parol يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 03:19 PM
قارسام خېلا ياشقا كىرگەندەك قىلسز ئەپسانە دىگەن سىزچ ...
نېمىگە ھەيران قالىسىز ؟؟ بۇنداق ئىشلار ئىچكىرىدىلا ئەمەس چەتتىمۇ بار . چەتتە ئوقۇۋاتقان بالىلار موللام تاپالماي قالغانلىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىلىدۇ . يا ئۆيىگە ۋاقتىدا قايتالمىسا ، يا پاسپورتنىڭ چىڭلىقىدا ئاتا-ئانىلىرى يېنىغا بارالمىسا قانداق قىلىدۇ ؟ ئۆزلىرى ھەممە توي تەييارلىقىنى قىلىپ ، دوستلىرىنى چاقىرىپ تەييار بولغاندا ، ئۆيدىكىلىرى ۋەتەندە تۇرۇپ موللام چاقىرىپ ، كومپيۇتېر كامېراسى ئارقىلىق نىكاھ ئوقۇيدۇ ، ۋەتەندە قىز - يىگىت يوق بولغان توي بولىدۇ ، چەتئەلدە ئاتا-ئانىسى يېنىدا يوق بولغان توي بولىدۇ . بۇنداق مىسال بەكلا جىق !!! موللام تاپالىغانلىرىمۇ شۇنداق ، ئاتا-ئانىسى كامېرادا گۇۋاھ بولۇپ دۇئا قىلىشىدۇ . ئاتا-ئانىسى يېنىغا بارغانلار بولسا بەك خۇش بولىمىز . بىر ئۆيدىن تېخى ئىككىسىنى چىقارغىلى قويمايدۇ ، ئادەتتە كېلەلىسە ئاپىسى كېلىپ قاتنىشىدۇ .
قالغان توينى نەچچە يىلدىن كېيىن ، مەكتىپى پۈتكەندە ، يەنە باشقا ئىشلىرى پۈتۈپ ۋەتەنگە قايتالايدىغان بولغاندا ئاندىن ۋەتەندە نىكاھنى قايتا ئوقۇپ، نورمال توي قىلىدۇ . مەن بۇ ھېكايىنى قىلچىمۇ يالغان ھېس قىلمىدىم . چۈنكى ئەتراپىمدا بۇنداق ئىش جىق ! چۈنكى چەتتە ئوقۇيمىز دەپ چىققانلار پۈتتۈرۈپ بولۇپ توي قىلىمەن دېسە يېشى 30 دىن ئېشىپ كېتىدۇ .
ھازىر مۇشۇنداق توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ بولغان دوستلىرىم بار ، نەچچىسى ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ ۋەتەنگە قايتىپ توي قىلدى ، توي قىلغاندا بالىلىرى ئەتراپىدا ئويناپ يۈردى . بۇنداق ئىش جىق .
بۇ ھېكايىدىمۇ قىز يۇرتىغا قايتسا يۇرتنىڭ باشلىقلىرى تىنچ قويمايدىغانلىقىنى دەپتۇ ، شۇڭا قايتماي تېلفوندا ئوقۇپتۇ .
چەتتىكى بولسۇن ، ئىچكىرىدىكى بولسۇن ، ئۆزۈرلۈك بولسا ئامال يوق ، بويتاق يۈرۈش ياكى نىكاھ قىلماي بىر ئۆيگە كىرىۋېلىشتىن مىڭ ياخشى .
قارىسام يازغان ئىنكاسىڭىزنىڭ تەڭدىن تولىسى خەقنى مەڭسىتمەسلىك ، چۈشۈرۈش تەلەپپۇزىدا يېزىلغانكەن ، ئازىراق ئەخلاق تەربىيىڭىز بولسا بۇنداق تەلەپپۇزدا سۆزلىمەڭ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohtihan1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-4 05:22 PM