izqel يوللىغان ۋاقتى 2013-8-4 02:49 PM
ياخشىمۇ سىز ئەركىن ئاكا،سىز ئوتتۇرغا قۇيغان بۇ تىلىسك ...
ناسا نىڭ يېتەكچىلىكىدە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى بىلەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە تەتقىق قىلىۋاتقان، يەر يۈزىدە ياسىلىدىغان، ئاساسلىق ئەينىكىنىڭ دىيامېتىرى 30 مېتىر كېلىدىغان بىر تېلېسكوپ بار بولۇپ، 2013-يىلى 26-ئىيۇل كۈنى، بۇ تېلېسكوپنىڭ ئىشىنى 5 دۆلەت بىرلىكتە قىلىدىغانلىقى توغرۇسىدا بىر كېلىشىم تۈزگەن. بۇ دۆلەتلەر ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە جۇڭگو. بۇ تېلېسكوپقا جەمى بىر يېرىم مىليارد دوللار پۇل كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ پۈتكەندە ھازىرغىچە ياسالغان ئەڭ چوڭ تېلېسكوپ بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەينىكى جەمى 492 پارچە كىچىك ئەينەكتىن ياسىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر كىچىك ئەينەكنىڭ دىيامېتىرى 1.44 مېتىر كېلىدۇ. بۇ تەتقىقات تۈرىگە مەھسۇل ئورۇن بىزنىڭ باش ئىدارىمىز « كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى » بولۇپ (ئۇنىڭ بىزنىڭ ئىدارە بىلەن بولغان ئارىلىقى 8 كىلومېتىر كېلىدۇ)، مەن بۇ تۈرگە بۇرۇن ئازراق قاتناشقان، كېيىنچە يەنە قاتنىشىشىم مۇمكىن. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرەلەيسىز (ئەگەر ئىنگلىزچە بىلسىڭىز):
http://www.thehindu.com/sci-tech ... /article4960582.ece
ئەمدى سىز سورىغان ئىككىنچى ئىشقا كەلسەك، ئامېرىكىدىكى ئايدۇرمىلاردا ئىشلىتىلىدىغان، ئېكس-نۇرى بىلەن بەدەن تەكشۈرىدىغان ئۈسكىنە ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرەلەيدۇ (ئاشۇ ئۈسكىنىنى ياسايدىغان شىركەتتە بىر يۇقىرى رەھبەرلىك ئورنىدا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر بار). بۇ ئۈسكىنە ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارشىلىقىغا خېلە كۆپ ئۇچرىغان. ئۇلارنىڭ قارشى تۇرغىنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرىۋالغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئېكس-نۇرىنىڭ ئۆز بەدەنلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرىدۇر. مەن ئاشۇنداق ئۈسكۈنىدە تارتىلغان رەسىمدىن بىرنى تاپقان ئىدىم. براق بۇ يەرگە چىقىرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. بۇ ئۈسكۈنە ھەققىدە
http://bodyscannertruth.com/ دە ئىنگلىزچە تەپسەلىي ئۇچۇر بار ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilimxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-5 12:49 AM