altun_anqar يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 06:47 PM
سىز قايسى زاماندا قالدىڭىز يولداش خوتەننى داڭلاپ ...
بىر ئېغىز گەپ ، باي-كەمبەغەللىك پەرقى چوڭ !!!
نوپۇسى 2 مىلىيۇنغا يېقىنلىشىدىغان خوتەننىڭ 2012-يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 14.5مىلىيارد يۇەن ، نوپۇس سانى خوتەندىن سەل ئاز سانجى ئوبلاستىنىڭ بولسا 82.6 مىلىيارد يۇەن .نوپۇسى ئاران 600مىڭ ئەتىراپىدا بولغان شىخەنزە شەھرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 20.9مىلىيارد يۇەنگە يەتكەن .خوتەننىڭ كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئارقىدا تۇرىدۇ ، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىستاتسىتىكا ئىدارىسىنىڭ تورىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى تاپالايسىز .ئەگەر لازىم بولسا 2013-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئاپتونۇم رايونىمىز ئىچىدىكى ۋىلايەت-ئوبلاستلارنىڭ GDP ۋە ئېشىش سۈرئىتىنى تەھرىرلەپ ئەۋەتىپ بېرەي .
بىر رايوننىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى بايلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى بەلگىلىمەيدۇ .