izqel يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 02:31 PM
بۇ بىر ھىكايىكەن.بىراق ھازىر ۋە بۇرۇنمۇ موللام يوق ئەھ ...
تېما يوللىغۇچى راس دەيدۇ، بىر ناھىيە ھەتتا شەھەرنى پۇلغا ئېلىپ ساتىدىغان ئىشلار ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇيغۇرلار ئارسىدا كۆپ بولغان ئىش، ھازىر ئۇيغۇر سودىگەر ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆپلەپ كىرىشى ۋە ئاڭ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن بۇ ئىشلارمۇ ئازلاپ قالدى. بۇنداق ئىشنى يۇرت تەرەپتە كۆپ كىشلەر ئاڭلاپ باقمىغان ھەم ئاڭلىسىمۇ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، شۇڭا سىزنىڭ بۇنى كېسىپلا خاتالىق بار دىيىشىڭىز يەڭگىللىك قىلغىنىڭىز. ھازىرقى مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ گۇاڭجو ۋە شاڭخەيگە كىرىدىغان ئۇيغۇرنى ئاق سودىسى قىلىدۇ، ئاق سودىسىدىن باشقا نىمە ئىش بار ئۇ تەرەپتە دەيدىغانلا بەك كۆپ، يۇرتتىكى چوڭلارنىڭ 70 پىرسەنتىن كۆپرەكى مۇشۇنداق قارايدۇ، بۇ مىنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان گىپىم ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە گۇاڭجونىڭ ئۆزىدىلا 300 دىن كۆپرەك ئۇيغۇر ياشنىڭ تەرجىمانلىق بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلىقى ۋە
2000 يىقىن(تۆۋەن مۆلچەرىم) ئۇيغۇرنىڭ ھەرخىل ئۇششاق چوڭ ھالال تىجارەت بىلەن شۇغۇنلىنىدىغانلىقىنى كۆپ كىشلەر خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەسلىكى مۈمكىن، شۇ گۇاڭجونىڭ مەلۇم بىر ئۇيغۇر رېستۇرانىدا يۇرتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كېلىپ تونۇشۇپ قېرىنداش بولۇشقان 6- 7 ئۇيغۇر ياشنىڭ يۇرتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىنى پەرەزلىرىگە سىغماسلىقى مۇمكىن.
بۇنداق بولىشىغا ئىلگىركى شۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەر سەۋەپ بولغىنى ئېنىق، «ياخشى سۆز بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان سۆز يەتتە تاغ ئاتلاپتۇ» دىگەن شۇ ئاتىلارنىڭ نەقلى بويىچە يامان خەۋەر ئىتتىك ۋە كۆپ تارقايدىكەن ھەم ئۇنتۇلمايدىكەن، بۇ ئىشلارمۇ ئۆزگۈرۈپ كىتە، ئىنشااللاھ!!!
بەلكىم تاقا-تۇقا سۆزلەپ قويدۇم، ئۆزۈرلۈك ئادەممەن...