anzar0903 ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ 2013-8-7 07:56 PM
ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻛﯜﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، سىز بۇرۇن ۋە كىيىن يوللىغان ئىنكاسلىرىڭىزدا دەۋاتقان خوتەن شۇ مەن 26يىلدىن بىرى ياشاپ كىلىۋاتقان خوتەن بىلەن بىر جايمۇ قانداق؟ سىز خوتەننىڭ قايسى جايلىرىنى قانچىلىك كۆرۈپ باققان؟ قانچىلىك ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىسىز؟ مەنمىغۇ مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان . بىر نەچچە يىلدىن بىرىمۇ خىزمەت ئىشى بىلەن يەتتە ناھىيە بىر شەھەردىكى ھەر خىل ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن.
خوتەندە مال باھاسى بەكلا قىممەتلىكى راست . لىكىن خوتەن كىشىلىرىنى باي دىسىڭىز، ئۇنداقتا جوڭگۇدا نامرات يۇرت قالمىغان ئوخشايدۇ.
ئاز ساندىكى كىشىلەردىن باشقا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئىقسىادىي ھالى گەرچە بەك خاراپ دىگىلى بولمىسىمۇ لىكىن ماختىغۇچىلىك ئەمەس، باشقا يۇرتلار بىلەن سىلىشتۇرغۇدەك يەرگە يەتكەنمۇ ئەمەس.
سىزمۇ مىليادىر ئاغىنىڭىزنىڭ ھىكايىلىرىگە ئاساسلىنىپلا ھاياجانلانماي، ئۆزىڭىز كۆرۈپ بىقىڭ. خىلى كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز تىخى تىرىكچىلىكنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران چىقىۋاتىدۇ يا تىخى قىسىلىپ ئۆتۈۋاتىدۇ.