ-كىتىپ تۇرىدۇ، بىر نەچچە يىل تۇرسا كېرەك. مەسچىتنىڭ قىسمەن چىقىمىنى تۈركىيە كۆتۈرسە، قالغىنىنى مەسچىتتىكى چايخانا، تاللا بازىرىدىن كىرگەن كىرىملەر، كىشىلەرنىڭ ئىئانە قىلغان پۇللىرى، ھەم مەسچىت ئىلىپ بارغان بەزى يەرمەنكە پائالىيەتلىرىدىن (كۆپىنچە ياز كۈنلىرى دەم ئىلىشقا توغىرلاپ تاماق چىقىرىدۇ) كىرىدىكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە باغلىنىپ تۇرغاچقا، ھەم بىر قەدەر ئوتتۇرا يولدا بولغاچقا گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بەك ئارلىشۋالمايدۇ، ھەم ئوچۇق نازارەت قىلمايدۇ. مەسچىتنىڭ بەزى پائالىيەتلىرىگە يەرلىك سىياسىيونلارمۇ كىلىپ قاتنىشىپ تۇرىدۇ. مىسالەن، بۇ يىللىق ئىپتار پالىيىتىگە شەھەر باشلىقى باشلىق بىر قاتار كىشىلەر قاتنىشىپ، ئىفتار قىلىپ ھەم چاي ئېچىپ كەتتى. (دىققەت: بۇيەردىكى چاي ئىچىش ۋەتەندىكى چاي ئىچىش سۆزى بىلەن خىلىلا پەرىقلىق)2. مىللى گۈرۈش جامەلىرى. بۇلار ياۋرۇپادا قۇرۇلغان تۈركلەرنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بىقىنمايدىغان دىننى ئۇيۇشمىسى، شۇنداقتىمۇ تۈركىيە بايرىقى ۋە مىللى مارىشلىرى گېرمان بايرىقى بىلەن تەڭ چايخانىلىرىدا ئېسىقلىق. پائالىيەتلىرى خىلى كۆپ. بەزى گېرماندىكى دىنى رادىكال كۈچلەر مۇشۇ مەسچىتلەردىمۇ ناماز ئۆتىگەنلىكى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ ئوچۇق نازارىتىگە ئۆتكەن. لىكىن ھىچقاچان خۇتبىلەردە ئاشقۇن دىنى ئىدىيەلەر سۆزلەنمەيدۇ. پەقەت بەزى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە سەل-پەل ئوڭچىمىش.3. ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى جامەلىرى. يەنى بۇلارنى سۇلايمانچىلارمۇ دەپ قويىمىز، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنداق ئاتىلىشىنى خالىمايدۇ. بۇلارنىڭ بەزى ئەھكاملىرىغا قارىغاندا سەل سولچىل دېسەك مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن (يەنى سەل بوشاراق). جۈمە، ھىيىت نامازلىرى، تەراۋى نامازىلىرى باشقا مەسچىتتىكىلەر بىلەن ئوخشاش شەكىلدە ئۆتىلىدۇ. خۇتبىلىرىدىمۇ چوڭ بىر پەرىق كۆرمىدىم.4. ئالبانىيەلىكلەرنىڭ ياكى بوسىنيەلىكلەرنىڭ مەسچىتىلىرى. ئۇلارمۇ سۈننى مەزھەپتە، تۈرك مەسچىتلىرى بىلەن كۆپ پەرقى يوق. پەقەت ئارىلاپ بايرىقىنى ئۇچرىتىپ قالىسىز مەسچىت ئىچىدە.5. ئەرەبلەرنىڭ مەسچىتلىرى. گېرمانىيەدە ئەرەبلەرمۇ خىلى بار، كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مەسچىت قىلىدىغانلىرى كۆپىنچە سالافىستچىلار. ھۆكۈمەت نازارىتىدە. ئۇلارنىڭ ئەسلىيەت ئىدىيەسى سەۋەبلىك، گېرمان ھۆكۈمىتى ئەڭ سەزگۈر قارايدىغان گۇرۇھلاردىن بىرى.6. چوڭاراق شەھەرلەردە پاكىستانلىق ياكى ھىندىستانلىقلارنىڭ مەسچىتلىرىمۇ بار (ئەخمەدىيلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).7. ئالەۋى مەدەنىيەت مەركەزلىرى. شەخسەن تازا بىلىپ كەتمەيمەن، بىلىشىمچە ئالەۋىلەر ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدۇ. باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ.مەن بۇ يەردە قىسقىچىلا توختالدىم. بۇ ھەقتە تەپسىلى يېزىلغان مەزمۇنلار توردا بار. ئەڭ مۇھىمى: ئادەتتە، كۆپىنچە كىشىلەر مەسچىت ئايرىشماي، قايسى قولايلىق بولسا شۇ مەسچىتكە بىرىپ ناماز ئۆتەيدۇ. كىشىلەر ھەم بىر-بىرىنى ئالدىراپ باھالىمايدۇ. ھەممە بىر-بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىنىق بىر چەك چىگرا قىلۋالمىغان. بۇنىسى كىشىنى خوش قىلىدۇ.2008-يىلدىكى ستاتېستېكىغا ئاساسلانغاندا پۈتۈن گېرمانىيەدە (ناماز قىلغىلى بولىدىغان) ئىسلام مەركەزلىرى 2600 گە، بۇنىڭ ئىچىدە مىنارەتلىك رەسمى مەسچىت ھىسابلىنىدىغانلىرى 200 گە يەتكەن. ھەم بۇ سان داۋاملىق كۆپەيمەكتە. قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى مەنبەلەردىن رەسىملىرىنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:
http://en.wikipedia.org/wiki/Lis ... ostrecke-36113.html
9 x& l1 ^6 _& gھىجىرىيە 1434-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى، رامىزاننىڭ 27-كېچىسى; p6 N& k9 o4 g
ئۇلم
oghuzkb
ئەسكەرتىش :- بۇ توختۇرنىڭ يۇقىرىدىكى تېمىسىغا مۇناسىۋەتسىز تېما ئىدى بىراق
http://www.xahtur.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=883 مەن بۇ مۇنبەردىن تۇلۇق ئۇقۇشقا قۇلايسىز بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۆزۈم ئۇقۇپ پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئىنكاس شەكىلىدە چاپلىدىم. خاتا چۈشۈنۈۋالماڭلار!